دۇنيا بويىچە قوبۇل قىلىنىش ئەڭ تەس 10 ئالىي مەكتەپ
ھەممە ئادەم داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. شۇنداق بولغانلىقتىن، ھەر يىلى دۇنياغا داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇشقا تىزىملىتىدىغانلارنىڭ سانىمۇ ناھايىتى كۆپ. بىراق، بۇ مەكتەپلەرنىڭ قوبۇل قىلىش ئۆلچەملىرى ناھايىتى قاتتىق. دۆلىتىمىزدىكى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بۇ مەكتەپلەر قاتارىغا ھەرگىز كىرەلمەيدۇ.
بىروۋن ئۇنىۋېرسىتېتى: قوبۇل قىلىش نىسبىتى %8.49، دۇنيا بويىچە ئەڭ داڭلىق دەرىجىدىن تاشقىرى 8 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرى. بۇ مەكتەپنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى كۆلىمى كىچىك، سۈپىتى يۇقىرى بولۇشتىن ئىبارەت. ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى 1:8.
كالىفورنىيە سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتۇتى: قوبۇل قىلىش نىسبىتى %8.1، بۇ مەكتەپ ئالاھىدە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىمتىھان نەتىجىلىرىنى تەلەپ قىلغاندىن باشقا، يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش جەھەتتىكى يوشۇرۇن ئىقتىدارى، تەتقىقات ئىقتىدارى ۋە باشقۇرۇش قابىلىيىتى قاتارلىق تەرەپلەردىكى سىناقلىرىمۇ ناھايىتى قاتتىق.
ماسسا چۇستېس سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتۇتى: قوبۇل قىلىش نىسبىتى %8.01. ماسسا چۇستېتس ئىنىستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇش پەنلىرى فاكۇلتېتى ئەڭ داڭلىق، ئەڭ كۆپ ئادەم ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىدىغان، شۇنداقلا ئوقۇش ئەڭ قىيىن فاكۇلتېت بولۇپ. ئامېرىكا قۇرۇلۇش مائارىپى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى كارل (Karl Willenbrock) ئىلگىرى: «ناۋادا ماسسا چۇستېس ئىنىستىتۇتى تۇيۇقسىز غايىب بولۇپ كەتسە، دۆلەت بىخەتەرلىكى ئادەمنى ئەنسىرەتكۈدەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ» دېگەن.
چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى: قوبۇل قىلىش نىسبىتى %7.83. پۈتۈن دۇنيادىكى ئىقتىساد پەنلىرى بويىچە نوبېل مۇكاپاتى ئالغانلارنىڭ %40 ى مۇشۇ مەكتەپتىن چىققان
بولۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىدىكى ئەڭ ئىلغار ئورۇن.
پىرىنستېن ئۇنىۋېرسىتېتى: قوبۇل قىلىش نىسبىتى %6.99. ئامېرىكا بويىچە كىرىش ئەڭ تەس بولغان ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ مەكتەپنىڭ ئىلغار ئوقۇتۇش ئۇسۇلى دۇنياغا داڭلىق. ئومۇمىي ئوقۇغۇچى سانى ئاران 7 مىڭدىن كۆپرەك، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى نىسبىتى 1:7.
يالې ئۇنىۋېرسىتېتى: قوبۇل قىلىش نىسبىتى %6.49. ئاقسۆڭەكلەر قۇرغان شەخسىي ئالىي مەكتەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن پۈتۈن ئامېرىكا بويىچە، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا بويىچە ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ، دۇنياغا داڭلىق 8 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرى.
كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى: قوبۇل قىلىش نىسبىتى %6.15. كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىبابەت، قانۇن، سودا ۋە ئاخبارات ئىلمى ئىنىستىتۇتلىرى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ.
خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى: قوبۇل قىلىش نىسبىتى %5.33. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى نەتىجىسىگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. 2250 تىن تۆۋەن نومۇر ئالغان ھېچقانداق ئوقۇغۇچى بۇ مەكتەپكە كىرەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىمتىھانى نەتىجىسى بۇ مەكتەپنىڭ ئاساسلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۆلچىمى بولۇپ قالغان.
سىتانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى: قوبۇل قىلىش نىسبىتى %5.05. 2010-يىلى ئامېرىكا «فۇبۇس» ژورنىلى ئېلان قىلغان بايلارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ مەكتەپ بولۇپ، بۇ مەكتەپتىكى مىليادىرلارنىڭ سانى 28 گە يېتىدۇ. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىن قالسا، بۇ مەكتەپمۇ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر سانى ئەڭ كۆپ مەكتەپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ
ھىندىستان سانائەت پەنلىرى ئىنىستىتۇتى: قوبۇل قىلىش نىسبىتى %3. بۇ مەكتەپ دۇنيا بويىچە قوبۇل قىلىش ئۆلچىمى ئەڭ قاتتىق ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ، بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ يۇقىرى
قاتلاملىرىدا خىزمەت قىلىدۇ.