تەۋسىيە)نېمە ئۈچۈن نوچى ئادەملەر سەھەرچى كېلىدۇ؟
تەۋسىيە)نېمە ئۈچۈن نوچى ئادەملەر سەھەرچى كېلىدۇ؟
sebiler
«ھەممىمىزنىڭ بىر ھەپتىدە ئوخشاشلا 168 سائەت ۋاقتىمىز بار، ئەمما بۇ 168 سائەتتە ياراتقان قىممىتىمىز ئوخشىمايدۇ»
----چېسىي دىتتىم
ھەممىگە ئايان، مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار كۆپىنچە سەھەرچىلەر ئارىسىدىن چىقىدۇ. فرانكىلىن ئامېرىكىنىڭ 32-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتىدىن تاكى ھازىرقى پىرېزىدېنتىئوباماغىچە، گىرېي ۋاينىرچۇك قىزىل ھاراق تونۇشتۇرىدىغان مىكرو سىن بىلوگىنىڭ قۇرغۇچىسىدىن تاكى تىم كۇك ئالما شىركىتىنىڭ ھازىرقى باش ئىجراچىسى، ھەممىسى تاڭ شەپىقى بىلەن تەڭ ئويغىنىدۇ. مەيلى نېمە سەۋەبتىن سەھەر تۇرغان بولسۇن، ئۇلار خوراز چىللاش بىلەن تەڭ تۇرىدىغان ئادىتىدىن كۆپ مەنپەئەت ئالىدۇ.
سىز ناشتىلىق يەيدىغان ۋاقىتتا، سەھەرچىلەر نېمىلەرنى قىلىدۇ؟
1.پايدىلىنىدىغان ۋاقتى باشقىلاردىن كۆپ بولىدۇ
ھەر كۈنى بىرسائەت بالدۇر تۇرسا، يىلدا 15 كۈن ۋاقىت كۆپەيگەنگە باراۋەر. ئەمەلىيەتتە، كۈندە 6-7 سائەت ئۇخلاش يېتەرلىك، بۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئۇخلاش، ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغانلىق. ئەگەر ئىش ئۈنۈمىڭىز يۇقىرى بولمىسا، ئۇخلاش ۋاقتىڭىزنى ئازايتىپ بېقىڭ.
2.ئىرادىلىك بولىدۇ
باشقىلار بىلەن باردى-كەلدى قىلىش، مۇھىم ئىشلار ئۈستىدە قارار چىقىرىش، قاتناش قىستاڭچىلىقى دېگەندەك مەسىلىلەرگە كۈندە ئۇچراپ تۇرىسىز. بۇ جەرياندا، بىلىپ –بىلمەي ئىرادىڭىز ئاجىزلاپ، ئىش ئۈنۈمىڭىز تۆۋەنلەيدۇ.
كەچتىكى خىزمەت ئۈنۈمىڭىزنىڭ سەھەردىكىدەك يۇقىرى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان بولسىڭىز، سەھەر تۇرۇپ،كەچتە بايقالمىغان يوشۇرۇن كۈچلىرىڭىزنى قېزىشقا تىرىشىڭ.
3.باشقىلاردىن بىر قەدەم ئالدىدا ماڭالايدۇ
ئەتىگەندە ئويغىنالماي بالىڭىزنىڭ چۈشلۈك تامىقىنى ئۇنتۇپ قېلىش قاتارلىق كىچىك ئىشلار كەيپىياتىڭىزنى بۇزۇپ،خىزمەت ئۈنۈمىڭىزنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
سەھەرچى كىشىلەر،باشقىلار ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ ئىشقا كەلگەندە، ئالدىرىماي، تەمكىن ھالدا خىزمىتىنى باشلاپ بولىدۇ.
ئەتىگەندە بىرىنچى بولۇپ ئىشقا كېلىشنىڭ پايدىسى خىزمەتداشلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش سەۋەبلىك دىققەتنىڭ چېچىلىشى ئازىيىدۇ، كۈندىلىك پىلاندىكى خىزمىتىڭىزنى ياخشى تاماملىيالايسىز.
دۇنيا مىليونلىغان سەھەرچىلەرنى ئويغىتىدۇ، ئۇلار سەھەر تۇرۇپ غەلىبە قازىنىدۇ، سىز نېمىنى كۈتۈپ ياتسىز؟