查看原文
其他

ئانا، ئوزۇقلۇق ۋە ھامىلە: بولغۇسى ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن

2016-05-07 sebiler





ID:Sebiler

ئانا، ئوزۇقلۇق ۋە ھامىلە: بولغۇسى ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن


 مەزكۇر ماقالە 2014-يىلى 7-ئايدا ئامېرىكا مىچىگان شىتاتىدا ئېچىلغان دۇنيا «كۆپىيىش بىئولوگىيىسى ئىلمىي جەمئىيتى يېغىنى» دا ئىنگلىزچىدا ئوقۇلغان ۋە تۇنجى قېتىم پرىمات (مايمۇنسىمانلار) تىپىدىكى جانلىق ھامىلە مېڭىسىنىڭ ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدىكى تولۇق گېنلىرىنى ئېنىقلاپ چىققان ۋە ئانىدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ مېڭە يېتىلىشىگە زادى قانداق تەسىرى بارلىقىنى يېڭى ئەۋلاد گېن تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ گېن سەۋىيىسىدە ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ياخشى تەتقىق قىلىنغان ۋە ئەڭ ياخشى يېزىلغان ماقالىلەرگە بېرىدىغان تەتقىقات مۇكاپاتى - «لالور تۆھپە مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. بىلىمدان ژۇرنىلىدا ئۇيغۇرچە ئاممىباپلاشتۇرلۇپ ۋە قىسقارتىپ ئېلان قىلىندى.


ھامىلە يېتىلىشى جەريانىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. ھامىلە ۋە بوۋاقلارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھېلىھەم دۇنيادىكى ئەڭ زور مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ھامىلە ۋە نارەسىدىلەر (يېڭى تۇغۇلغان مەزگىلدىكى بوۋاقلار) نىڭ ئۆلۈپ كېتىشىدىكى ئەڭ چوڭ ئامىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھازىر دۇنيادا 1 مىلياردتىن ئارتۇق كىشى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ دەردىنى تارتىدۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئافرىقا ۋە ئاسىيادا ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىمۇ ھەر يىلنىڭ مەلۇم مەزگىلىدە يېمەكلىكتىن قىسىلىدىغان ئائىلىلەر خىلى كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدۇ. مەسىلەن، ئامېرىكا يېزا-ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا ئامېرىكىدا جەمئىي 18 مىليون ئائىلە (50 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇس) يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمايدۇ.

دېمەك، يېتەرلىك مىقدار ۋە سۈپەتتىكى ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمەسلىك دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھامىلىدار ئاياللارغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قاراشقا بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى، كېسەلچان تۇغۇلۇشى ۋە نارەسىدە مەزگىلىدە ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى يۇقۇملىنىش بولسا، يەنە بىرى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ھەرقانداق باشقا ئامىللاردىن زور خەۋپ ئامىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ھامىلىدار ئاياللارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە، ئۇ ھالدا تەبئىيلا ئانا قورسىقىدا يېتىلىۋاتقان ھامىلىگىمۇ ئوزۇقلۇق يېتىشمەيدۇ ۋە  يىلدا نۇرغۇنلىغان بوۋاقلار ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن ئانىلاردىن تۇغۇلماقتا. بۇ ماقالىدە مېڭە تۈزۈلۈشى  ئىنسانلارغا ئەڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغان پرىماتلار تىپىدىكى ھايۋانلارنىڭ بىرى بولغان ئىت باش مايمۇندا ئىشلەنگەن ھامىلىدارلىقتىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ ھامىلە مېڭە يېتىلىشىگە بولغان تەسىرلىرى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى سۆزلىنىدۇ.

مېڭە ئادەم تېنىدىكى بارلىق ئەزالاردىن ئەڭ مۇھىم فۇنكىتسىيەلىرىگە ئىگە ئەزا بولۇپ، پۈتۈن بەدەندىكى ئېنىرگىيىنى ئەڭ كۆپ سەرپ قىلىدىغان ئەزامۇ دەل مېڭەدۇر. چوڭلاردا مېڭىگە كېرەكلىك ئېنېرگىيە پۈتۈن بەدەنگە لازىم بولىدىغان ئېنېرگىينىڭ 20%نى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، ھامىلە ۋە نارەسىدىلەر مېڭىسىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى  نارەسىدىلەر ۋە 5 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ مېڭىسى ئوخشاشلا يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولغاچقا، مېڭە زور مىقداردىكى ئېنېرگىيەگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ ۋە بۇ ئېنېرگىيە ئوزۇقلۇق ماددىلار ئارقىلىق تەمىنلىنىشىنى شەرت قىلىدۇ.

تەجرىبخانىمىزدا ئانا تېنىدىن بالىغا ئۆتىدىغان ستىروئىدلىق دورا، ئوزۇقلۇق ۋە باشقا ھامىلىگە بېسىم پەيدا قىلغۇچى ئامىللارنىڭ ئەۋلاد ساغلاملىقىدا قانداق بىنورماللىقلارغا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ھايۋانات تەجرىبە مودېللىرى ئارقىلىق تەكشۈرىمىز ۋە سىستېما بىئولوگىيىسى (بىرلا خىل ھۈجەيرە، توقۇلما ئۈستىدە ئەمەس، بەلكى پۈتۈن بىر جانلىقنىڭ كونتېكستىدا كۆزىتىلگەن ھادىسىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئىنچىكە بىئولوگىيلىك قانۇنىيەتلەرنى تەتقىق قىلىدىغان پەن) نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ ئانا مۇھىتىنىڭ تۆرەلمە ۋە ھامىلىگە بولغان تەسىرلىرىنى فىزىئولوگىيىلىك ۋە گېنېتىكىلىق نۇقتىلاردىن تەتقىق قىلىپ، چوڭلار كېسەللىكلەر ياكى بىنورماللىقنىڭ ھامىلە يېتىلىش جەريانىدا پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ ئىنچىكە مولېكۇلالىق مېخانىزىملىرىنى قېدىرىپ چىقىشتىن ئىبارەت چوڭ تەتقىقات يۆنىلىشىنى ئاساس قىلىمىز.

ھامىلىدار ئاياللاردىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ ئاقىۋەتلىرى ھەققىدىكى نۇرغۇنلىغان ئىلمىي پاكىتلار تۆۋەندىكى ئىلمىي پەرەزنى قوللايدۇ:

ئانىلاردىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك «تۆرەلمىنىڭ پىروگراممىلىنىشى»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق تۇغۇلغان ئەۋلاد چوڭ بولغاندا كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۋېتىدۇ.

تەپسىلىي چۈشەندۈرسەك، ئانا بالىياتقۇسىغا يېتىپ كەلگەن قاندا ئوزۇقلۇق ماددىلار كەمچىل بولسا، ئۇ ھالدا يېتىلىۋاتقان ھامىلە شۇ خىل ئوزۇقلۇق كەمچىل مۇھىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن «تېجەشچان» فېنوتىپنى شەكىللەندۈرىدۇ ۋە بار بولغان ئوزۇقلۇقلار بىلەن ھاياتنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئىمكانقەدەر ئېنىرگىيە ئىشلىتىشنى تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ ئېنىرگىيىنى ساقلاپ قويۇپ ئاياپ ئىشلىتىدۇ. ئەگەر بۇ خىل تەسىردىن كېيىن تۇغۇلغان جانلىق ئانا تېنى سىرتىدىمۇ ئوزۇقلۇق كەمچىل مۇھىتتا ياشىسا بۇ خىل «تېجەشچان» ئالاھىدىلىك ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قىلىش ۋە قىسقا مۇددەتتە داۋاملىق ياشىيالىشىغا پايدىلىق شارائىت بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. ئەمما بۇ خىل ئوزۇقلۇق كەمچىل ئانا مۇھىتىدا يېتىلگەن ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن ئوزۇقلۇق ماددىلار مول مۇھىتتا ياشىسا، ئۇ ھالدا ئۇلار ھامىلە مەزگىلىدە پروگراممىلانغان «تېجەشچان» فېنوتىپ ئەۋلادنىڭ مېتابولىزملىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ ئەۋلادنىڭ ئۆمۈرلۈك ساغلاملىقىغا زور سەلىبي تەسىرلەرنى ئىلىپ كېلىدۇ. ئىنسانلارغا نېسبەتەن، ھازىرقى دۇنيادا كۆپىنچە بالىلار ئوزۇقلۇق مول مۇھىتتا چوڭ بولىدىغان بولغاچقا، بالياتقۇدىكى ئوزۇقلۇق كەمچىللىكى بالىنىڭ ئۆمۈرلۈك ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. ھازىرغىچە ئىنسان ۋە باشقا سۈت ئەمگۈچى ھايۋان تەجرىبە مودېللىرىدا، نۇرغۇن ئەزالارنىڭ بۇ خىل تەسىرگە ئۇچرايدىغانلىقى ئايدىڭ بولدى. بولۇپمۇ ئىنسانلاردا ئىلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا، ھازىرغىچە ھامىلە مەزگىلىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن بالىلار چوڭ بولغاندا يۇقىرى قان بېسىم، سېمىزلىك كېسىلى، دىئابىت كېسىلى تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى ۋە بۆرەك كېسەللىرى قاتارلىق مېتابولىزملىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئالاھىدە يۇقىرى ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى.

بۇ ساھەدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلاردا تەسىرلەر يۈرەك، بۆرەك، جىگەر، قان-تومۇر، بۆرەك ئۈستى بېزى، ئاشقازان ئۈستى بېزى، مۇسكۇل قاتارلىق ئەزالارنىڭ يېتىلىش جەريانىدا نورمال يېتىلمەسلىكى بىلەن باغلىنىشى بار دەپ قارالماقتا.

ئەكسىچە، ئۇزۇن يىللاردىن بىرى، كۆپ قىسىم ئالىملار مېڭە «ئىمتىيازلىق ئەزا» دەپ قاراپ، ئوزۇقلۇق كەمچىللىكى مېڭە يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ چۈنكى بار بولغان ئوزۇقلۇقلار ئەڭ ئالدى بىلەن ئەڭ مۇھىم ئەزا بولغان مېڭىگە يېتىپ بارىدۇ دەپ قاراپ كەلگەن.

ئانىلاردىكى ئوزۇقلۇق كەمچىللىكى راستىنلا جانلىقلارنىڭ مېڭە يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەمدۇ؟

راستىنلا ئاتالمىش «مېڭىنىڭ قوغدىلىپ قىلىش» ھادىسىسى مەۋجۇتمۇ؟

ئىنسانلاردىكى كۆزىتىشتىن كەلگەن تەتقىقات نەتىجىلىرىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن ئانىلاردىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئەقلىي فۇنكسىيىسىگە ئائىت كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇپ قېلىش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىپ بېرىلگەن. شۇنداقلا ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن بالىلارنىڭ ئېغىرلىقى ھەددىدىن زىيادە تۆۋەن تۇغۇلۇش نىسبىتى ئالاھىدە يۇقىرى بولۇپ، بۇ خىلدىكى بالىلارنىڭ مېڭە يېتىلىشىدە بىنورماللىقلارنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرى ئىكەنلىكى بىلىنگەن. ئىنسانلاردا ئىلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلاردا نەتىجىگە تەسىر كۆرسەتكۈچى ئامىللارنى كونترول قىلىش مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بىزنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىمىز ھامىلە يېتىلىشى ئىنسانلارغا ئەڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغان پرىماتلار ئىچىدىكى گانگې دەريا مايمۇنىنى ئىشلىتىپ باشقا بارلىق ئامىللار قاتتىق كونترول قىلىنغان بىر ھامىلىدارلىقتىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك تەجىرىبىسىنى ئىشلىگەن. پرىماتلار مېڭىسىدىن باشقا ھەر قانداق ھايۋاننىڭ مېڭىسى ئىنسان مېڭىسى بىلەن ئوخشاشلىقى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، بىزنىڭ بۇ مايمۇن مودېلىمىز ئىنسانغا تەدبىقلاشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان كونتۇروللۇق تەجرىبە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ تەجرىبىلەردىن گۇرۇپپىمىز تۆۋەندىكىدەك نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.

ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە (90 كۈنلۈك ھامىلە) ئىشلەنگەن تەجرىبىلەردىن بايقىشىمىزچە، ئوزۇقلۇق كېمەيتىلگەن گۇرۇپپىنىڭ ھامىلە مېڭىسىدىكى نېرۋا غول ھۈجەيرىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان SVZ دەپ ئاتالغان مېڭە رايونىدا (مېڭە غول ھۈجەيرىلىرى مۇشۇ رايوندا ساقلىنىدۇ) كۆپ مىقداردا «ھۈجەيرىلەرنىڭ پروگراممىلانغان ئۆلۈشى» بايقالغان ۋە بۇ رايوننىڭ قېلىنلىقى نورمال گۇرۇپپىدىكى ھامىلىلەردىن تۆۋەن بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ھامىلىلەرنىڭ مېڭە گېنومىدا نۇرغۇن ئوخشىماسلىقلار بايقالغان (بۇ نەتىجە 2011-يىلى ئامېرىكا دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىلمىي ژۇرنىلى بولغان PNAS ناملىق داڭلىق ژورنالدا ئېلان قىلىنغان) .

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئوزۇقلۇقى نورمالدىن 30% كېمەيتىلگەن ئانىلاردىن تۇغۇلغان 3.3 ياشلىق مايمۇن بالىلىرىدا (12-14 ياشلىق ئىنسان يېشىغا باراۋەر) تۆۋەندىكى ئالاھىدىلىكلەر بايقالغان:

ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن ئانىلاردىن تۇغۇلغان مايمۇنلارنىڭ ئىش ئىشلەش جەريانىدىكى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ۋە قىزغىنلىقى نورمال گۇرۇپپىدىن تۆۋەن بولغان. تېخىمۇ قىزىقارلىق بولغىنى، پەقەت ئەركەكلىرىدە ئۆگىنىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، دېققىتىنى يۆتكىشى ئاستا بولۇش ۋە ئۆزىنى تۇتالمايدىغان پىسخىكىلىق ھالەتلەر قاتارلىق بىنورماللىقلار بايقالغان بولۇپ، چىشىلىرىدا بۇنداق بىنورماللىقلار كۆرۈلمىگەن.

يۇقىرىدىكى ئىلمىي بايقاشلاردىن شۇنى خۇلاسىلەشكە بولىدۇ:

يېتىلىۋاتقان ھامىلە مېڭىسى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكتىن ئىبارەت مۇھىت بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ ۋە «مېڭە قوغدىلىپ قىلىنىدۇ» دېگەن ئۇقۇم ئىلمىي ئاساسقا ئىگە ئەمەس.

2. ئانىلاردىكى ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ ھامىلە مېڭە يېتىلىشىدە ئەركەك ئەۋلادقا بولغان تەسىرى چىشى ئەۋلادتىن يۇقىرى بولىدۇ، بولۇپمۇ ئەركەك ئەۋلادنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.[/color]

بىز ئەقلىي ئىقتىدارنى بەلگىلەشتە ئەڭ مۇھىم بولغان چوڭ مېڭە ئالدى مېڭە قېرىنچىلىرىنىڭ يېتىلىش جەريانىدا ئوزۇقلۇق كەمچىللىك ۋە باشقا مۇھىت بېسىملارغا ناھايىتى سەزگۈر ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، بولۇپمۇ بۇ خىل تەسىر ھامىلە يېتىلىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ۋە ھامىلە تۇغۇلغان دەسلەپكى مەزگىل ئارىلىقىدىكى ئۆتكۈنچى باسقۇچتا تېخىمۇ چوڭ بولىدىغانلىقى مەلۇم. ئوزۇقلۇق مۇھىتى گېنلارنىڭ تەرتىپىنى ئۆزگەرتمىسىمۇ، ئەمما ئېپىگېنىتىكىلىق مىخانىزىملار بىلەن گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىش تىپىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق مەلۇم خىل ئېرسىي ئالاھىدىلىكنى بەلگىلىيەلەيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا مەلۇم جانلىق ئىپادىلەيدىغان بارلىق ئېرسىي ئالاھىدىلىكلەر ماھىيەتتە گېنېتىكىلىق ئامىللار بىلەن مۇھىت ئامىلى تەسىرىدىكى ئېپىگېنتىكىلىق ئامىللارنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئېپىگېنىتىكىلىق مېخانىزىملار دېگەندە تۆۋەندىكى ئۈچ ئامىل كۆزدە تۇتۇلىدۇ:

1. گېننىڭ خېمىيىلىك ئاساسى بولغان DNA نىڭ تۈزۈلۈشىگە مېتىل (CH3-) گۇرۇپپىلىرىنىڭ قوشۇلۇشى ۋە شۇ ئارقىلىق مەلۇم گېنلارنىڭ ئاكتىپسىزلىنىشى 

2. گېنلارنى ئۆز ئىچىدە ساقلايدىغان خىروموسۇم تۈزۈلۈشىنىڭ زىچلىقىنىڭ تۆۋەنلىشى ياكى يۇقىرىلىشىنى ئۆزگەرتىدىغان خېمىيىلىك ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشلەر ئارقىلىق گېن ئىپادىلىنىشنىڭ كونترول قىلىنىشى 

3. ئىنتايىن، قىسقا مىكرو RNA دەپ ئاتىلىدىغان (miRNA) كىچىك يادرو كىسلاتالىرى مەخسۇس نىشانلايدىغان گېن قوزغاتقۇچى رايونىغا باغلىنىش ئارقىلىق شۇ گېننىڭ ئىپادىلىنىپ چىقىشىنى توسۇشى ۋە شۇ ئارقىلىق گېن ئىپادىلىنىشنىڭ كونترول قىلىنىشى. بۇنىڭ ئىچىدە miRNA لىك مېخانىزملار نۆۋەتتە ئەڭ قىزىق نۇقتا بولۇپ قالماقتا.

مەزكۇر تەتقىقاتتىكى چوڭ سوئاللار

1. پرىماتلار (مايمۇنسىمانلار) ھامىلە يېتىلىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ئالدى مېڭە قاسرىقى ئوزۇقلۇق كەمچىللىكىگە قارىتا ئىنكاسىدا جىنسىي پەرق مەۋجۇتمۇ؟ ئەركەك ۋە چىشى جىنىسلار ئوخشاش ئىنكاستا بولامدۇ؟

2. مۇھىت قانداق مولىكۇلىق مىخانىزىملار بىلەن بۇ خىل تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ؟ ئىنچىكە قىلىپ ئېيتقاندا، مىكرو RNA تىپىدىكى مېخانىزملار بۇ جەرياندا قانداق رول ئوينايدۇ؟

يۇقىردىكى سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، بۇ تەتقىقاتتا بىز ئالدى بىلەن بىر ھامىلىدارلىقتىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنى تەقلىد قىلغان ھايۋانات مودېلىنى بەرپا قىلدۇق. گېنېتىكىلىق ئارقا كۆرۈنۈشى ناھايىتى ئوخشايدىغان ساغلام، ياش چىشى مايمۇنلارنى تاللاپ ئۇلارنى خالىغان ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلدۇق. بىر گۇرۇپپا مايمۇن نورمال ھامىلىدارلىقنى تەقلىد قىلىش ئۈچۈن باشتىن-ئاخىرى نورمال ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەندى ۋە بۇ گۇرۇپپا «كونترول گۇرۇپپا» دەپ ئاتالدى. يەنە بىر گۇرۇپپا مايمۇنلار بولسا 30 ھامىلىدارلىقنىڭ 30-كۈنىگە قەدەم قويغاندىن باشلاپ يېمەكلىكى نورمالدىن 30% كېمەيتىلدى. ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى (0.9 مەزگىلى يەنى مايمۇنغا نىسبەتەن 165 كۈن، مايمۇن 180 كۈندە تۇغىدۇ) كەلگەندە قەيسەرىيە تۇغۇت ئوپىراتسىيىسى قىلىنىپ مايمۇن ھامىلىسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىندى. ئاخىرىدا «يېڭى ئەۋلاد گېنوم تەرتىپلىرىنى ئېنىقلاش تېخنىكىسى» ئارقىلىق ھامىلە مېڭىسىنىڭ تولۇق گېن ئىپادىلىنىشى ئېنىقلاپ چىقىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ھامىلە مېڭىسىدىكى بارلىق miRNA (مىكرو ئار ئەن ئەي، RNA) لەرمۇ كىچىك RNA تەرتىپلىرىنى ئېنىقلاش تېخنىكىسى ئارقىلىق بارلىق مېڭە miRNA لىرىنىڭ تەرتىپلىرى ۋە ئىپادىلىنىش مىقدارى ئېنىقلاپ چىقىلدى. ئاخىرىدا بۇ نەتىجىلەرنى دەلىللەش ئۈچۈن، مىكروسكوپلۇق ئۇسۇللار بىلەن شۇ گېنلار كونترول قىلىدىغان ئاقسىللارنىڭ ئىپادىلىنىش مىقدارى ئۆلچەندى. سىتاتىستىكىلىق بىر تەرەپ قىلىشتا IPA يۇمشاق دىتالى ئىشلىتىلدى.


يۇقىرىقى تەجىرىبىلەر ئارقىلىق بىز نورمال ئەھۋالدا ئىت باش مايمۇن ھامىلىسىنىڭ ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىكى تولۇق گېن ئارخىپىنى تۇنجى بولۇپ ئېنىقلاپ چىقتۇق. بۇ نەتىجىلەرنى ئانىسىنىڭ ئوزۇقلۇقى يېتىشمىگەن مايمۇن ھامىلىسى مېڭىسىگە سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك نەتىجىلەرنى ئېرىشتۇق:

1. ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن ھامىلە ئالدى مېڭىسىدىكى نېرۋا ئۇلانمىلىرىنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئازايغان.

2. ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن ھامىلە مېڭىسىدە پىشىپ يېتىلمىگەن نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى كۆپىيىپ، پىشىپ يېتىلگەن نېرۋىلارنىڭ سانى ئازلاپ كەتكەن.

3. ھامىلە ئاخىرقى باسقۇچىدىكى مېڭە تولۇق گېنلىرىنى ئۆلچەش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئانىلاردىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك مېڭە گېنلىرىنىڭ ئىپادىلىنىش تىپىنى كۆرۈنەرلىك ئۆزگەرتىدىغان بولۇپ، ناھايىتى روشەن ھالدا جىنس-پەرقى مەۋجۇت. يەنى703 خىل گېننىڭ ئىپادىلىنىش مىقدارى پەقەت ئەركەك ھامىلە مېڭىسىدە ئوزۇقلۇق كەمچىللىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان؛ چىشى ھامىلە مېڭىسىدە 548 خىل گېننىڭ ئىپادىلىنىش مىقدارىدا ئۆزگىرىش بولغان. پەقەت 39 خىل گېن ھەر ئىككى جىنستا ئوخشاش پەرقلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

4. مىكرو RNA ئىپادىلىنىش تىپىدىن قارىغاندىمۇ، ئوخشاشلا ناھايىتى ئېنىق جىنس پەرقى كىلىپ چىققان.

5. چىشى ھامىلە مېڭىسىدە تەسىرگە ئۇچرىغان گېنلارنىڭ قانداق رولى بارلىقىنى بىلىش ئۈچۈن گېن سېگناللاش خەرىتىسىنى سېزىپ چىققاندا، ئاقسىل سىنتېزلىنىشى، ھۈجەيرە بۆلۈنۈشى ۋە تۆۋەن ئېنىرگىيىنى سەزگۈچى گېن سىگناللىرىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن ۋە بۇ سىگنال يوللىرىدىكى مۇھىم گېنلارنى miRNA ئارقىلىق كونترول قىلىنغانلىقىنى بايقىدۇق. بۇ نەتىجە مىكروسكوپلۇق ھىستولوگىيە تەجىرىبىسى ئارقىلىق ئاقسىل سەۋىيىسىدىمۇ ئىپادىلىىپ چىققانلىقىنى دەلىللىدۇق.

6. ئەركەك ھامىلە مېڭىسىدە، ئەكسىچە ئېنېرگىيە مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرغۇچى گېن سىگناللىرى قوزغالمىغان، بەلكى نىرۋىلارنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلىگۈچى گېن گۇرۇپپىلىرى قوزغالغان. بۇ گېنلار ئوخشاشلا miRNA نىڭ كونترول قىلىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.

خۇلاسە

يۇقىرىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن بىز ھامىلە مېڭە يېتىلىشىنىڭ ئانىلاردىكى ئوزۇقلۇق كەمچىللىكىنىڭ تەسىرىگە زور دەرىجىدە ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز.

 بۇ تەسىر يۈزلىگەن گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىپ چىقىش تىپىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن كىلىپ چىققان بولۇپ، ئوزۇقلۇق ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان miRNA لىق مېخانىزىم بۇ تەسىرنى پەيدا قىلغان.

 ئوزۇقلۇق ئامىللىرىنىڭ miRNA لەرنىڭ ئىپادىلىنىش تىپىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى مەلۇم بولۇپ، مايمۇن مېڭىسىدىكى مىكرو RNA نىڭ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ تەسىرىدە ئۆزگەرگەنلىكى ۋە بۇ ئۆزگىرىش مېڭىدىكى گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىپ چىقىشنى ئۆزگەرتكەنلىكىدەك مولېكۇلالىق مىخانىزىمنى تاپتۇق.

 ئوزۇقلۇق مۇھىتىدىكى ئوخشىماسلىق گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىپ چىقىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن ۋە بۇ تەسىرلەر ئارقىسىدا ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەن مېڭىلەردىكى نېرۋا ئۇلانمىلىرى ۋە پىشقان نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى ئازلاپ كەتكەن. بۇ ئاقىۋەتتە مېڭىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن.  چىشى ھامىلە مېڭىسىنىڭ ئوزۇقلۇق كەمچىللىكىگە قارىتا گېن سەۋىيىسىدە ناھايىتى تەرتىپلىك ئىنكاس قايتۇرىدۇ، يەنى ھۈجەيرە بۆلۈنۈشىنى ئاستىلىتىپ بار بولغان ھۈجەيرىلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئەكسىچە، ئەركەك ھامىلە مېڭىسى يېتىلىش جەريانىدا ئوزۇقلۇق كەمچىلىكىگە قارىتا نېرۋا ھۈجەيرە مېتابولىزمنى تەڭشەش ئورنىغا ھۈجەيرە ئۆسۈشىنى ئاستىلىتىدۇ.

بۇ تەتقىقات نەتىجىسى بىز ئىلگىرى كۆزەتكەن مايمۇن ئەركەك ئەۋلادىنىڭ ئوزۇقلۇق كەمچىللىكىنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر بولۇشىنىڭ ھامىلە مەزگىلىدىن باشلانغانلىقىغا مۇھىم پاكىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ ھامىلە مېڭىسىگە بولغان تەسىرىنىڭ ئەقلىي كەمتۈكلۈكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بۇ خىل تەسىر ئاستىدا تۇغۇلغان ئەۋلادنىڭ مېڭە ھەرىكىتى ۋە قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق يەنە بىر قەدەم دەلىللىنىشى لازىم.

ئاخىرقى سۆز

يېقىندا خوتەندىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ ئوزۇقلىنىش ئەھۋالى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنىپ ئىلمىي ماقالە سۈپىتىدە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر بالىلىرىدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ نەقەدەر ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن (بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئۈستىدە باشقا ماقالىدە تەپسىلىي توختىلىمەن).

مېنىڭ قىلىۋاتقان تەتقىقاتلىرىم بۇ ئەھۋال بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مەزكۇر ماقالەمدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئىنسانلاردىمۇ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن، دەپ تەدبىقلاشقا بولىدۇ. يەنە بۇ يەردە مۇنداق بىر سوئالغا دۇچ كىلمىز: ئۇيغۇر بالىلىرىدىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئۇلارنىڭ مېڭە يېتىلىشىگە سەلىبىي تەسىر كۆرسىتەمدۇ-قانداق؟ مەن بۇ ماقالەم ئارقىلىق ئۇيغۇر بالىلىرى ۋە ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئوزۇقلىنىش ئەھۋالىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەكلىكىنى كۈچلۈك تەكىتلەيمەن.

يەنە بىر دېققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان نۇقتا شۇكى، ئانىلارنىڭ بىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ساغلاملىقىزدا ئوينايدىغان رولى دادىلاردىن كۈچلۈك بولىدۇ.

 بارلىق ئاتا-ئانىلارغا ساغلام پەرزەنتلىك بولۇش نېسىپ بولسۇن!

ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن ئېلىندى









您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存