80-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلار كىرىڭلار، بالىلىققا قايتىمىز....
سىلەرمۇ تاماق قاچىسىنى قولتۇققا قىسىپ مەكتەپكە بېرىپ باققانمۇ؟ قاچان يەيدىغان چاغ بولاركىن دەپ نەپسىڭلارنى تاقىلدىتىپ تاماق قاچىسىنى سىلاپ قويۇپ ئولتۇرۇپ باققانمۇ؟
قانچىمىز «غۇنچەم» تېكىستىنى تولۇق يادلىيالايمىز؟ قېنى يادلاپ بېقىڭە؟
رېزىنگە تاقلىغۇچ ئويناپ ئوشۇقتىن بەلگىچە ھەتتا قولتۇققىچە ئوينايدىغانلارمۇ، ئۈستىگە چىققانچە ئاسمانغا قاراپ ئوينايدىغانلىرىمۇ بار ئىدى...
مەكتەپ قوروسىدىكى ئۆزىمىزنىڭ تازىلىق رايونىمىزنى ساۋاقداشلار بىرلىكتە تازىلايتتۇق. بىزنىڭ سىنىپ مەسئۇلىمىز ھەممەيلەننى قاتارىغا تۇرغۇزىۋېلىپ:«ھە، ئېگىلىڭلار، ھە تېرىشنى باشلاڭلار! ئەمدى ئۆرە تۇرۇڭلار، ئارقىغا بۇرۇلۇڭلار، يەنە ئېگىلىڭلار، تېرىڭلار!» دەپ ئەخلەت تەرگۈزەتتى. بىز بېشىمىزنى تۆۋەن سېلىۋېلىپ كۇسۇرلىشىپ كۈلۈشەتتۇق.
بەشتاش ئوينىيالايدىغانلارغا قايىلمەن. چۈنكى قول كەينىگە ئېگىلمىسە بىرمۇ چۈشمەيدۇ. كۆزىنى قىسالمايدىغانلارغا تېخىمۇ جاپا، قارىغۇ تاش ئوينىيالمىسا نۆۋىتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىدىغان گەپ!
كەرە يادلاشتا ساۋاقداشلار بىلەن بەسلىشەتتۇق. ئەتتىگەندە قوپۇپ يادلاشقا چۈشسەك، كېچە ئۇيقۇچىلىقتا يەنە شۇ «سەككىز كەرە يەتتە» نى بىلەلمەي جۆيلۈيتتۇق.
قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ تاپشۇرۇپ ئىشلەيتتۇق ياكى ئاكا-ئاچىلىرىمىز بىزگە دەرس تەكرارلاپ بېرەتتى. ئالدىمىزدا تاپشۇرۇق دەپتەر، خىيالىمىز يەنە قورو سىرتىدىكى ئويۇنچى بالىلاردا ئىدى.
بۇ سومكىنى 80-يىلنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدە تۇغۇلغانلار ئىشلەتكەن بولۇشى مۇمكىن. مەن ئاپام ئۆز قولى بىلەن تىكىپ بەرگەن بوغچىنى ئاساتتىم.
قارا-قارا قۇشلارىم، ئارقاڭدىكى نېمەرىڭ؟
ئۇششاق ئۇششاق بالىلىرىم.
ماڭا بىرنى بەرسەڭچۇ؟
كۈچۈڭ يەتسە ئالساڭچۇ....
لاي ئويناش ھەممە بالىغا ئورتاق ئەسلىمە بولسا كېرەك. بىز تونۇرنىڭ كەينىگە لايدىن نان ياساپ چاپلايتتۇق. ئۆزىمىزچە تېخى، ئوت ئىتتىك كېتىپ، نان چۈشۈپ كەتتى، دەپ كەينىنى مىجىپ قويۇپ يەنە چاپلايتتۇق. ئوغۇللار لايدا قەلئەلەرنى ياساپ چىقاتتى. شۇ چاغلارمۇ ياخشىتىكەن، كۈندە بىر قىز بىلەن ئەر-خوتۇن بولۇپ لاي ئوينايتۇق تېخى...
قول كۆتۈرمىگەنلەردىن سوئال سورايدىغان ئوقۇتقۇچىلار بار ئىدى. جاۋاب بەرگۈسى يوقلار قولىنى كۆتۈرىۋالسا قېرىشقاندەك شۇنى قوپقۇزاتتى. بىچارە بېشىنى تاتىلاپ تۇرۇپ كەتكەن... بەزىدە قولىمىزنى يا كۆتۈرگەنگە يا كۆتۈرمىگەنگە ھېساب ئەمەس، بوشلا كۆتۈرۈپ قوياتتۇق... ئۆزىمىزچە بۇ ئەقلىمىزنى ئوقۇتقۇچى بىلەلمەيدىغاندەك...
بۇنى بىز «پاخپاخ» دەيتتۇق، خاراكتېرى مۇشۇ نەچچە يىل بۇرۇن كىچىك بالىلار ئارىسىدا مودا بولغان «كا» دېگەن ئويۇنچۇققا ئوخشايتتى.
«مەرمەر» يەنە «ساقا»،«دەنزە» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئوغۇللار كۆپرەك ئوينايدۇ، ئىشقىلىپ ئويۇنلارغا ئۇستا بالىلارنى خۇددى ئۆگىنىشتە ياخشى بالىلارنى چوڭ كۆرگەندەك ئەتىۋارلايتتۇق دېسە...
ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان مەزگىللەردە ھەممە بالىنىڭ قولىدا بىردىن كانسىپىك، ساۋاقداشلار خاتىرىسى يېزىش ئۈچۈن قوشاقلارنى يىغىپ قوياتتۇق. رەسىم چاپلاپ بېرىدىغانلىرىمىزمۇ بار.
بەزىدە خاتىرىلەرگە ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان ناخشىلارنى يېزىپ قوياتتۇق. يالغۇز قالغاندا ئاۋازىمىزنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ ناخشا ئېيتاتتۇق.
شەرق، شىمال، جەنۇب، غەرب - تاللىسىڭىز ئىچىدە بىر قىز بالىنىڭ ياكى ئوغۇل بالىنىڭ ئىسمى بار. قىز بالىغا ئوغۇلنىڭ ئىسمى ياكى ئوغۇلغا قىزنىڭ ئىسمى چىقىپ قالسا، بىر بىرىگە چاپلاپ جىلە قىلاتتۇق.
نېمىشقىدۇر باشقا ئىشمۇ يوق، شۇ سامان-مەڭگىيلەرنىڭ ئۈستىگە چىقىۋېلىپ، يېتىپ پاراڭلىشىشنى ياقتۇراتتۇق. نېمە پاراڭلاشنى سېلىشار بولغىيتتۇق؟ قاراڭغۇ چۈشەي دېسىمۇ، تاپشۇرۇقلار جىق بولسىمۇ غەمسىز ھالدا سامان ئۈستىدە يېتىشىمىز قىززىقتە!
ۋېلىسپىت مىنىشنى يېڭىدىن ئۆگەنگەندە كىم سىزنىڭ ۋېلىسپىتىڭىز كەينىدىن تۇتۇپ بەرگەن؟
يەنى سىز كىمنىڭ ۋېلىسپىتىنى مىنىپ ئۆگەنگەن؟
مەن ئاتامنىڭ 28 ۋېلىسپىتىنى مىنىپ ئۆگەنگەن، ئاپام كەينىدىن تۇتۇپ بېرەتتى. باشتا تۆمۈرنىڭ ئوتتۇرىدىن پۇتۇمنى كىرگۈزۈپ، يېرىم تېپىپ يۈردۈم. كېيىنچە پۈتۈن تەپكۈدەك بولدۇم. ئەمما ناھايىتىمۇ سەت بىر قىڭغىر قىياپەتتە...