查看原文
其他

بوۋاقلاردىكى ئوزۇقلۇق ناچارلىشىش ئەھۋالى بوۋاقلارسالونى

2017-09-27 sebiler



بوۋاقلادا ئوزۇقلۇق ناچارلىشىش ئەھۋالىنىڭ كۆرۈلۈشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، يېمەك-ئىچمەكنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى، ياكى يېمەك-ئىچمەك يېتەرلىك بولسىمۇ، بەدەننىڭ سۈمۈرۈپ پايدىلىنىش ئىقتىدارى ناچارلىشىش بولۇپ، بالىلىق مەزگىلى بەدەننىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشنىڭ مۇھىم مەزگىلى بولغاچقا، ئوزۇقلۇق ناچارلاشسا، بالىنىڭ بەدەننىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى ۋە سالامەتلىكىگە چوڭ زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقتىدا تەدبىر قوللىنىش كېرەك.


ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى خەنزۇچە رەسىملىك ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ!!


بوۋاقلارغا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ سەۋەبى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل بولىدۇ: 

1) ئۇزۇن مەزگىل بوۋاقلارنى ياخشى باقماسلىق، مەسىلەن، ئانا سۈتى يېتىشمەسلىك، قوشۇمچە يېمەكلىك قوشۇپ بەرمەسلىك، ياكى قوشۇمچە يېمەكلىكنىڭ سۈپىتى ناچار، مىقدارى ئاز بولۇش. بالىلارنىڭ تاماق تاللىشى، ناشتىنىڭ ئاددىي بولۇشى قاتارلىق ئەھۋاللار.

2) بەزى بوۋاقلاردا تۇغۇت يارىسى، تۇغما غەيرىيلىك كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن ئۇلارنى ئوزۇقلاندۇرۇش قىيىن بولۇش، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار بولۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ. 

3) بوۋاقلاردىكى بەزى كېسەللىكلەر بولۇپمۇ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى بالىلاردا ئېشتىھانىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچارلىشىش، سۈمۈرۈلۈش ناچارلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ياكى بوۋاقلاردا ئۇزۇن ۋاقىت ئىچى سۈرۈش، ياندۇرۇش ئەھۋاللىرى ئوزۇقلۇقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. 

4) ئوزۇقلۇقنىڭ تۇغما يېتىشمەسلىكى، مەسىلەن قوشكىزەك بوۋاقلار، كۆپكىزەك بوۋاقلار، بالدۇر تۇغۇلۇپ كەتكەن بوۋاقلاردا دائىم ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېلىپ چىقىدۇ. 




سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار

ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنالمىغانلارغا پۇرسەت

ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا ئادەم بۇ5ئىشتىن ئەڭ پۇشايمان قىلىدىكەن

سەبىيلەردە ئىشلەشنى خالامسىز؟

دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان 13 خىل ساغلام يېمەكلىك

ئاغرىۋاتقان قورساقمۇ ئاشقازانمۇ؟





: سېتىشتىىن كىيىنكى مۇلازىمەت تېلېڧۇنى

0991-2863969

0991-2886219


بۇۋىقىڭىزغا ئەڭ ماس كىلىدىغان سەبىيلەر

مەھسۇلاتىنى تاللىۋىلىڭ

您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存