شىنجاڭدا ھەر 100 كىشىگە 90 تېلېفون توغرا كېلىدۇ
شىنجاڭدا ھەر 100 كىشىگە 90 تېلېفون توغرا كېلىدۇ
ئىستاتىستىكا دوكلاتى سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مۇقىم تېلېفون ئىشلەتكۈچىلىرى 5 مىليون 236 مىڭغا يېتىپ، 2014-يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.2 تۆۋەنلىگەن، نۆۋەتتە شىنجاڭدا مۇقىم تېلېفوننىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى ھەر 100 كىشىگە 22.8 تېلېفون توغرا كېلىدىكەن
ئىستاتىستىكا دوكلاتى سانلىق مەلۇماتىدا يەنە كۆرسىتىلىشىچە ، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەرئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆچمە تېلېفون ئىشلەتكۈچىلىرى 20 مىليون 672 مىڭغا يېتىپ، 2014-يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.5 تۆۋەنلىگەن. كۆچمە تېلېفون ئومۇملىشىش نىسبىتى ھەر 100 كىشىگە 89.9 تېلېفون توغرا كەلگەن. ئۈرۈمچى جۇڭچۈەن مەيدانىدا 12 يىل تېلېفون سېتىش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىجارەتچى چېن خاۋ مۇنداق دېدى:«ھازىر يەسلىدە ئوقۇيدىغان بالىلار ۋە يېزىلاردىكى 80، 90 ياشلىق ياشانغانلاردىن باشقا ئاساسەن دېگۈدەك ھەممە ئادەمنىڭ بىردىن تېلېفونى بار».
ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، كۆچمە تېلېفون ئىشلەتكۈچىلەر ئىچىدە 2015- يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەرئاپتونوم رايونىمىزدىكى 3G كۆچمە تېلېفون ئىشلەتكۈچىلىرى 12مىليون 137 مىڭغا يېتىپ، 2014-يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.2 ئاشقان.2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كەڭ بەلباغلىق تورئورناتقانلار سانى 3 مىليون 226 مىڭغا يېتىپ 2014-يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %.5.5 ئاشقان.