查看原文
其他

ئەڭ ئۇماق دادا

2016-08-16 sebiler

ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا بىر ئەنگلىيەلىك دادىنىڭ قىلمىشى نۇرغۇن تورداشنى تەسىرلەندۈرگەن. بۇ دادىنىڭ ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىرگەن قىزى ئاز ئۇچرايدىغان بۆرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان. بۇ دادا قىلچە ئىككىلەنمەستىن ئۆزىنىڭ بۆرىكىنى قىزىغا بېرىپ، قىزىنى ئۆلۈم خەۋپىدىن قۇتقۇزۇپ قالغان


ئۆتكەن يىلى 3 ياشقا كىرگەن چېستقا ئېغىر دەرىجىدە بۆرەك زەئىپلەشكەن دەپ دىياگنور قويۇلغان بولۇپ، 14 ئايغا سوزۇلغان داۋالاشتا چېستنىڭ كېسىلىدە ياخشىلىنىش بولمىغان، شۇنىڭ بىلەن دوختۇرلار ئۇنىڭ بۆرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان. بۆرەك تاللاش داۋامىدا ئۇنىڭ 37 ياشلىق دادىسىنىڭ بۆرىكىنىڭ ئۇنىڭغا ئەڭ ماس كېلىدىغانلىقى ئېنىقلانغان

دادىسى لى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھەمدە قىلچە ئىككىلەنمەستىن بۆرىكىنى قىزىغا بەرگەن. ئالدىنقى ھەپتىنىڭ تۆتىنچى كۈنى دوختۇرلار ئوپېراتسىيەنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان، چېستتا ھېچقانداق بۆرەك يەكلەش ئالامەتلىرى كۆرۈلم

ىگەن


لى بۇ ئىشقا يولۇققان ھەر قانداق ئاتا-ئانىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش قىلىدىغانلىقىنى، بۇ ئىشنىڭ ئۆزىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان


لى ئۆزىنىڭ قىزى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇ ناھايىتى قەيسەر، دائىم باشقىلارنى خۇشال قىلىشنى ئويلايدۇ، كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغان ۋاقتىدا ھەر قانچە ئازابلانسىمۇ، لېكىن ئامالنىڭ بارىچە بىزنى خۇشال قىلىشقا تىرىشتى، دېگەن


 دادىسىنىڭ بۆرىكىگە ئىگە بولغان كىچىك چېست قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشتى. چېست ئەر-ئاياللار ئەزا يۆتكەش تەشۋىقات پائالىيىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنشىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىگە قوشۇلۇپ، ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىغا تەسىر كۆرسىتىش

نى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى


您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存