تاشلىۋېتىلگەن مېيىپ قىز ئاجايىپ گۈزەل ھايات ياراتتى
بۇ پۇتى يوق بىچارە قىز، چوڭ بولۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىر گىمناستىكا تەنھەرىكەتچىسى ۋە سېرىك ئارتىسىغا ئايلانغان، بۇ ئاڭلىماققا كىشىنى ئاجايىپ ھەيران قالدۇرىدۇ، لېكىن بۇ بۈگۈنكى ھېكايىنىڭ ھەممىسى ئەمەس، بۇ بىر ئۇزۇن ھېكايە...
بۇ بوۋاقنىڭ ئىسمى جەنىفۇر، 1989-يىلى رۇمىنىيەدە تۇغۇلغان، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئوماق كۈلۈمسىرەش.
ئۇنىڭ ئاز كۆرۈلىدىغان كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسى داۋالىنىش خىراجىتىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ئامالسىز بولغاچقا، ناھايىتى قىيىن بولغان قارارنى چىقارغان
بەختكە يارىشا، جەنىفۇر ئۈچ ئايلىق بولغاندا، ئامېرىكا ئىللىنويىسدىن كەلگەن بىر جۈپ مېھرىبان ئەر-ئايال ئۇنى بېقىۋالغان
شارون (Sharon) بىلەن گېرەلد برىكېر (Gerald Bricker) بولسا جەنىفۇرنىڭ بېقىۋالغان ئاتا-ئانىسى، ئۇلارنىڭ ئۈچ بالىسى بولسىمۇ يەنىلا جەنىفۇرنى بېقىۋېلىشنى قارار قىلغان، ھەمدە مېيىپلىقنىڭ جەنىفۇرنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلىۋېتىشىگە قاراپ تۇرمىغان
گەرچە پۇتى يوق بولسىمۇ، جەنىفۇر ھەرىكەت قىلىشنى تولىمۇ ياخشى كۆرگەن، ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى، ئۇ ۋالىبول، ۋاسكېتبول ۋە گىمناستىكا ئويناشنى ئۆگىنىۋالغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇ ھەممىدىن بەك گىمناستىكىنى ياخشى كۆرگەن.
بېقىۋالغان ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئۇنىڭ گىمناستىكا تەنھەرىكەتچىسى بولۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشغا مەدەت بەرگەن، 11 يېشىدا ئۇ كۈچلۈك يۇمىلاش (بىر خىل يۈگۈرۈش تەنھەرىكەت تۈرى) نىڭ چېمپىيونىغا ئايلانغان.
جەنىفۇر ئىلگىرى ئولىمپىك تەنھەركەت مۇسابىقىسىنىڭ ئالتۇن مېدالىنى قولغا كەلتۈرگەن ئامېرىكا گىمناستىكا تەنھەرىكەتچىسى دومىنىكا مۇكەنو (Dominique Moceanu) غا ناھايىتى قايىل بولغان.
جەنىفۇر دومىنىكانىڭ ئۈستىدىن ئۆزىنىڭ سىمايىسىنى كۆرگەندەك بولغان، ئىككىلىسى رۇمىنىيەدىن كەلگەن، تاشقى قىياپىتى ۋە خاراكتېرى ناھايىتى ئوخشاپ كېتىدۇ.
يېشىنىڭ ئاستا-ئاستا چوڭ بولۇشىغا ئەگىشىپ جەنىفۇر ئۆزىنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى سۈرۈشتۈرۈشكە باشلىغان، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ رۇمىنىيەدىن ئىكەنلىكىنىلا بىلەتتى.
16 ياشقا كىرگەندە، بېقىۋالغان ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭ ئەسلى فامىلىسىنىڭ مۇكەنو بولۇپ ئۆزىنىڭ چوقۇنغۇچىسى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى دېگەندە، جەنىفۇر ھەيران قالغان
شۇنىڭدىن كېيىنكى تۆت يىلدا، جەنىغۇر ھەر خىل دەلىل-ئىسپاتلارنى توپلىغان ھەمدە ئويلىغىنىدەك ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۆز ئاچا-سىڭىل ئىكەنلىكىنى بىلگەن.
جەنىفۇر غەيرەتكە كېلىپ دومىنىكا بىلەن ئالاقىلاشقان، ھەمدە ئۇنىڭغا ئىككەيلەننىڭ ئاچا-سىڭىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھۆججەتنى ئەۋەتىپ بەرگەن
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بۇ خەۋەر دومىنىكاغا قاتتىق زەربە بولغان، ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆز سىڭلىسىنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى بىلمەيتتى، بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بولغا
ن مۇناسىۋىتىمۇ تازا ياخشى ئەمەس ئىدى.
2007-يىلى، ئىككى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئاچا-سىڭىل ئۇچراشقان، شۈبھىسىزكى، ئۇلار خۇددى ئۇرۇق پوستىدىكى ئىككى تال كۆك پۇرچاققا ئوخشاش يېقىن قېرىنداش، ياق، ئۈچ دانە، ئۇلارنىڭ يەنە بىر سىڭلىسى كىرىستىنمۇ بار.
دومىنىكا ئاتا-ئانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇلاردىن بىر جاۋابقا ئېرىشمەكچى بولغان، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى نەچچە يىل ئىلگىرى تاشلىۋەتكەن جەنىفۇرنى ئېتراپ قىلغان.
شۇنىڭدىن كېيىن، ئۈچ ئاچا-سىڭىل ئىزچىل يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن. ھازىر جەنىفۇر ھوللىۋودتا خىزمەت قىلىدۇ، ئۇ بىر كەسپىي يۇقىرى بوشلۇقتىكى ئارىلاش تېخنىك ۋە سېرك ئارتىسى، ئۇ ئۆزىنى باشقىلار بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوق، ھاياتلىق چەكسىز ئېھتىماللىققا تولغان، قانداق ياشاشنى ئادەم ئۆزى بەلگىلەيدۇ دەپ قارايدۇ. مەيلى تەڭرىم سىزگە نېمە ئاتا قىلغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سىز چوقۇم ئۆزىڭزنى كۈچەيتىشىڭىز ۋە چىرايلىق ياشىشىڭىز كېرەك!