ئورۇق بولسىڭىزمۇ ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يېمەڭ
سەرخىل مەزمۇنلار سەبىيلەر سالونىدا
شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى،:
ھەممەيلەن ئەخلەت يىمەكلىكلەرنىڭ ساغلام ئەمەسلىكىنى بىلىمىز،ئۇنداقتا ئورۇق ئادەملەر ئازراق يەپ قويسا ھېچقىسى يوقمىدۇ؟ ئامېرىكا ئارىزونا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە بەدەن ئېغىرلىقى نورمال ياكى سەل ئورۇق بولغان تەقدىردىمۇ، ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش يەنىلا بەزىبىر راك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ 90 مىڭ نەپەر ھەيز توختىغان ئايالنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سانلىق مەلۇماتىنى تەھلىل قىلىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە يېمەكلىك ئېنېرگىيە زىچلىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان تەتقىقات ئوبيېكتلىرىنىڭ سېمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى %10 يۇقىرى بولىدىكەن، لېكىن، بۇنداق باغلىنىش بوي ئېگىزلىكى ۋە بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى (BMI) قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەن. بۇ يەردە دېيىلگەن يېمەكلىك ئېنېرگىيە زىچلىقى ھەر بىر گىرام يېمەك-ئىچمەك تەركىبىدىكى ئېنېرگىيەنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، كۆكتات، مېۋە-چېۋە، ئورۇق گۆش ئاقسىلى ۋە پۇرچاق تۈرلىرى ئېنېرگىيە زىچلىقى بىر قەدەر تۆۋەن يېمەكلىكلەر ئىكەن، ئۇلار مول ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەركىبىدىكى ئىسسىقلىق مىقدارى ناھايىتى ئاز بولىدىكەن؛ لېكىن ھامبۇرگ بولكىسى، پىززا قاتلىمىسى قاتارلىق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەر ئېنېرگىيە زىچلىقى يۇقىرى بولغان يېمەكلىكلەر بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن، شۇڭا كىشىلەر ئەگەر بۇ يېمەكلىكلەر ئارىسىدىن زۆرۈر ئوزۇقلۇققا ئېرىشمەكچى بولسا، ئۇنداقتا كۆپ مىقداردا ئىسسىقلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىكەن.
تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى سىنسىيا تومسوننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بايقاشتا يۇقىرى ئېنېرگىيە زىچلىقىغا ئىگە يېمەك-ئىچمەكلەرنى ياخشى كۆرىدىغان ئاياللارغا نىسبەتەن پەقەت بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشنىڭ سېمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك راك كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە يېتەرسىز ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ بېرىلگەن، شۇڭا ئۇ ھەيز توختىغان ئاياللارنىڭ ئېنېرگىيە زىچلىقى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنى تاللاش كېرەكلىكى توغرىسىدا تەكلىپ بەرگەن. تەتقىقاتچىلار كېيىنكى قەدەمدە يېمەكلىكلەرنىڭ ئېنېرگىيە زىچلىقىنىڭ ياشلار ۋە ئەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپىنىڭ راك كېسىلى خەۋپ-خەتىرىگە قارىتا ئوينايدىغان رولىنى تەتقىق قىلىشنى پىلانلاۋاتىدۇ.
بۇ تەتقىقات نەتىجىسى «ئوزۇقلۇق ۋە يېمەك-ئىچمەك جەمئىيىتى ژۇرنىلى»غا بېسىلغان.
چەتئەلنىڭ سەي بازىرىنى كۆرۈپ كۆزىڭىزنى ئىچىۋىلىڭ
بالىلاردىكى قىززىتمىنىڭ قايتۇرۇشنىڭ ئەڭ يىڭى رېستىپلىرى
تاماقتىن كېيىن بۇ 8 ئىشنى قىلماڭ
سۆڭەككە ئەڭ پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى بىلىۋېلىڭ
سەبىيلەر شىركىتى يىڭى يىللق خۇلاسە پائالىيەتنى غەلبىلىك ئۆتكۈزدى
更
多
精
彩
ئوڭ تەرەپتىكى كودنى چىكىڭ
شىنجاڭ سەبىيلەر كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شېركىتى
ئۈندىدار سالونى
: سېتىشتىىن كىيىنكى مۇلازىمەت تېلېڧۇنى
0991-2863969
0991-2886219
بۇۋىقىڭىزغا ئەڭ ماس كىلىدىغان سەبىيلەر
! مەھسۇلاتىنى تاللىۋىلىڭ