بالىلىرىڭىز ئۇرۇشقاندا ئارلىشۋالماڭ
بالىڭىزنىڭ ئەركە بولۇپ قېلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىسى ئۆزىڭىز ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئەسلىدە ئوبدان كۆزىتىپ باقسىڭىز، بالىڭىزنى ئەركە ئۆگىتىپ قويۇشىڭىز پەقەت بالىلىق ھاياتىغىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ھاياتىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.
دائىم بالىلارنى خۇشال قىلىشقا تىرىشىش.
ھايات ئاتالمىش رىۋايەت ئەمەس. بالىڭىزنى تۇرمۇشنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا رىۋايەتلەردىكىدەك تەييارلىق قىلدۇرسىڭىز مەغلۇب بولىسىز. قويۇپ بېرىڭ، يىقىلسۇن. جاپا تارتىپ باقسۇن، شۇ ئارقىلىق پىشىپ يېتىلىدۇ.
باشقىلاردىن ئاغرىنغاندا ئۇنىڭغا يان بېسىش.
بالىڭىز ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يامان گېپىنى قىلغاندا، بالىنىڭ ھېكايىسى تۈگىمەي تۇرۇپلا ئۇنى قوغداشقا تەييار بولسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز. رېئال مەسىلىنى ئېنىق ئاڭقىرىڭ، ئاۋۋال بالىڭىزنىڭ دېگىنىنى ئاڭلاڭ، كېيىن مۇناسىۋەتلىك كىشىنىڭ نېمە دەيدىغىنىغا قاراپ بېقىڭ
بالا ئاچچىقلانغاندا ئاچچىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش
بالىڭىز ئاچچىقلىنىۋاتقان بولسا، دەرھال ئاچچىقلىنىش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرسىڭىز، بالىڭىزنىڭ ياخشى بولمىغان قىلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىۋاتىسىز دېمەكتۇر. ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ ۋە نېمىشقا ئاچچىقلانغىنىنى بىلىشكە تىرىشىڭ.
ھەممە نەرسىگە مۇكاپات بېرىش.
بالىلار تەرتىپلىك ھەرىكەتلەرگە كۆنگەن. ئەتتىگەندە ناشتا قىلىدۇ، ئويۇنچۇقلىرىنى ئوينايدۇ، تېلېۋىزور كۆرىدۇ. ئۇلارغا بىر قېتىملىق ناشتا ئۈچۈن مۇكاپات بەرسىڭىز، ئۇلار ھەر قېتىم مۇكاپات كۈتىدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا مۇكاپاتنىڭ پەقەت بىر قېتىملىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىڭ.
زىيادە ياردەم قىلىش
بالىلىرىڭىزغا ياردەم قىلىش ئارزۇيىڭىزنىڭ كۈچلۈكلۈكىنى بىلىمىز، لېكىن ھەممە ئىشنى سىز قىلىپ بەرسىڭىز بالىڭىز ھورۇنلىشىپ كېتىدۇ. تېلېۋىزور ئېچىپ بەرمەڭ، سۇ ئەكىلىپ بەرمەڭ، چىش پاستىسىنى سىقىپ بەرمەڭ. چۈنكى ھەردائىم بۇ ئىشلارنى قىلىپ بېرىشكە تەييار تۇرالمايسىز. بالىڭىزنىڭ تۇرمۇشنىڭ قىيىنچىلىقلىرىغا تەييارلايمەن دېسىڭىز، بالىڭىزنىڭ يېشىغا ماس كەلگۈدەك ئىشلارنى ئۆزى قىلىشقا قويۇپ بېرىڭ.
دائىم غەلبە قىلىشىغا يول قويۇش.
ئۆيدە دائىم بالىڭىز ئۈستۈنلۈك ئىگىلىسە، سىرتتىمۇ ئەھۋال شۇنداق بولىدۇ دەپ قالىدۇ، سىرتتا ئوڭۇشسىزلىققا يولۇققاندا قوبۇل قىلالمايدۇ. بالىلىرىمىزغا يوقىتىشنىڭ كۈچلىنىش ۋە تىرىشچانلىقتەك گۈزەل ئەخلاق ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ئۆگىتىشىمىز كېرەك.
بالىلار ئۇرۇشۇپ قالغاندا ئارلىشىۋېلىش.
بالىڭىزغا يېتەكچى بولۇڭ. كىچىك ئۇرۇشۇشلار ۋە ئۇقۇشماسلىقلارنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلسۇن. بۇنداق قىلغاندا ئۆزى ۋە قارشى تەرەپنىڭ نېمىنى ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى پەرق قىلالايدىغان بولىدۇ. ھەمبەھىرلىنىشنى، ئادىل بولۇشنى ۋە تەڭپۇڭ مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىدۇ.