查看原文
其他

يۈەنلىك قەغەز پۇل ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدۇ1

2016-04-13 sebiler




جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ بۇ يىلدىن باشلاپ قىسمەن ئۆلكىلەردە تەدرىجىي ھالدا 1 يۈەنلىك تەڭگە پۇلنى تارقىتىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشىغا ئەگىشىپ، بەزى مىش-مىش پاراڭلاردا «1 يۈەنلىك قەغەز پۇل قىسقا مۇددەت ئىچىدە بازاردىن چېكىنىدۇ» دېيىلدى. مەركىزى بانكا پۇل ، ئالتۇن-كۈمۈش ئىدارىسى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ ،1 يۈەنلىك قەغەز پۇل ۋە تەڭگە پۇلنىڭ خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئىچىدە بىللە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 

مەركىزى بانكا پۇل، ئالتۇن-كۈمۈش ئىدارىسى پۇل، ئالتۇن-كۈمۈش ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىمنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، تەڭگە پۇلنى قەغەز پۇلغاسېلىشتۇرغاندا ئىشلىتىش ئۆمرى ئۇزۇن، مۇھىت ئاسراشقا پايدىلىق ، ئاپتوماتىك بىرتەرەپ قىلىشقا قولاي بولۇپ، دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە كىچىك ئاز سوممىلىق پۇللارنىڭ كۆپىنچىسى تەڭگە پۇل ئىكەن. 1992-يىلىدىن باشلاپ مەركىزى بانكا تەدرىجىي ھالدا ئاز سوممىلىق تەڭگە پۇللارنى كېڭەيتكەن . ئەمما جۇڭگونىڭ زېمىنى كەڭرى ، نوپۇسى كۆپ، پەرقى چوڭ، ئېھتىياج كۆپ خىل بولۇپ، قەغەز پۇلىنى تەڭگە پۇللاشتۇرۇش جەريانىدا كۆپ خىللىق ئېھتىياج ۋە ئاممىنىڭ ئادىتىنى تولۇق ئويلىشىدىغان بولۇپ مەجبۇرىي كېڭەيتمەيدىكەن. 


سىزنىڭ قوللىشىڭىز --سەبىيلەرنىڭ تەرەققىيات ئاساسى  !

سالونىمىزنى قوللاپ قۇيۇڭ



您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存