ياپونىيەدىكى دۇنيا جىننىس رېكورتى ياراتقان مېھمانخانا
ئۆتكەن يىلى ياپونىيە ناگاساكىدا، بەش يۇلتۇزلۇق <خېننا مېھمانخانا> (غەلىتە مېھمانخانا) خىزمەت باشلىغان بولۇپ، بۇ دۇنيا بويىچە تۇنجى ماشىنا ئادەملەشتۈرۈلگەن مېھمانخانا بولۇپ قالغان. مېھمانخانىغا كىرسىڭىزلا كۆزىڭىزگە ماشىنا ئادەم خىزمەتچىلەر كۆزىڭىزگە چېلىقىدۇ، ئۇلارنىڭ بىرسى خىزمەت كىيمى كىيگەن <ئايال> مېھمانخانا خىزمەتچىسى ، بىرسى دېنازاۋۇر...خاتالاشمىدىڭىز، بىر دېنازاۋۇر....
<ئايال> خىزمەتچى مېھمانخانىغا ئورۇنلىشىش ئىشلىرىغا مەسئۇل.
بۇ قارىماققا سەل قورقۇنۇچلۇق كۆرۈنگەن دېنازاۋۇر بولسا ياپون تىلى ۋە ئىنگىلىزتىلىگە ناھايىتى ئۇستا.
مېھمانخانىغا كىرىش ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇپ، چىراي ئالاھىدىلىكىنى سىكانىرلاش ئاخىرلاشسىلا مېھمانخانىغا كىرىپ ئورۇنلاشسىڭىز بولىدۇ.
-ئىسمىڭىز نېمە ؟
-ئىمىم يۇمېيكو
-قانچە ياشقا كىردىڭىز؟
-ئۈچ ياش
-ئايلىق مۇئاشىڭىز قانچە پۇل؟
- بۇ دېگەن بىر مەخپىيەتلىك
مېھمانخانىدىكى موزىكانت
بۇ چامادانلارنى ئورۇنلاشتۇرىدىغان ماشىنا ئادەم.
سىز پەقەت بۇ ماشىنا ئادەمگە ھۇجرا نومۇرىڭىزنى كىرگىزىپ قويسىڭىزلا، ئۇ ئۆزلىكىدىن يۈك تاقىڭىزنى ھۇجرىڭىزغا ئاپىرىپ بېرىدۇ
بۇ ماشىنا ئادەم سىز بىلەن كارى يوق كېتىۋەرمەستىن، سىز ماڭسىڭىز ماڭىدۇ، توختىسىڭىز سىزنى ساقلاپ تۇرىدۇ.
ھۇجرىڭىزغا يېتىپ بارغاندا، كامىرا ئارقىلىق يۈزىڭىزنى سىكانېرلىسىڭزلا بولىدۇ.
ھۇجرا ئىچىگە كىرگەندىن كېيىن ، ئېلىكتۇرۇنلۇق سايمانلارنىڭ بۇ <چۇرى> ئىسىملىك ماشىنا ئادەمنىڭ كونتىروللىقىدا ئىشقا چۈشىدىغانلىقىنى بايقايسىز. سىز ئۇنىڭغا < چۇرى، چىراقنى ياندۇرۇڭ > دېسىڭىز، ھۇجرىنىڭ چىرىقى يانىدۇ.
سائەت توغىرلاش، ھاۋا رايىنى بىلىش، تېمپىراتۇرنى تەڭشەش قاتارلىقلارنى < چۇرى> غا <بۇيرۇق> چۈشۈرۈش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلسىڭىز بولىدۇ.
بۇ مېھمانخانىنىڭ تېخنىكىلىق لايىھەسىگە توكيو ئۇنۋېرستىتى مەسئۇل بولغان.
بۇ مېھمانخانىدا جەمئىي 72 ھۇجرا بار. پەقەت 10 نەپەر ئادەم خىزمەتچىلەر ئامانلىقنى ساقلاش ۋە تازلىققا مەسئۇل بولغاندىن باشقا، قالغان خىزمەتچىلەرنىڭ ھەممىسى ماشىنا ئادەم.
https://v.qq.com/txp/iframe/player.html?vid=w01615fntx6&width=500&height=375&auto=0
بۇ مېھمانخانا دۇنيادىكى تۇنجى ماشىنا ئادەملەشتۈرۈلگەن مېھمانخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيا جىننىس رېكورتى يارىتىش قامۇسىغا كىرگۈزۈلدى. كەلگۈسىدە ياپونىيەنىڭ چىبا ۋە ئايچى رايونلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەردىمۇ بۇ مېھمانخانىنىڭ تارماقلىرى ئېچىلماقچى.