جۇڭگودىكى پۇلى ئەڭ كۆپ10چوڭ شىركەت
خەلق تورى خەۋىرى،
جۇڭگو ھازىر تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرماقتا، دۆلەت ئىچىدە پۇت تىرەپ تۇرۇۋاتقان نۇرغۇنلىغان شىركەتلەر بەس-بەستە خەلقئارالىق بازارغا يۈرۈش قىلماقتا. بۇ شىركەتلەردە ئىشلەپ باققانمۇسىز؟ بۇ شىركەتلەردە ئىشلىسىڭىز شىركەتنىڭ ۋەيران بولۇپ كېتىشىدىن ھەرگىزمۇ ئەنسىرىمەيسىز، چۈنكى بۇ شىركەتلەرنى «دۆلەت بىلەن بەسلەشكۈدەك بايلىقى بار» دېيىشكە بولىدۇ.
1. ئەلى بابا گۇرۇھى
ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ ھازىرقى بازار قىممىتى بىر تىرىليون 185 مىليارد يۈەنگە يېتىدىغان بولۇپ، يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ توردا پارچە سېتىش كارخانىسى ھېسابلىنىدۇ، يىللىق سودا سوممىسى بىر تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ كېتىدۇ، «قوش 11» بايرىمىدا بىر كۈنلۈك سودا سوممىسى 35 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن. ھازىر ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ ئاساسلىق كەسپى جۇڭگودا ھەمدە دۇنياغا كېڭەيمەكتە. ئەلى بابا گۇرۇھى جۇڭگونىڭ پارچە سېتىش كەسپىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى.
2. تېڭشۈن شىركىتى
تېڭشۈن شىركىتىنىڭ ھازىرقى بازار قىممىتى بىر تىرىليون 105 مىليارد يۈەنگە يېتىدىغان بولۇپ، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تور سۇپىسى ھېسابلىنىدۇ، بۇ شىركەتنىڭ QQ ۋە ئۈندىداردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ سۇپىسى بار.
QQ سۇپىسى كومپيۇتېرغا چوقۇم قاچىلىنىدۇ، ئۈندىدار سۇپىسى بولسا تېڭشۈن شىركىتىنىڭ كۆچمە توردىكى كوزىر مەھسۇلاتىدۇر. ئۈندىدار گەرچە جۇڭگودا بىر غايەت زور سۇپا بولسىمۇ، ئەمما دۆلەت بوسۇغىسىدىن چىقىشى ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىدى. ھازىر پەقەت ئاسىيا بازىرىدىلا بىر ئاز بازار سالمىقىغا ئىگە.
3. ئامانلىق سۇغۇرتا شىركىتى
ئامانلىق سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ھازىرقى بازار قىممىتى 620 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. ئامانلىق سۇغۇرتا شىركىتى جۇڭگودىكى تۇنجى پاي تۈزۈمىدىكى سۇغۇرتا شىركىتى بولۇپ، ھازىر سۇغۇرتا، بانكا، مەبلەغ سېلىش قاتارلىق پۇل مۇئامىلە كەسىپلىرى مۇجەسسەملەنگەن ئۇنىۋېرسال پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت گۇرۇھى ھېسابلىنىدۇ.
4. خۇاۋېي شىركىتى
خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ھازىرقى بازار قىممىتى 560 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. خۇاۋېي پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئالاقە ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەپچىقىرىدىغان ۋە ساتىدىغان پۇقراۋى ئالاقە پەن-تېخنىكىسى شىركىتى بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىقى ئالاقە تورىدىكى تور ئالماشتۇرۇش، تور يەتكۈزۈش، سىمسىز ۋە سىملىق مۇقىم ئۇلىنىدىغان تور ۋە سانلىق مەلۇمات ئالاقە تورى ھەمدە سىمسىز تېرمىنال مەھسۇلاتلىرىغا چېتىلىدىغان بولۇپ، جاھاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئالاقە تىجارىتى شىركەتلىرى ۋە كەسپىي تور ئىگىلىرىگە قاتتىق دېتال ئۈسكۈنىسى، يۇمشاق دېتال، مۇلازىمەت ۋە ھەل قىلىش لايىھەسى تەمىنلەيدۇ.
5. بەيدۇ شىركىتى
بەيدۇ شىركىتىنىڭ ھازىرقى بازار قىممىتى 370 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. بەيدۇ شىركىتى يەر شارىدىكى ئەڭ چوڭ خەنزۇچە ئىزدەش ماتورى بولۇپ، 2000- يىلى 1- ئايدا لى يەنخۇڭ بىلەن شۈ يۇڭ بېيجىڭ جۇڭگۈەنسۈندە قۇرغان، بۇ شىركەت كىشىلەرگە «ئاددىي، تايىنىشقا بولىدىغان» ئۇچۇرغا ئېرىشىش شەكلىنى تەمىنلەيدۇ.
6. ۋەندا گۇرۇھى
ۋەندا گۇرۇھىنىڭ ھازىرقى بازار قىممىتى 360 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. داليەن ۋەندا گۇرۇھى 1988- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۆي- مۈلۈك، ئالىي دەرىجىلىك مېھمانساراي، ساياھەتكە مەبلەغ سېلىش، مەدەنىيەت كەسپى، زەنجىرسىمان تۈرلۈك ماللاردىن ئىبارەت بەش چوڭ كەسىپنى شەكىللەندۈرگەن.
7. خەلق تۇرمۇشى بانكىسى
خەلق تۇرمۇشى بانكىسىنىڭ ھازىرقى بازار قىممىتى 330 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. جۇڭگو خەلق تۇرمۇشى بانكىسى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تۇنجى بولۇپ ئەل ئارا كاپىتال ئارقىلىق قۇرۇلغان مەملىكەت خاراكتېرلىك سودا بانكىسى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، «شىركەت قانۇنى» ۋە «سودا بانكىسى قانۇنى» غا ئاساسەن قۇرۇلغان ئۆلچەملىك پاي تۈزۈمىدىكى پۇل مۇئامىلە كارخانىسىدۇر.
8. شياۋمى شىركىتى
شياۋمى شىركىتىنىڭ ھازىرقى بازار قىممىتى 290 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. شياۋمى شىركىتى 2010-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۆز ئالدىغا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون تەتقىق قىلىپ ياسايدىغان كۆچمە ئېنتىرنېت شىركىتىدۇر، بۇ شىركەتنى گۇگول، مىكروسوفت، جىنشەن قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ سابىق يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرى بىرلىكتە قۇرغان.
9. چۆمۈلە پۇل مۇئامىلە گۇرۇھى
چۆمۈلە پۇل مۇئامىلە شىركىتىنىڭ ھازىرقى بازار قىممىتى 290 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. چۆمۈلە پۇل مۇئامىلە گۇرۇھى جېجياڭ ئەلى بابا ئېلېكترونلۇق سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ بالا شىركىتى بولۇپ، 2014- يىلى 10- ئاينىڭ 16- كۈنى قۇرۇلغان.
10. جىڭدۇڭ گۇرۇھى
جىڭدۇڭ گۇرۇھىنىڭ ھازىرقى بازار قىممىتى 246 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ. جىڭدۇڭ گۇرۇھى جۇڭگودىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال توردا پارچە سېتىش كارخانىسىدۇر. شىركەت قارمىقىدىكى جىڭدۇڭ سودا شەھەرچىسى جۇڭگونىڭ ئېلېكترونلۇق سودا ساھەسىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن ۋە ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە ئېلېكترونلۇق سودا تور بەتلىرىنىڭ بىرسى بولۇپ، توردا ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى، رەقەملىك ئۇچۇر ئالاقە، كومپيۇتېر، ئائىلە جاھازلىرى، كىيىم- كېچەك، ئانىلار ۋە بوۋاقلار، كىتاب، يېمەكلىك، ساياھەت قاتارلىق 12 چوڭ تۈر بويىچە نەچچە 10 مىڭ خىل مەھسۇلات ساتىدۇ.