ئۇلار ئۆلۈش ئالدىدا نىمە دەيدۇ ؟
تېڭشۈن تورى خەۋىرى، :
ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا لوس ئانژېلېس شەھىرىدىكى فوتوگراف ئەندرېۋ جورجى دوختۇرخانىدىكى ئۆلۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىمارلارنى سۈرەتكە تارتقان بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ سۈرەتلىرى ئارقىلىق، بۇ بىمارلارنىڭ ھاياتلىقنىڭ ئاخىرى باسقۇچلىرىدىكى دانىشمەنلىكىنى نامايان قىلىپ، باشقا ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ ئەمەلىيەتچان ئۆتكۈزۈشكە رىغبەتلەندۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. سۈرەتتە، راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى سارا، ئۇ كېسەل مەزگىلىدە ئۆزىگە ئوخشاش كېسەل ئازابى تارتىۋاتقان ئىنى-سىڭىللىرىغا قار
ىغان.
ئەندرېۋ تۆت يىل ئىلگىرى «سەكرات ئالدىدا» ناملىق سۈرەتلەرنى تارتىشقا باشلىغان. ئەندرېۋنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆلۈش جەريانى ھەر بىر ئادەم ئۈچۈن غايەت زور رىقابەت بولۇپ، ئۇ ئاپپارات ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمگە قايتۇرغان ئىنكاسىنى خاتىرىلەشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، بولۇپمۇ، شۇ قورقۇنۇشلارنى يەڭگەن ئادەم
لەرنى ئاساسلىق خاتىرىلەش نىشانى قىلغان.
ئەندرېۋنىڭ «سەكرات ئالدىدا» ناملىق سۈرەتلىرى يېقىندا لوس ئانژېلېس شەھىرىدىكى بىر مۇزېيدا كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، بۇ سۈرەتلەردە 20 نەپەر بىمارنىڭ ئۆلۈش ئالدىدىكى ھالەتلىرى نامايان قىلىنغان. بۇ سۈرەتلەرنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئاستىغا، ئەندرېۋ ئۇلارنى سۈرەتكە تارتقان ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا ئېيتقان يۈرەك سۆزلىرى يېزىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈمىدلىرى، ئارزۇلىرى، خۇشاللىقى ۋە پۇشايمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۈرەتتىكى، جىن ئىسىملىك ئايال بولۇپ، ئۇنىڭ ئارزۇسى ئۇ كەتكەندىن كېيىن، ئانىسى ۋە بالىلىرىنىڭ ئۆزى ئىلگىرى ئۇلارغا قىلغان كۆيۈنۈشلىرىنى ئەسلەپ تۇرۇشى ئىكەن.
ئەندرېۋ سۈرەتكە تارتىش جەريانىدا، كۆپ قىسىم ئادەملەرنىڭ ئۆلۈمگە بىر خىل تىنچ پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى بايقىغان، ئۇلار ھەم ئۆلۈمدىن قورقمايدۇ ھەم بۇ ئازابلاردىن قۇتۇلۇشقا ئالدىرىمايدۇ. گەرچە كېسەللىك ئازابلىرى ئۇلارنى قىيناۋاتقان بولسىمۇ، بىراق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇددى يېڭى بىر كۈننى كۆرەلىشىنى ئۈمىد قىلغاندەك كەيپىياتتا تۇرىدۇ.
بۇ ئايالنىڭ ئىسمى ئەيلىن بولۇپ، ئۇ مۇنداق دەيدۇ:« بۈگۈن ھاۋا شۇنداق ياخشى، مەن ئىزچىل شامالدا ئىرغاڭلاۋاتقان يوپۇرماقلارغا قارايمەن. ھايات ۋاقتىمدا بۇنداق مەنزىرىنى كۆرەلىگەنلىكىمدىن ئۆزۈمنى شۇنداق بەختلىك ھېس قىلىمەن.
بۇ ئەرنىڭ ئىسمى جىك بولۇپ، ئۇ ئەندرېۋقا ئۆزىنىڭ ئەپسۇسلىنارلىق ئىشىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:« ئايالىم مېنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك سۆيگۈنۈم ئەمەس. 40 يىل ئىلگىرى، مەن ياپونىيەلىك بىر قىز بىلەن تونۇشقان، ئۇ مېنىڭ ئۆمۈرلۈك سۆيگۈنۈم.» جىك بىلەن ياپونىيەلىك ئۇ قىز 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تونۇشقان بولۇپ، ئىككى ياش بۇ جەرياندا ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇشقان، بىراق، ئۇرۇش جەريانىدا بەختكە قارشى ئايرىلىپ كەتكەن. جىكقا قاراۋاتقان سېسترامۇ ياپونىيەلىك قىز بولۇپ، ئۇ ھەر قېتىم بۇ سېسترانى كۆرگىنىدە، ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى يوقىتىپ قويغان سۆيگۈنىنى ئەسلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.
ئەندرېۋ سۈرەتكە تارتقان بۇ بىمارلارنىڭ كۆپ قىسىمى ئاللىقاچان ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، پەقەت نېللىي گۇتىيرېسلا بۇ قېتىملىق كۆرگەزمىگە قاتنىشالىغان. نېللىينىڭ دىئابېت كېسىلى، جىگەر زەئىپلىشىش كېسىلى، يۈرەك كېسىلى بار بولۇپ، ئۇمۇ سەكرات ئالدىدا تۇرۇۋاتقان كىشىلەرنىڭ بىرى. نېللىي كېسەللىك ئازابىغا ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بېرىۋاتقان بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەرنى بىر كۈن بولسىمۇ كۆپرەك كۆرۈۋېلىشىنى ئارزۇ قىلىدىكەن.
سۈرەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزىلىشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، مۇسكۇل يىگلەش خاراكتېرلىك يۇلۇن يان خوردىلىرى قېتىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر ئايال دوستلىرى بىلەن بىر مەيدان ھەشەمەتلىك ئۇزىتىش يىغىلىشى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، «ئازابلانماي ئۆلۈش»نى قوبۇل قىلغان.
ھېت ئەندرېۋغا ئۆزىنىڭ بۇ ئۆمرىدىكى ئەڭ پۇشايمان قىلىدىغان ئىشىنىڭ سالۋادوردا ياشاۋاتقان قىزى بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەنلىكى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن:«ئۇ ئەسلى ھاياتىمنىڭ بىر قىسىمى ئىدى، مەن ئۇنى بۇ ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلدىم.»
كېسەل كارىۋىتىدا ياتقان سارا مۇنداق دېدى:«ۋاقىت خۇددى گۆھەرگە ئوخشايدۇ، ھاياتلىقىنىڭ چېكى بار. سىز مەڭگۈ ھاياتىڭىزدا نېمىلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلمەيسىز، ھەر ۋاقىت ھەر خىل خەتەرلەرگە دۇچ كېلىپ تۇرىسىز. مەن تەقدىرنىڭ ماڭا ئادالەتسىزلىك قىلغان-قىلمىغانلىقىنى ئويلىمايمەن، چۈنكى، ئادالەتنىڭ تەقدىر ئالدىدا ھېچقانداق مەنىسى يوق
جورجى ئىسىملىك بىر بوۋاي ئىنتايىن خۇشال ھالەتتە مۇنداق دېدى:« مەن دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئادەم! مېنىڭ ئەڭ قالتىس ئايالىم، قىز-ئوغۇللىرىم، نەۋرەم، ئەۋرەم بار. يەنە قانداق ئادەم مەندىن بەختلىك ھېسابلىنىدۇ؟»