ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﻰ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﭗ ﺋﯧﻤﯩﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﯩﻨﻰ بارمۇ؟
ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﻤﯘ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯘﺧﻼﯞﺍﺗﻘﯩﻨﯩﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ, ﺑﻮﯞﺍﻗﻼﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﻮﯞﯨﻘﯩﻨﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﻪﻣﺪﯛﺭﻩﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﯞﯨﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﭺ ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﺋﯘﺧﻼﯞﯦﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮﯨﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻮﯞﯨﻘﯩﻨﻰ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﭗ ﺋﯧﻤﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﻤﯘ? ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺭ?
ﺋﯘﺧﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﭗ ﺋﯧﻤﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﻰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﭗ ﺋﯧﻤﯩﺘﻜﻪﻧﺪﻩ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ.
1.ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ-ﺋﯜﭼﻪﻳﻨﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﻮﯞﯨﻘﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺋﯘﺯﯗﻧﺮﺍﻕ ﺋﯘﺧﻠﯩﺴﺎ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ, ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺋﯘﺧﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﯞﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﭗ ﺋﯧﻤﯩﺘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﻰ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻯ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ, ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺷﻘﺎﺯﺍﻥ-ﺋﯜﭼﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ,ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎﺳﻰ ﻧﺎﭼﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ.
ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى خەنزۇچە رەسىملىك ئىلاننى چىكىپ قويۇڭ!!
2.ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﺘﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ, ﺑﻪﺩﻩﻧﺪﯨﻜﻰ %70 ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺶ ﮬﻮﺭﻣﯘﻧﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﯘﻳﻘﯘ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﻰ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﭗ ﺋﯧﻤﯩﺘﻜﻪﻧﺪﻩ, ﺋﯘﻳﻘﯘ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ. ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺋﯘﺯﺍﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ, ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﭼﯩﺶ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻐﯩﺘﯩﭗ ﺋﯧﻤﯩﺘﺴﻪ, ﭼﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺕ ﻳﻪﻳﺪﯗ.
3.ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﻛﯚﭖ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﻰ ﺋﯧﻤﯩﺘﻜﻪﻧﺪﻩ, ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻘﯘ ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﺋﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ-ﺩﻩ, ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯧﻤﯩﺘﻤﯩﮕﻪﻧﺪﻩ ﺑﻮﯞﺍﻗﺘﺎ ﺋﻪﻣﻤﯩﺴﻪ ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﺗﻪﺳﻜﻪ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﺪﯗ. ﺑﻮﯞﺍﻗﺘﺎ ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﻳﯧﺘﯩﻠﺴﻪ, ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﻰ ﺋﺎﭼﻤﯩﺴﯩﻤﯘ, ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻛﻪﻣﺪﻩﻙ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ﮬﻪﻣﺪﻩ ﺑﻮﯞﺍﻗﻨﯩﯔ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺭﺍﺳﺖ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﭼﻘﯩﻨﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﺗﻪﺱ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار
بالىڭىز توساتتىن ئەممەيدىغان بولۇپ قالسا
بوۋاقلارغا چىش چىقىش مەزگىلىدە ئوزۇقلۇق تولۇقلاش
ھەركۈنى پىيادە مېڭىشنىڭ 12 چوڭ پايدىسى
更
多
精
彩
ئوڭ تەرەپتىكى كودنى چىكىڭ
شىنجاڭ سەبىيلەر كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شېركىتى
ئۈندىدار سالونى
: سېتىشتىىن كىيىنكى مۇلازىمەت تېلېڧۇنى
0991-2863969
0991-2886219
بۇۋىقىڭىزغا ئەڭ ماس كىلىدىغان سەبىيلەر
! مەھسۇلاتىنى تاللىۋىلىڭ