.سىزنىڭمۇ كاللىڭىزنىڭ سۈيى خېلى بار
بىرىنچى:بېشىڭىزدىكى ھەممە چېچىڭىز بىرلىشىپ ئىككى پىلنى كۆتۈرەلەيدۇ
شۇنداق،بۇ راست، ئىشىنىڭ.چۈنكى بىرتال چاچ 100گرام ئېغىرلىقنى كۆتۈرەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن،ھەممە چېچىڭىز بىرلەشسە 2تال پىل دېگەن نېمىتى!؟ لېكىن بۇ تەجرىبىنى ئىشلەش ئۈچۈن، ئاۋۋال 2 دانە پىل تەييارلىغاندىن باشقا يەنە چېچىڭىزنى كېسىشىڭىز كېرەك،بىز بېشىڭىزغا 2 تال پىلنى ئېسىپ قويىمىز دېمىدۇق،بۇ يەردە دەۋاتقىنىمىز چاچنىڭ كۈچى،ھەرگىزمۇ چاچ يىلتىزىنىڭ ئەمەس
ئىككىنچى:ھەربىر ئادەمنىڭ تىلىدىكى سىزىقلار خۇددى بارماق ئىزىدەكلا خاسلىققا ئىگە بولىدۇ،ئوخشاشتىن ئىككىنچىسى دۇنيادا تېپىلمايدۇ
ئۈچىنچى:ئادەم بەدىنىدىكى بارلىق چوڭ كىچىك تومۇرلارنى ئۇلىساق 100مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، يەرشارىنى ئىككى يېرىم قېتىم چۆرىدەشكە يېتىدۇ
تۆتىنچى:نورمال بولغاندا ئادەمنىڭ يۈرىكى ھاياتىدا 4مىليارد قېتىم سوقىدۇ
بەشىنچى:بىر ئادەمنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدىكى شالۋىقى 53 دانە ۋاننىنى توشقۇزالايدۇ
ئالتىنچى:كېكىرىش ئىنسانلار تەدرىجىي تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى ئۆزگەرمىگەن ئەڭ ئىپتىدائى
ئەھۋال
يەتتىنچى:خەقنى «كاللاڭنىڭ سۈيى بار»دەپ يۈرمەڭ،چۈنكى سىز ۋە بارلىق ئادەمنىڭ كاللىسىدا
80% سۇ بولىدۇ