ئەنگىلىيەدىكى ئەڭ باي كىچىك مەلىكىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى
ئەنگىلىيەدىكى ئەڭ باي كىچىك مەلىكىنڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى
ئەنگىلىيەدىكى ئەڭ باي «مەلىكە» بولسا قانداق بولىدىغاندۇ ھە! ئۇنىڭ قىممىتى 2 مىليارد 300 مىليون فوندستېرلىڭ بولۇپ، بىر ياشلىق سوفىينىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا نەزەر سالسىڭىز، باي ئائىلىدە تۇغۇلۇشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغىنىنى ھېس قىلىسىز.
ئۇ ھېيت بايرام بولسىلا ھەرخىل چوڭ سوۋغات مەسىلەن بىنتلى ئاپتوموبىلى قاتارلىقلارنى تاپشۇرۇۋالىدىكەن.
شەخسىي ئايروپىلانىمۇ باركەن.
ئېمىزگە ئەمگەندىمۇ «چوڭ چاشقان» ئۇنى قۇچاغلاپ ئولتۇرىدىكەن.
ھەركۈنى كىچىك ھايۋاناتلار ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ئوينايدىكەن.
ئاقسۆڭەكلەرگە خاس سالاپەتنى كىچىكىدىن ئات مىنىشتىن باشلاپ يېتىلدۈرىدىكەن.
سوفىنىڭ ئاپىسى ئەنگىلىيەدىكى داڭلىق 2-ئەۋلاد باي خېنىم TamaraEcclestone بولۇپ، ئۇ بۇرۇن ئەنگىلىيە تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى ۋە مودېل بولغان، ئۇنىڭ يەنە بىر سالاھىيىتى F1نىڭ لېدىرىنىڭ قىزى.
سوفىنىڭ بوۋىسى پۈتۈن دۇنياغا داڭلىق F1نىڭ مەسئۇلى BernieEcclestone.
TamaraEcclestone 2013-يىلى بىر باي بانكىر JayRutland بىلەن توي قىلغان بولۇپ، 2014-يىلى سوفى تۇغۇلغان، بۇ ئىككى ئائىلە بىرلەشكەندىن كېيىن ھەددى-ھېسابسىز مال-مۈلۈككە ئىگە بولغان. ئۇلارنىڭ شەخسىي ئايروپىلانلىرىنىڭ جىقلىقىدا بىر ئۇچۇش مانىۋېر ئەترىتى قۇرغىلى بولىدىكەن، ھەشەمەتلىك سەيلە كېمىلىرىنى ھەرقايسى دېڭىز تەۋەلىكىگە توخىتىپ قويىدىكەن. سوفى تۇغۇلغاندىن بۇيان ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى دائىم INSpo دا ئۇنىڭ سۈرىتىنى چىقىرىپ ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى نامايەن قىلىدىكەن.
بۇ ئائىلىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەددى-ھېسابسىز مۈلىكى بار، سوفى تۇغۇلۇپلا ئاپىسى بىلەن ئۇلارنىڭ شەخسىي ئايروپىلانى ۋە سەيلە كېمىسىگە ئولتۇرۇپ دۇنيادا سەيلە قىلىشنى باشلىۋەتكەن.
بۇلتۇر ئۇ ئاۋۋال فىرانسىيەگە بېرىپ ئاپتاپقا قاقلانغان ئاندىن موناكوغا بېرىپ ئاپىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەن، ئاندىن سەيلە كېمىسىگە ئولتۇرۇپ ئوتتۇرا دېڭىزنى ساياھەت قىلغان.
ئەڭ ئاخىرىدا نيۇيوركنىڭ مەركىزىي باغچىسىغا بېرىپ ئات ھارۋىدا ئولتۇرغان، شۋېتسارىيەدە قار تاماشىسى قىلغان.
دۇبەيدە قۇم ئويناپ بولغاندىن كېيىن، ئىتالىيەگە قايتىپ دادىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەن، ئاندىن گىرىتسىيەگە بېرىپ دەم ئالغان، ئۇ لوندۇندىكى ئۆيىگە ئارىلاپ قايتىپ قويىدىكەن.
شۇڭا ئۇ بىر ياشقا كىرمەي تۇرۇپلا پۈتۈن دۇنيانى ئايلىنىپ بوپتۇ.
ئۇكىيىم-كېچەك ۋە ئاياغلىرى Valentino/Dolce&Gabbana/Hermes ماركىلىق.
بوۋاق ۋاقتىدىلاVersace نىڭ كىيىملىرىنى كىيگەن.
ئۇنىڭ روژدېستۋو بايرىمىنى مىلاد بوۋاي ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تەبرىكلەيدىكەن.
ئۇ ھەركۈنى نېمە ئىش قىلىشنى ياقتۇرىدۇ؟ ئۇ بەزىدە ئاپىسىغا ھەمراھ بولۇپ تىرنىقىنى ياسىتىدىكەن.
ئاندىن ئارقا ھويلىسىدا ئىتىغا ھەھراھ بولۇپ چۈشتىن كېيىنلىك چاي ئىچىپ قويىدىكەن، بەزىدە ئۆزىنىڭ كىچىك ئاشخانىسىنى رەتلەپ قويىدىكەن.
ئۇ ئاپىسىنىڭ سومكىسىنى خالىغانچە ئوينايدىكەن.
LVماركىلىق چامادانلارنىمۇ ئۈستىنى بېسىپ خالىغانچە ئويناۋېرىدىكەن.
داڭلىق لاھىيىلىگۈچى ئۇ بىر ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئاپىسىغا مەخسۇس سومكا لاھىيەلەپ بەرگەن.
بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ بىر ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدىكى ھەمەشەتچىلىككە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇ بىر ياشقا كىرگەن يىلى ئاپىسى ئۇنىڭغا ھازىرغىچە ئەڭ ھەشەمەتلىك بولغان بىر ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈن مۇراسىمىنى ئۇلارنىڭ لوندۇننىڭ ھەيدى باغچىسى يېنىدىكى قىممىتى 70مىليون فوندسىتېرلىڭ چىقىدىغان ھەشەمەتلىك تۇرالغۇسىدا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، بۇ ئۆيدە 57 ياتاق ئۆي بولۇپ، گۈللۈك، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، چېنىقىش ئۆيى، سۇدا داۋالىنىش سارىيى قاتارلىقلار باركەن.
ئۇلار سوفىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئۆيىنى بىر كىچىك ھايۋاناتلار باغچىسىغا ئايلاندۇرغان.
بۇ ئۆيدە ھەرخىل تىرىك ھايۋاناتلار مەسىلەن: تاغىل ئات، قوي، ئىت، ئات قاتارلىقلار باركەن.
ھەممە ھايۋاناتنىڭ ئايرىم ئۆيى باركەن، ئىسمى ئېسىغلىق تاجى ۋە ئۇلارغا مەخسۇس قارايدىغان كىشى باركەن.
دىسنىي مەلىكىسى ۋە شار مۇتەخەسسىسلىرىمۇ ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە قاتناشقان.
ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئامانلىق قوغدىغۇچى ۋە تېز يوللانما خادىملىرى باشقىلار ئەۋەتكەن سوۋغاتلارنى توشۇپ ئۈلگۈرۈپ بولالمىغان.
ئۇنىڭ بۇ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن 80 مىڭ فوندستېرلىڭ كەتكەن، لېكىن بۇ پۇل ئۇلار ئۈچۈن ھېچنىمە ئەمەس.
مانا بۇ ئەنگىلىيەدىكى ئەڭ باي مەلىكە سوفىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى.