سوسكا ياكى بارمىقىنى شورايدىغان بالىلار
بالىلارغا سوسكا ئەمدۈرۈش بەلكىم ئۇلارنىڭ يىغىسىنى توختىتىشقا پايدىلىق بولسا كېرەك، ئەمما ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلار ئۈچ ياشتىن بەش ياشقىچە بولغان 128 بالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق يەكۈن چىقاردى: دائىم سوسكا ئىمىدىغان، سوسكا تاپالمىسا بارمىقىنى شورايدىغان بالىلارنىڭ تىلى ئاسان چىقمايدۇ، چىقسىمۇ تىل ئارقىلىق ئىپادىلەش ئىقتىدارى باشقا بالىلارغا قارىغاندا ئۈچ ، تۆت ھەسسە تۆۋەن بولىدۇ.
بۇ تەتقىقاتقا مەسئۇل پروفېسسور باپوسسا مۇنداق دېدى: ئۈچ ياشقا قەدەر سوسكا ئەمگەن ياكى بارمىقىنى شورايدىغان بالىلارنىڭ تىل ئۆگىنىش ئىقتىدارى بەكلا تۆۋەن بولىدىكەن، بىراق ئانىسىنى ئاز بولغاندىمۇ توققۇز ئاي ئەمگەن، شۇنىڭدىن كېيىن سوسكا ئەمگەن ياكى سۈت بوتۇلكىسى ئارقىلىق ئىچىشنى ئۆگەنمىگەن بالىلارنىڭ تىلى بەك ئاسان چىقىدىكەن، تىل بايلىقى مول، ئىدىيىنى تىل ئارقىل
.ىق ئىپادىلەش ئىقتىدارى يۈكسەك بولىدىكەن.