بېشى تۇغما ئەگرى ئەر تۇرمۇشقا بېشىنى ئېگىپ باقمىدى
ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىرازىلىيەنىڭ موئۇنت بازىرىدىكى ئولىۋېيرا (Oliveira) تۇغما بوغۇم تارتىشىپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، ئۇ تۇغۇلغاندا بېشى ئارقىغا ئەگرى بولۇپ، پۇت-قولىمۇ غەيرى ئىكەن. بىراق، ئۇ دائىم خۇشال يۈرىدىغان بولۇپ، ئەزەلدىن تۇرمۇشقا باش ئ
ېگىپ باقمىغان
ئاز ئۇچرايدىغان كېسەل سەۋەبىدىن ئولىۋېيرانىڭ باش قىسىمى ئارقىغا ئېگىلىپ تۇرىدىغان بولۇپ قالغان ھەمدە پۇت-قولىمۇ غەيرىي بولۇپ، ماڭالمايدۇ. تۇغۇلغان ۋاقىتتا، نۇرغۇن ئادەم ئولىۋېيرانىڭ ھايات قېلىش ئۈمىدى ناھايىتى كىچىك، دەپ قارىغان، دوختۇرمۇ ھەتتا ئۇنىڭ ئانىسىغا ئولىۋېيرانى ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىش تە
كلىپىنى بەرگەن، بىراق، ئانىسى ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمىگەن
سەككىز يېشىدىن باشلاپ، ئولىۋېيرا تىزىغا تايىنىپ يول مېڭىشنى ئۆگەنگەن، ئۆيدىكىلىرى ئۇنىڭ ئۈچۈن پولنىمۇ ئالماشتۇرغان. بۇنداق بولغاندا، ئۇ يول ماڭغاندا ئۆزىنى يارىلاندۇرۇۋالمايدۇ. ئولىۋېيرانىڭ كارىۋىتى، ئىشلىتىدىغان چاتقۇچ ۋە چىراغ قاتارلىق نەرسىلىرىنىڭ ھەممىسى تۆۋەن جايغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنداق بولغاندا، ئۇ ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالايدىكەن، باشقىلارن
ىڭ ياردىمىگە موھتاج بولمايدىكەن
ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە ئېغىزى بىلەن قەلەمنى چىشلەپ تۇرۇپ خەت يېزىشى، كالپۇكلىرى بىلەن يانفون ۋە كومپيۇتېر مائۇسىدا مەشغۇلات قىلشىنى ئۆگەنگەن. شۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ۋە مۇستەقىللىقى ئۇنىڭ ئوقۇش جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا تۈرتكە بولغان ھەمدە ئالىي مەكتەپتە بوغالتىرلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئالغان
بۈگۈنكى كۈندە، ئولىۋېيرا ئۆزىنىڭ يېڭى كىتابىنى نەشردىن چىقارغان بولۇپ، بۇ كىتابتا ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسى سۆزلەنگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ نورمال ئادەملەر بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ھ
ېچقانداق پەرقى يوق ئىكەن