查看原文
其他

【维语版】麦尔丹·木盖提:致阿克苏维吾尔族同胞的公开信

2017-04-16 拜城零距离



ئاقسۇدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئوچۇق خەت

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى مەردان مۇقىيت

ئاقسۇدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار:

بىز نېمە دېگەن ياخشى دەۋردە ياشاۋاتىمىز-ھە! ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز گۈللىنىۋاتىدۇ، پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر نىيەتتە بوشاشماي تىرىشىۋاتىدۇ، ئىقتىساد سىجىل، ساغلام راۋاجلىنىۋاتىدۇ، خەلقنىڭ تۇرمۇشى كۈنسايىن ياخشىلىنىۋاتىدۇ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تېز ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، ھەر مىللەت خەلقى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋاتىدۇ، گۈللەپ ياشناشتەك گۈزەل مەنزىرە كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولماقتا، مۇشۇنداق گۈزەل چوڭ ئائىلىدە ياشاۋاتقانلىقىمىزدىن قانداقمۇ ئىپتىخارلانماي، بەخت تۇيغۇسىغا چۆممەي تۇرالايمىز! بىزنىڭ شىنجاڭ ئەزەلدىن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر ئەزاسى، ھەر مىللەت خەلقى بۇ زېمىننى ئورتاق ئېچىپ ۋە قۇرۇپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق يارىتىپ، بۇ زېمىننىڭ ئىناقلىقى ۋە تىنچلىقىنى ئورتاق قوغداپ كەلدى، شىنجاڭدا، جۈملىدىن يۇرتىمىز ئاقسۇدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كېلىپ، نامرات ۋە ئاجىز ۋىلايەتتىن تەرەققىي قىلىپ ھەممە كەسىپ گۈللەنگەن ۋىلايەتكە ئايلاندى، ھەر مىللەت خەلقى كىيىنىش ۋە تويۇنۇشتىن غەم قىلماي، بەختىيار، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، بىز بۇنى قەدىرلىشىمىز كېرەكتە!

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قۇردى ۋە راۋاجلاندۇردى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ مۇنبەت زېمىندا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقىگە چەكسىز غەمخورلۇق قىلدى، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى. بولۇپمۇ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىزگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى، ئالاھىدە كۆيۈندى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالدىراشچىلىق ئىچىدىن  ۋاقىت چىقىرىپ شىنجاڭغا مەخسۇس كىلىپ ھەر مىللەت ئاممىنى يوقلىدى، شىنجاڭ خىزمىتىنى مەخسۇس مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى، مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى مەخسۇس ئېچىپ ۋە مۇھىم سۆز قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قاراتمىلىقى بار ئالاھىدە يۆلەش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ چىقتى،  مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كۈچى بىلەن ئىتتىپاق-ئىناق، گۈللەنگەن-باياشات، مەدەنىي، ئالغا باسقان، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇۋاتىدۇ. بۇ يىل 3-ئاينىڭ 10-كۈنى باش شۇجى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ  5-يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا بىۋاسىتە قاتنىشىپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ يۈرەك ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليۇرۇق بېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە چەكسىز ئىللىقلىق يەتكۈزدى. بۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىزگە قىلغان زور غەمخورلۇقى ئەمەسمۇ! مۇشۇنداق چوڭ بىر دۆلەتنىڭ رەئىسى بولغان باش شۇجى شى جىنپىڭ چېگرا رايوندىكى بىز ھەر مىللەت خەلقىنى ئويلاۋاتسا، چېگرا رايوندىكى خەلقىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتسا، بىزنىڭ بەختىمىز ۋە خاتىرجەملىكىمىزگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتسا، بىز مىننەتدارلىق بىلدۈرمەي تۇرالايمىزمۇ! مەن مەركەزنىڭ 2-قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىشقا مۇۋەپپەق بولۇپ، باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تەلىملىرىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلىدىم، ھاياجىنىمنى سۆز بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. مەن ئاقسۇدا ياشاۋاتقان ۋە ئىشلەۋاتقان بىر ئۇيغۇر ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن،  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلققە بولغان سەمىمىي ھېسسىياتىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلققە بولغان چوڭقۇر مۇھاببىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم. بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يېتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، باش شۇجىنىڭ بىزدىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدىگە ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇشىمىز، گۈزەل يۇرت-ماكانىمىزنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق ياخشى قوغداپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى ئورتاق قۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.

شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت گىرەلىشىپ گۈللەنگەن رايون، ئۇزۇندىن بۇيان، بۇ مۇنبەت تۇپراقتا ياشاپ كېلىۋاتقان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئىناق ئۆتۈپ، بۇ مۇنبەت زېمىننى بىرلىكتە قوغداپ، ئورتاق ئېچىپ ۋە قۇرۇپ، پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق يارىتىپ، جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولىدىغان قېرىنداشلىق مېھرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆزئارا يۇغۇرلۇپ كەتكەن، قان بىلەن گۆشتەك ئايرىلماس تەقدىرداشلىق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈردى. بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان بىز ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرى بۇ تەقدىرداشلىق گەۋدىسىدە، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت خەلقىنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشىنىڭ ئۈمىدى بۇ تەقدىرداشلىق گەۋدىسىدە، بۇ تەقدىرداشلىق ئورتاق گەۋدىسىنى ياخشى قوغداش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش ــ ھەمىمىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى، بارلىق مۈشكۈلات ۋە توسالغۇلارنى يېڭىشىمىزدىكى كۈچ مەنبەسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ: «دۆلەت ۋە مىللەت گۈللەنسە، ئاندىن پۇقرالار روناق تاپىدۇ» دەپ كۆرسەتتى. بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز بۇ سۇنماس ھەقىقەتنى قەلبىمىزگە مەھكەم پۈكۈپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك!

بىر مەزگىلدىن بۇيان، مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان-تېررورچىلار تارىخىي پاكىتقا قىلچە پەرۋا قىلماي، «مىللەت» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، «دىن» تونىغا ئورىنىۋېلىپ، شىنجاڭ تارىخى، شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى، شىنجاڭدىكى دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىنى بۇرمىلاپ ۋە ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىكنى تەرغىب قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىپ، ئۇيغۇر ئاممىمىزنى قايمۇقتۇرۇپ، ئاسان قولغا كەلمىگەن بەختىيار تۇرمۇشىمىزغا تۈرلۈك-چارە ئاماللار ئارقىلىق بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇلار «غازات قىلىپ شېھىت بولسا جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەننى تەرغىب قىلىپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر، دىن سىياسىتىگە ھەدەپ ھۇجۇم قىلىپ ۋە ھاقارەت قىلىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تارقىتىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلمەيدىغان ئاممىنى ئاتالمىش «ھىجرەت قىلىپ غازات قىلىش»قا قايمۇقتۇرۇپ، ئېقىمغا قارشى ھەرىكەت قىلىپ، جانغا زامىن بولۇپ، قانۇننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قاتتىق دەپسەندە قىلدى، بۇ مۇنبەت زېمىندا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقىمىزگە ئېغىر زىيانكەشلىك قىلىپ،  نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى، كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئوخشاشلا ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە چوڭقۇر ئۇچرىدى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق ــ ئامەت، بۆلگۈنچىلىك، قالايمىقانچىلىق ــ ئاپەت. بىز كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، ھەق-ناھەقنى ئېنىق پەرقلەندۈرۈپ، كىمنىڭ دۈشمىنىمىز، كىمنىڭ قېرىندىشىمىز ئىكەنلىكىنى، خاتىرجەم  تۇرمۇشىمىزغا كىمنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، كىمنىڭ  تەرەققىي قىلىشىمىز ۋە ئالغا بېسىشىمىزغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق تونۇشىمىز كېرەك. ئەجىبا، بىز داۋاملىق سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋېرىمىزمۇ؟ ئەجىبا، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ سۇيىقەستىنىڭ ئەمەلگە ئېشىپ، تۇغقانلارنى تەتۈر قاراشتۇرۇپ، قېرىنداشلار ئارا ئۇرۇش-تالاشقا سېلىپ، مىڭبىر جاپا-مۇشەققەتتە بەرپا قىلغان گۈزەل تۇرمۇشىمىزنى نابۇت قىلىشىغا قاراپ تۇرۇمىزمۇ؟ ئەجىبا، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ بىز ئۇيغۇرلارنى چەكسىز ئازابقا سۆرەپ كىرىشىگە قول قوشتۇرۇپ تۇرىمىزمۇ؟ بىز ھەرگىز قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرمايمىز! ھەر مىللەت خەلقى ھەرگىز قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرمايدۇ!! ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزمۇ ھەرگىز قول قوشتۇرۇپ قاراپ تۇرمايدۇ!!! ۋىجدانى بار ھەر بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز چوقۇم باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەپت-بەشرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، سۇيىقەستلىرىنى ئاشكارىلاپ، بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى، گۈزەل يۇرت-ماكانىمىزنى بىرلىكتە قوغداپ، ھەر مىللەت خەلقى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇرۇپ، پولات ئىستىھكام بەرپا قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نى، يامانلارنى يىلتىزىدىن قەتئىي قۇرۇتۇپ، ئۇلارنى خەلق ئۇرۇشى دېڭىزىغا غەرق قىلىپ، ئاقسۇدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىناق، تىنچ، گۈزەل تۇرمۇشىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

ئۇچۇر يۈكسەك تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى دۇنيادا، بەزى دۆلەتتىكى خەلقنىڭ تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە قاراپ باقايلى، ئافغانىستان خەلقى تالىبان ئەسەبىي كۈچلىرىنىڭ قارا پەردىسى ئاستىدا، نامراتلىقتىن چۈشكۈنلىشىپ، تويغۇدەك تاماق يېيەلمەي، مۇقىم ئولتۇرىدىغان ئۆيگىمۇ ئىگە بولالماي، زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشتىن بارغانچە يىراقلىشىپ، ئوتتۇرا ئەسىردىكىدەك زۇلمەت ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. يەنە سۇرىيە خەلقىگە قاراپ باقايلى، كۆپ يىللىق ئۇرۇش مالىمانچىلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇلار يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ مۇساپىر بولۇپ، سەرسانلىق-سەرگەردانلىقتا يەتكۈچە جەۋرى-جاپا تارتتى، ھەر قېتىم بىچارە بالىنىڭ دېڭىزدا جېنىدىن جۇدا بولغانلىقىنى ئويلىغىنىمىزدا، مۇھتاجلىق ئىچىدە تەلمۈرگەن ئاشۇ كۆزلەرنى كۆرگىنىمىزدە، پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلغان دادىلارنى، ئانىسىدىن ئايرىلغان پەرزەنتلەرنى كۆرگىنىمىزدە، ئىچىمىز نەقەدەر ئاچچىق بولۇپ كېتىدۇ-ھە. يەنە  ئىراققا قاراپ باقايلى، كۈندە دېگۈدەك پارتلىتىش، تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بېرىۋاتىدۇ. يەنە ئاتالمىش «IS ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ ۋەھشىيلىكىگە قاراپ باقايلى، ئۇلار نۇرغۇن بىگۇناھ جانغا زامىن بولۇپ، نۇرغۇن ئائىلىنى خانىۋەيران قىلدى. بىز مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ بىر دۆلەتتە، مانا مۇشۇنداق ئىناق، تىنچ مۇھىتتا ياشاۋاتقانلىقىمىزدىن خۇرسەن بولماي تۇرالمايمىز، مۇشۇ تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەيلى! پەقەت ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز چوڭ ئائىلىسىنىڭ قوينىدا بولساقلا، بارلىق ئىشلىرىمىز كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ، بارلىق ئارزۇيىمىز رېئاللىققا ئايلىنىدۇ!

چېن چۈەنگو شۇجى باشچىلىقىدىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي، كەسكىن ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا بىر قاتار تەدبىرلەرنى تۈزۈپ يولغا قويدى، مانا بۇ ئەڭ زور ئەلرايى، بىز ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تەقەززاسى، بۇنىڭ ئۆزى بىز ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوغدىغانلىقتۇر. جەنۇبىي شىنجاڭدا، ئاقسۇدا ياشاۋاتقان ھەر مىللەت خەلقى، جۈملىدىن بىزنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزمۇ بۇ بىر قاتار سىياسەت، تەدبىرلەردىن ئەڭ زور دەرىجىدە بىۋاسىتە مەنپەئەت ئالغۇچىلاردۇر، بۇ ھەممىمىزگە ئورتاق ئىش بولۇپ، ھەممىمىزنىڭ ئورتاق قاتنىشىپ، ئورتاق ھەسسە قوشۇپ، يېڭى، گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئەتراپىمىزغا قاراپ باقايلى، بىزنىڭ سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىمىز ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىل يەسلى مائارىپىدىن، 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ، ھەممە ئادەم سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش ۋە كۈنسايىن مۇكەممەللىشىۋاتقان داۋالاش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ، ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى، چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ھەممىمىزنى بىخەتەر، ئازادە يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، تۈرلۈك ئەلنەپ سىياسىتى ھەممەيلەننى كىيىم-كېچەك ۋە يېمەك-ئىچمەكتىن ئەندىشە قىلماي، خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. ئاقسۇدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەك، ئىقتىساد تېز تەرەققى قىلىۋاتىدۇ، خەلق تۇرمۇشى سىجىل ياخشىلىنىۋاتىدۇ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇستەھكەملىنىۋاتىدۇ ۋە راۋاجلىنىۋاتىدۇ، ئاقسۇ دەرياسى، ئۆگەن دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ، يۆلەش-ئېچىش سالمىقى ئاشۇرۇلۇۋاتىدۇ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى باسقۇچلۇق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى.  ھازىرنى ئۆتمۈش بىلەن سېلىشتۇرساق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشى، ئۇل ئەسلىھەلىرى كۈنسېرى مۇكەممەللىشىۋاتقان، خەلقنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان ئاقسۇ كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىدۇ. ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنى چوقۇم قەدىرلەپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىنى بىلىپ، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك، مۇشۇنداق قىلساقلا، بەختىيار تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيمىز، پايدا-مەنپەئەتنىڭ قەيەردىن كېلىۋاتقانلىقىنى، كىمگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەكلىكىنى، ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ بىزنى جەننەتتەك گۈزەل تۇرمۇشقا باشلىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. «ئۈچ خىل كۈچ» بىزنى قاراڭغۇ «دوزاخ»قا سۆرەپ كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ «غازات قىلىپ شېھىت بولسا جەننەتكە كىرىدۇ» دېگەن ئاتالمىش سەپسەتىسىدىكى «جەننەت» دەل چەكسىز ئازاب-ئوقۇبەت بىلەن تولغان «دوزاخ»تۇر. پولاتتەك پاكىت ئالدىدا، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز قايسى يولدا مېڭىش توغرىسىدا يەنە ئىككىلىنىپ تۇرىمىزمۇ؟

ئاقسۇدىكى كەڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلار: ھەرىكەتكە كېلەيلى! ئاقسۇدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ياخشى ئوغلانى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قەھرىمانى مەھەممەتجان توخنىيازغا ئوخشاش قۇربان بېرىشتىن قورقماي، «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن ئاخىرغىچە ئېلىشىشىمىز كېرەك، بىز بىرلىكتە ھەرىكەتكە كەلسەكلا، قۇدرەتلىك ئىجابىي ئېنېرگىيە توپلىيالايمىز، مىللەت ئۈمىدكە تولىدۇ، دۆلەت كۈچىيىدۇ. ئالدىمىزدا پەقەت بىرلا يول بار، ئۇ بولسىمۇ، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە قەتئىي ئەگىشىپ مېڭىش، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يۇرت-ماكانىمىزنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئورتاق قوغداش، گۈزەل كەلگۈسىمىزنى ئورتاق يارىتىشتىن ئىبارەت. بۇ يول پارلاق يول، ئۈمىدكە تولغان يول بولۇپ، بىزنى چوقۇم بەخت مەنزىلىگە باشلايدۇ، ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى پارلاق بولىدۇ، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ قوينىدا بىز چەكسىز بەختكە چۆمۈلىمىز.

قېرىنداشلار بىر نىيەتتە بولساق، ھەر قانداق ئىش ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. ھەممىمىز ھەر مىللەت قېرىنداشلار بىلەن ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نى قەتئىي پاكىز تازىلاپ، پاكىز قېزىپ چىقىپ، تەلتۆكۈس يوقىتىپ، بىر جۈپ ئىشچان بىلىكىمىز بىلەن ئاقسۇنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى!



来源:阿克苏零距离


推荐链接

新疆互联网信息办公室等部门依法查处十起传播违法信息典型案例

【拜城·文萃】英买里村春的旋律

【教育惠民】拜城县召开2017年农村学前双语幼儿园项目工作推进会

拜城县直机关党员干部义务劳动 为“党员先锋日”增光添彩

美化排版:魏百宁    总编辑:孔郁苗    终审:魏波



投稿邮箱:3098535540@qq.com    

 电话:0997——8636819


您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存