«ئۇكاڭغا بېرە، ساڭا بىرنى ئېلىپ بېرەي» دەيدىغان ئاتا-ئانىلارغا
ئۇكاڭغا بېرىۋەت، مەن ساڭا يەنە بىرنى ئېلىپ« بېرەي» دەيدىغان ئاتا-ئانىلارغا
بىز «ئۇكاڭ كىچىك بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا بەر، ئادەم دېگەن ئۆزىدىن كىچىكلەرگە يول قويۇشنى بىلىشى كېرەك» دېگەندەك گەپلەرنى دائىم ئىشلىتىمىز، بىراق ھازىر بۇنىڭدەك يول قويۇش ھەمدە كەمتەرلىك دائىم باشقىلار تەرىپىدىن خاتا چۈشۈنۈپ قېلىنىشقا سەۋەب بولۇۋاتىدۇ، ھەتتا ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە بۇنى دەستەك قىلىۋالىدۇ. ئادەتتە بالىلارنى ئېلىپ دوستلارنىڭ ئۆيىگە ئوينىغىلى بارغان ۋاقىتتا ئۇ يەردە بالىڭىز بىلەن ئوينايدىغان ئوخشىمىغان ياشتىكى بالىلار بولىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىشلارنىڭ يۈز بېرىش قېتىم سانى ئېشىپ كېتىدۇ. تۆۋەندىكى مىساللارنى كۆرۈپ باقايلى.
سەككىز ياشلىق قىز راھىلەنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭغا:«بالام، بۇنى ئۇكىڭىزغا بېرىڭ، سىزنىڭ ئويۇنچۇقلىرىڭىز شۇنداق جىققۇ، بىرەرنى بەرسىڭىز نېمە بوپتۇ؟ گەپ ئاڭلاڭ، ئۇنىڭغا بېرىڭ» دېسە، قىز كۆزلىرى ياش، قىيمىغان ھالدا ھال رەڭلىك ئېيىق قونچىقىنى بەش ياشلىق نەۋرە سىڭلىسىغا بەردى، چۈنكى نەۋرە سىڭلىسى ئۇنىڭ قونچىقىنى تالىشىپ يىغلاپ جېدەل قىلغان ئىدى. راھىلەنىڭ ئاپىسى ئۇنىڭغا:«بىر قونچاقنىڭ ئىشىغۇ، ھېچنېمە بولمايدۇ، بالام، كېلەر قېتىم سىزگە يەنە بىرنى ئېلىپ بېرىمەن» دەپ قىزىنىڭ كۆڭلىگە تەسەللىي بېرىپ قويدى.
يەتتە ياشلىق بەرنانىڭ مىجەزى ئوغۇل بالىنىڭكىدەك بولغانلىقى ئۈچۈن ئوغۇللارنىڭ ئويۇنچۇقىنى ئويناشقا ناھايىتى ئامراق، بىر كۈنى ئۇ ئاكىسىنىڭ ئۆيىگە بارغان ۋاقىتتا ئون ئىككى مۈچەلدىكى ئىت سۈرئەتلىك ئېلاستىك توپنى شۇنداق ياقتۇرۇپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن قولىدىن چۈشۈرمەي ئويناپتۇ، ئاكىسى ئۇنىڭدىن ئېلىۋالماقچى بولسىمۇ بەرمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر مەيدان تالىشىش جېدىلى يۈز بېرىپتۇ. «ئاكا بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا بەر، مەن ساڭا ئېلىپ بېرەي» دەپتۇ بەرنانىڭ دادىسى. ئەمما ئۇ چىرايلىق توپىغا چىدىماي يىغلاپ كېتىپتۇ، توپ بەرنانىڭ بولۇپ، ئۇ خۇشال ئۆيىگە قايتىپتۇ. بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن بەرنانىڭ ئاپىسىنىڭ خىزمەتدىشى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بالىسىنى ئېلىپ كەپتۇ، «ئوغرىنى قاراقچى جايلاپتۇ» دېگەندەك ئۇ بالىمۇ دەل شۇ ئېلاستىك توپنى ياقتۇرۇپ قېلىپ يىغلاپ يۈرۈپ ئېلىۋاپتۇ، ئۇلار كەتكەندىن كېيىن بەرنا ئاپىسىغا ئېسىلىپ قاتتىق يىغلاپ كېتىپتۇ.
يەنە بىر ۋەقەلىك بار، بۇ ئادەمگە پاسسىپ ئېنېرگىيە بېرىدۇ. ئەخمەت ئاكىسى سەمەتنىڭ ئۆيىگە بارغان ۋاقىتتا، سەمەت ئۇنىڭغا ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئۆزگىرىشچان ۋاجرانى كۆرسىتىپ قويۇپتۇ، ئۇ ئىككىسى ئاتا-ئانىسىنىڭ گەپلىرى تۈگىگىچە يېرىم سائەتلەرچە بىللە ئويناپتۇ. ئاتا-ئانىلىرىنىڭ گەپلىرى تۈگەپ ئۆيگە قايتىشقا تەرەددۇت قىلىۋاتقان ۋاقىتتا، ئەخمەتنىڭ ئاپىسى ئوغلىنىڭ ئۇ ئۆزگىرىشچان ۋاجراغا قاراپ مەرىنى ئۈزەلمەي تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ پىچىرلاپ تۇرۇپ:«بالام، ئۇنى ياقتۇرۇپ قالدىڭمۇ؟ ياقتۇرۇپ قالغان بولساڭ ئېلىۋال، ھېچنېمە بولمايدۇ، سەن دېگەن كىچىك تۇرساڭ، ئۇلار سەندىن رەنجىمەيدۇ. بەرمىسە يىغلاپ جېدەل قىل» دەپ قويۇپ كېتىپتۇ.
ئەخمەت بۇ گەپنى ئاڭلاپلا ئۆزگىرىشچان ۋاجرانى ئېلىپلا ئاتا-ئانىسىنىڭ يېنىغا بېرىۋاپتۇ، سەمەت بۇنى كۆرۈپ ئاچچىقى كېلىپ:«بۇ دېگەن مېنىڭ ئويۇنچۇقۇم، ئېلىپ كەتسەڭ بولمايدۇ» دەپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان ئەخمەت يىغلاشقا باشلاپتۇ. سەمەتنىڭ دادىسى ئۇنىڭغا:«مەن ساڭا يەنە بىرنى ئېلىپ بېرىمەن، ھېچنېمە بولمايدۇ، ئاكا بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن تالاشما، ناھايىتى كەتسە بىر ئويۇنچۇققۇ، ئۇنىڭغا بەرگىن بالام» دېگەندە، ئۇ دادىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي دېسە تېخى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنچۇقىنى ئۇنىڭغا بېرىپتۇ.
بۇنداق ئىشلار بالىلارنىڭ سەبىي ۋاقىتلىرىدا ناھايىتى كۆپ يۈز بېرىدۇ، بۇنداق ئادەت ياخشىمۇ ياكى يامانمۇ؟ بۇ ئادەتلەر چوڭ بولغاندا جەمئىيەتكە يامان تەسىر ئېلىپ كىلەمدۇ قانداق؟
بىز باشقىلارنىڭ يۈزىنى ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايمىز، باشقىلار سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە بارسا چوقۇم ياخشى كۈتۈشىڭىز شۇنداقلا قانداق تەلىپى بولسا ئەدەپ بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك دەپ ئويلايمىز. بىراق ئەدەبنىڭمۇ چېكى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بالىڭىزنىڭ ئويۇنچۇقىنى باشقا بالىلارنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن تارتىپ ئېلىپ بەرمەڭ. بۇ ئىشنىڭ ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بالىنىڭ باشقىلارنىڭ ئويۇنچۇقىنى تالاشقانلىقنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئەدەپسىزلىك. بۇ تېخى بىر بالىغۇ دەپ ئويلىماڭ، بالىلارنى ئۆزى خالىمىغان ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلىماڭ، بالىلارغا نېمىنى ئالسا بولىدۇ، نېمىنى ئالسا بولمايدۇ دېگەندەك ئەخلاقى مەسىلىلەرنى ئوبدانراق بىلدۈرۈپ قويۇش كېرەك، بۇ شۇ مەزگىلدىكى بالىلارغا بېرىلىدىغان تەربىيە دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈشى كېرەك.
نۇرغۇن بالىلار ئالىمەن دېگەنلىكى نەرسىسىگە ئېرىشكەندىن كېيىن يامان ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈۋالىدۇ، شەخسىيەتچى، باشقىلار بىلەن ھەمبەھرىلىنىشنى، چىقىشىپ ئۆتۈشنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. بىرەر بالىنىڭ ئۆيگە كىرگەنلىكىنى كۆرسىلا ھەممە ئويۇنچۇقىنى تىقىپ قويىدۇ، ئىشىكىنى چىڭ تاقىۋېلىپ باشقىلارنى كىرگۈزمەيدۇ. ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بايلىقىنى يىتتۈرۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەيدۇ. ئاتا-ئانىلار بۇ ۋاقىتتا ناھايىتى بىپەرۋا ھالدا:«ناھايىتى بىر ئويۇنچۇققۇ؟ نېمانچە قىلىپ كېتىسەن؟ يەنە بىرنى ئېلىپ بېرەي، پىخسىقلىق قىلما» دېيىشى مۇمكىن. بالىغا ئويۇنچۇقنى ئېلىپ بېرىش بىلەن بىللە، ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقىنىمۇ بېرەيلى. ئۇ بالىلار ئۈچۈن ئاددىي بىر ئويۇنچۇق ئەمەس. ئۆزىڭىزنى ئۇلارنىڭ ئورنىغا قويۇپ تۇرۇپ ئويلاپ بېقىڭ.
ئەگەر بالىڭىزنى دائىم «ھەمبەھرىلىنىشنى بىلمەيدۇ»، «پىخسىق» دېسىڭىز، ئۇنداقتا ئاۋۋال ئۆزىڭىز ئۇنىڭغا ئۈلگە بولۇڭ. مەسىلەن، ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سومكىڭىزنى باشقىلارغا بېرىۋېتىڭ. ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ماشىنىڭىزنى، ئۆيىڭىزنى، پۇلىڭىزنى باشقىلار بىلەن ھەمبەھرىلىنىڭ.
«بىر ئويۇنچۇق بىلەن ماشىنا، ئۆي دېگەنلەرنى سېلىشتۇرۇش مۇمكىنمۇ» دەپ ئويلىماڭ، بۇلارنىڭ قىممىتى ئىگە بولغۇچىنىڭ پوزىتسىيەسىدە بولىدۇ. بالا بۇ ئويۇنچۇقىنى ئۆزىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك گۆھىرى ھېسابلايدۇ.
ياكى بولمىسا سىز مۇنداق تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ.
ئەگەر باشقىلار سىزنىڭ ئۆيىڭىزگە كېلىپ ئىككى قۇر كىيىمىڭىزنى ياكى سومكا قاتارلىق نەرسىلىرىڭىزنى ئېلىپ كەتسە، سىز يەنىلا خۇشال بولالامسىز؟
ئەگەر باشقىلار سىزنىڭ ئۆيىڭىزنى، ماشىنىڭىزنى، پۇلىڭىزنى مۇسادىرە قىلىپ، نامراتلىقتا قىينىلىۋاتقان موھتاجلارغا ياردەم بېرىشنى قوللا دېسە، سىز يەنىلا ناغرا-سۇنايلار بىلەن داغدۇغا قىلىپ تەبرىكلىيەلەمسىز؟
گەپنىڭ راستىنى ئېيتقاندا، بالىڭىزنىڭ ئويۇنچۇقى ئارقىلىق باشقىلارنىڭ بالىلىرىنى خۇشال قىلىشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق.
باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى يىغلاپ جېدەل قىلىپ ئېلىۋالىدىغان بالىلار تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە يامان ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈۋالىدۇ.
بىرىنچى: يالغان يىغلاشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.
بالىلارنى بەك ئاسراپ كەتكەنلىكىمىز ياكى يۈز كېلەلمىگەنلىكىمىز سەۋەبلىك ئۇلار باشقىلارنىڭ ئويۇنچۇقلىرىنى تالاشسا قولىدىن تارتىپ ئېلىپ بەرگىمىز كېلىدۇ، ئەلۋەتتە، قارشى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ بىر خىل خىجىلچىلىقتا قالىدۇ. قارشى تەرەپ ئاتا-ئانىسىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئۇ ئويۇنچۇقنى بەرگۈسى بارمۇ يوقمۇ ئىشقىلىپ زورمۇ - زور بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق ئىش داۋاملىشىۋەرگەنسىرى بالىلارمۇ بۇنىڭغا كۆنۈپ قالىدۇ ۋە «يىغلاپ تالاشساملا ھەممە ئىش ھەل بولىدىكەن» دېگەن قاراشقا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئامالنى داۋاملىق قوللىنىدۇ، بالىلارنىڭ بۇ قىلىقلىرى ئاخىرىدا ئاتا-ئانىلىرىنىڭ يۈزىنى تۆكىدۇ.
ئىككىنچى: قائىدىسىز، يولسىز چوڭ بولۇپ قالىدۇ.
بالىلارنى كىچىكىدە بەك ئەتىۋارلايدىغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىرەر ئىش بولسىلا ھەممىسى دېگۈدەك «كىچىك بالا ئەمەسمۇ، ھېچنېمە بولمايدۇ، ئۇنىڭغا يول قوي» دەيمىز. كىچىكىدە بۇنداق تۇرسا، چوڭ بولغاندا قانداق بولار دېگەننى ئويلىمايمىز. ئۇلار چوڭ بولغاندا باشقىلارمۇ ئۇلارنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكىدەك يول قويىۋەرمەيدۇ. ئۇ «مېنىڭ دېگىنىم دېگەن!» دەيدىغان مىجەزى تۈپەيلى باشقىلارنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايدۇ. شۇ سەۋەبتىن باشقىلار بىلەن ئازارلىشىدۇ. بۇنداق ئادەم چوڭ بولغاندا باشقىلار بىلەن دوست بولالمايدۇ، چۈنكى ئۇ تۇرمۇشتىكى ئاددىي ئىشلاردىمۇ قائىدە-تەرتىپكە ئەمەل قىلالمايدىغان تۇرسا، قانداقمۇ كوللېكتىپنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرىغا ئەمەل قىلالىسۇن؟ بىز كىچىك ۋاقىتلاردا قائىدە-تەرتىپ دەيدىغان ئۇ نەرسە چوڭ بولغاندا قانۇن دەپ ئاتىلىدۇ. قانچە يىغلاپ قاخشىساقمۇ قانۇن بىزگە رەھىم قىلمايدۇ.
ئۈچىنچى: ئۆزىنىڭ ۋە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
ئاتا-ئانىنىڭ تەربىيەسى بالىلارنىڭ قانداق بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىنى ئالماسلىققا، ئەگەر قوشنىسىنىڭ ياكى باشقا بالىلارنىڭ بىرەر ئويۇنچۇق قاتارلىق نەرسىلىرىنى ياقتۇرۇپ قالسا، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغىمۇ ئېلىپ بېرىدىغانلىقىنى، ئەگەر «ئۇنىڭدىن باشقىنى ئالمايتتىم» دېسە ئۆزىنىڭ ئويۇنچۇقى بىلەن باشقىلارنىڭكىنى ئالماشتۇرۇشى كېرەك ئىكەنلىكىنى، بۇلاپ ئېلىۋېلىشقا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى ئۇنىڭغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى، بۇ ھەقتە تەربىيەنى ئوبدان قىلىشى كېرەك. ئەگەر بۇنىڭدەك ئاساسىي تەربىيەنىمۇ قىلمىسا، بۇ بالىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن چوڭ بوشلۇق پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە يەنە باشقىلار ئۇنىڭ كەينىدىن يامان گېپىنى قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، بىز باشقىلارنىڭ بىرلىشىپ ئولتۇرۇپ بىزنىڭ ئائىلە تەربىيەرىمىزنى ئۇنداق مۇنداق دېيىشىنى قەتئىي خالىمايمىز.
ئىككى كۈندىن بېرى بالىڭىزنىڭ باشقىلارنىڭ ئويۇنچۇقىنى زورمۇزور ئېلىۋېلىشى ئۈستىدە توختالدۇق، بۇ نەرسە بەلكىم چوڭ ياكى كىچىك بولۇشى مۇمكىن، بىراق بۇ ئىش ھەقىقىي ماھىيىتىدىن ئېيتقاندا ئىجتىمائىي ھادىسە شەكىللەندۈرۈش بىلەن بىرگە ئىككى بالىنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر قىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭغا قەتئىي سەل قاراشقا بولمايدۇ. بەلكىم سىز ھازىر 20، 30، 40 ياشلارغا كىرىپ قالغان بولىشىڭىز مۇمكىن، بىراق كىچىك ۋاقتىڭىزدا سىزنىڭ ئويۇنچۇقىڭىزنى تارتىۋالغان شۇ كەپسىز بالىنى بەلكىم ئۇنتۇپ كېتەلمىگەنسىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارغا مۇۋاپىق ئۇسۇلدا تەربىيە قىلايلى.