查看原文
其他

بىلەمسەن ئانا، مېنىڭ پەقەتلا قىز تۇغقۇم بار!

2016-11-29 sebiler



بىلەمسەن ئانا، مېنىڭ پەقەتلا قىز تۇغقۇم بار!

پەرزەنتىم قورسىقىمغا ئۈنگەن شۇ دەقىقىدىن باشلاپ، ئاللاھتىن قىز بولۇشىنى كېچە- كۈندۈز تىلىدىم، كىتاپخانىغا بېرىپ ئىسىملار قوللانمىسى سېتىۋېلىپ ئەڭ چىرايلىق ،ئەڭ نازاكەتلىك ئىسملارنى كەلگۈسى قىزىم ئۈچۈن تاللاشقا باشلىدىم. قورسىقىمدىكى بالىنىڭ تىپىرلاشلىرىنى سەزگەن چاغلىرىمدا يۈرىكىمنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىرىدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بىلەن خوشال بولدۇم.


ئەپسۇس، بالا ئوغۇل تۇغۇلدى، كۆزۈمگە سەت كۆرۈنمىدى- يۇ، ئەمما قەلبىمدىكى مەن ئارزۇلىغان قىزىمغا ئوخشاش ئوماق كۆرۈنمىدى، بۇ نېمىشقىدۇر ئانا-ھە؟ مەن نەچچە سائەت ئۆلگۈدەك ئاچچىق تولغاق ئازابىدا ئېرىشكەن گۆھەر قوزام نېمىشقا مەندە مەمنۇنلۇق تۇيغۇسى پەيدا قىلالمىغاندۇ؟ ئوغلۇمنى سۆيىمەن ئانا، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنى سۆيمەيمەن دېگەنلىكىم ئەمەس، ئوغلۇم دۇنياغا كۆز ئېچىشنىڭ ئالدىدىكى شۇ ئازابلار ئىچىدە سېنىڭ كۆرمىگىلى 15يىل بولغان سىمارىڭ كۆرۈندى! ئانا، سەنمۇ مېنى شۇنداق تەستە تۇغقان بولغىيدىڭ؟ مەن ئۆزۈم تۇغالمىغۇدەكمەن دەپ ۋاز كەچكەن دەقىقىدە ماڭا مەدەت بەرگىلى كۆرۈنگەنمىدىڭ؟! شۇنداق ئانا، سېنىڭ دۇئارىڭ، سېنىڭ مەدىتىڭ بىلەن مەن ئوڭۇشلۇق يەڭگىۋالدىم...

ئانا، بىلەمسەن ئانا، ئوغلۇمنى ھەر قېتىم ئىمىتكىنىمدە، ئەركىلەتكەن چېغىمدا سەن ئېسىمگە كىلىسەن! ئەللەي ناخشىسى ئېيتىپ بۆشۈكىنى تەۋرەتكىنىمدە ئېسىمگە كېلىسەن! تاماقلارنى ئاۋايلىغىنىمچە ئاغزىغا سالغىنىمدا ئېسىمگە كېلىسەن! سەنمۇ مېنى شۇنداق باققان بولغىيتىڭ؟ شۇنداق كۆيگەن بولغىيدىڭ؟ ھېلىمۇ ئېسىمدە، شۇ كۈنى چۈشتە مەن مەكتەپتىن ئۇدۇل يېنىپ كەلگىنىمدە، تاماقنى تەييارلاپ قويۇپ بىزنى ساقلاش ئۈچۈن ئىشىكىمىز ئالدىدا ئولتۇرغان ئىدىڭ، سېنى كۆرۈپلا قۇچىقىڭغا ئۆزۈمنى ئاتتىم، ئاۋۋال تامىقىڭنى يەۋال دەپ  قۇچىقىڭدىن چۈشۈرۈشكە ئۇرۇنغىنىڭغا قارىماي، مەڭزىلىرىڭنى سۆيۈپ ھۆللىۋەتكىنىم شۇنداق ئېنىق ئېسىمدە! ئەمما ئانا، شۇ كۈنى كەچتە مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ سېنىڭ مۇزلاپ كەتكەن تېنىڭنى كۆردۈمغۇ؟ نۇرغۇنلىغان كىشلەرنىڭ ئاپپاق كىيىملەرگە ئورۇنۇپ ئەتراپىڭدا پەرۋانىلەرچە يۈرگىنى، دادامنىڭ مېنى كۆرۈپ ھۆكىرەپ يىغلاپ باغرىغا باسقانلىقى، بىچارە ئىنىمنىڭ مۇزلىغان قوللىرىڭنى قويۇپ بەرگىلى ئۇنىماي ئېسىلىۋالغانلىقى، كىمدۇر بىرىنىڭ:«بىچارە، كېسەل سەۋەبىدىن ئەجەپ ئورۇقلاپ كېتىپتۇ» دېگەنلىكى...ھازىرغىچە ئېسىمدە! ئاھ ئانا، مەن ئەمدى تېخى ساڭا پەرزەنتلىك بۇرچۇمنى ئادا قىلىشنى باشلىغان ئىدىمغۇ؟ ماڭا ئەجەپ پۇرسەتمۇ بەرمەي كېتىپ قالدىڭ...

مانا ، ئوغلۇم ھەش- پەش دېگۈچە بەش ياشقا كىردى، مەندە يەنە بىر بالىلىق بولۇش ئىستىكى توغۇلدى. ھەر قېتىم «ئوغلۇم، ئاناڭ ساڭا بىر قىز تۇغۇپ بەرسۇن، بولامدۇ؟» دېگىنىمدە، ئوغلۇمنىڭ «ماقۇل»دېگەن جاۋابلىرى بىلەن يۈرۈكۈم يايراپ كېتىدۇ... شۇنداق ئانا، مېنىڭ تولىمۇ قىز تۇغقۇم بار، نېمىشقا بىلەمسەن؟ چۈنكى مېنىڭ ساڭا قانمىغان باغرىم قىزىم بىلەن قانسۇن دەيمەن! قىزىم ئوتتۇرىمىزدىكى مۇھەببەت ئارقىلىق سېنىڭ مۇھەببىتىڭنى قايتا بىر قېتىم، پەقەت بىر قېتىملا ھېس قىلىۋالسام دەيمەن! ئانا، جېنىم ئانا، ساڭا تەشنا باغرىم ئەجەپ قان بولۇپ كەتتى، قىزىم ئارقىلىق بۇ يۈرىكىم ساقىيارمۇ؟  مېنىڭ پەقەتلا قىز تۇغقۇم بار ئانا!



您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存