查看原文
其他

قانۇن بويىچە قوغدىنىشقا مۇناسىۋەتلىك 15 تۈرلۈك ئاددىي ساۋات

2017-12-04 سەبىيلەر sebiler

SEBILER


1. كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا باشقا ئۇچۇرلارنى قوشۇپ قويۇش ئارقىلىق قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ئوغرىلىقچە پايدىلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىشقا بولىدۇ.

كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنىڭ ئالدى-كەينىگە كۆك قەلەم بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا تۆۋەندىكى خەتلەرنى يېزىپ قويۇش كېرەك: بۇ كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى 20xx-يىلى x-ئاينىڭ xx-كۈنى ئىناۋەتلىك كارتا بېجىرىشكە ئىشلىتىلىدۇ، باشقىلار ئىشلەتسە، قايتا كۆپەيتىلسە ئىناۋەتسىز. قوشۇپ قويۇلغان خەتلەرنى كىملىك نومۇرىنى توسۇۋالمايدىغان، ئەمما شەخسىي ئۇچۇرنى توسۇپ تۇرىدىغان ئورۇنغا يېزىپ قويسا كېسىپ قايتا كۆپەيتىۋېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنىڭ ئارقىغىمۇ مۇشۇ خەتلەرنى يېزىپ قويسا بولىدۇ.

2. قەرز سۈيلەش خېتى، ئادۋوكاتلار خەت-ئالاقىسى، توختام قاتارلىق ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتكە چېتىلىدىغان ھەرقانداق خەت-ئالاقىنى پوچتىدىن ئەۋەتكەندە چوقۇم EMSنى تاللاش ھەمدە ھۆججەت ئىسمىنى ئېنىق يېزىپ قويۇش كېرەك. چۈنكى EMS دۆلەت دەرىجىلىك يوللانما بولغاچقا بەزى رايونلاردىكى سوت مەھكىمىلىرى پەقەت EMSنىلا ئېتىراپ قىلىدۇ.

3. بىر ئىشقا قايتا-قايتا جەرىمانە قويۇشقا بولمايدۇ.

قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قىلمىشى پەقەت بىرلا قېتىم جازالىنىدۇ. مەسىلەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ يۈرگەن بولسىڭىز نەق مەيداندا تۈزىتىش شارائىتى تولۇق بولمىغاچقا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچىسىنىڭ جازالىشىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشتە بايقىلىپ قالسا قايتا جازالاشقا بولمايدۇ.بىراق، نەق مەيداندا تۈزىتىش شارائىتى تولۇق بولغاندا قايتا جازالاشقا بولىدۇ. ناۋادا بەلگىلىمە بويىچە بېزىندە تاقىمىغان بولسا نەق مەيداندا تۈزىتىپ جەرىمانە قويۇلغاندىن كېيىن يەنە شۇنداق قىلسا قايتا جازالاشقا بولىدۇ.

4. زاكالەت بىلەن ئالدىن تۆلەنگەن پۇلنى چوقۇم پەرقلەندۈرۈش كېرەك.

زاكالەت كېپىللىك قانۇنىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. ئاساسىي توختام تۈزۈلۈشتىن ئىلگىرى زاكالەت بەرگۈچى ئاساسىي توختام تۈزگەندە زاكالەتنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ زاكالەتنى قوبۇل قىلغۇچى ئاساسىي توختام تۈزۈشنى رەت قىلسا زاكالەتنى ئىككى ھەسسىسى بويىچە قايتۇرىدۇ. بىراق، ئالدىن تۆلەنگەن پۇلنى ئىككى ھەسسىسى بويىچە قايتۇرمايدۇ.

5. داۋالانغاندا چوقۇم بارلىق تالون ۋە كېسەللىك تارىخى ئۇچۇرلىرىنى ساقلاپ قويۇش كېرەك.

دوختۇرخانىلار ماجرا بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك تارىخى ئۇچۇرلىرىنى يوشۇرغان ھەمدە تەمىنلەشنى رەت قىلغاندا ياكى كېسەللىك تارىخى ئۇچۇرلىرىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، كۆيدۈرۈۋەتكەن ۋاقىتلاردا ئۆزىمىز ساقلاپ قويغان داۋالىنىشقا مۇناسىۋەتلىك تالونلارنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭ بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن داۋالانغاندا چوقۇم بارلىق تالونلار ۋە كېسەللىك تارىخى ئۇچۇرلىرىنى ساقلاپ قويۇش كېرەك.

6. 4S دۇكىنىدا ماشىنىلارنى سىناق قىلىپ ھەيدىگەندە ۋەقەگە يولۇقسا تۆلەم بېرىش مەسئۇلىيىتى.

4S دۇكىنىدا ماشىنىلارنى سىناق قىلىپ ھەيدەپ ۋەقەگە يولۇققاندا مەسئۇلىيەتنى سىناق قىلىپ ھەيدەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەنلەر ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. بىراق، سىناق قىلىپ ھەيدىگۈچى خاتالىق سادىر قىلغان بولسا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ مەسئۇلىيىتى يەڭگىللىتىلىدۇ. 

7. ئېلىپ-سېتىش ئىجارە بېرىشكە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

ئۆي ئىجارىگە بېرىش توختامى كۈچكە ئىگە م 46 32094 46 14939 0 0 3997 0 0:00:08 0:00:03 0:00:05 3996ددەتتە ئۆيگە ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى ئۆينى سېتىۋەتكەن بولسا ئۆينى سېتىۋالغۇچى ئۆيگە ئىگىدارچىلىق قىلغۇچى ئۆزگىرىشى بىلەن ئىجارىگە بېرىش توختامىنى ئاخىرلاشتۇرسا بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، ئىجارىگە ئالغۇچىغا تولۇقلىما بېرىپ ئىككەيلەننىڭ خالىشى بىلەن توختىتىلغان بولسا ھېچقانداق تەسىرى بولمايدۇ. چوڭ شەھەرلەردە ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ تۇرىدىغان ياشلار بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.

8. ئاجرىشىش، تالاغا قاراپ قېلىش قاتارلىقلاردا ئىسپات چوقۇم قانۇنلۇق بولۇشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا ھېچقانداق پايدىلىنىش قىممىتى بولمايدۇ.

ئىسپات ئېلىنىدىغان ئەسلىھەنىڭ كېلىش مەنبەسى قانۇنلۇق بولۇشى كېرەك. ئۆيىگە نەچچە 100 كۆزەتكۈ ئورنىتىۋالسا بولىدۇ. بىراق، سىرتلارغا كۆزەتكۈ ئورناتقاندا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ قويۇشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك. ئادەتتە، مېھمانخانىلارنىڭ ئامانلىق كۆزەتكۈسىدىن ئېلىنغان ئىسپاتنىڭ پايدىسى كۆپ. بىراق، بۇ قارشى تەرەپنىڭ چوقۇم تالاغا قاراپ قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ.

9. يانفوننىڭ ئۈنگە ئېلىش ئىقتىدارىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.

ھەر ۋاقىت يانفوننىڭ ئۈنگە ئېلىش ئىقتىدارىدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. بىراق، دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، ئەسلى ئۈنگە ئېلىنغان ئاۋازنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە بولمايدۇ. چۈنكى كۆپەيتىلگەن ئاۋازلىق ئىسپاتنىڭ كۈچى ئەسلىدىكى ئاۋازلىق ئىسپاتقا يەتمەيدۇ. ئۈنگە ئېلىش جەريانىدا ۋارقىراپ-جارقىرىماي سىلىق سۆزلەر بىلەن ئىسپات ئېلىش كېرەك.

10. ئۈندىدار، QQ قاتارلىقلاردىن كېسىپ ئېلىنغان سۈرەت ئىسپات بولالمايدۇ. 

باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، باش سۈرەت ئۆزگەرتىۋېتىلسىمۇ ساختا ئىسپات ياسىغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سۆزلىشىش خاتىرىسىنى ئاسانلىقچە يۇيۇۋەتمەسلىك، زۆرۈر بولغاندا گۇۋاھلىق ئورنىغا ئېلىپ بېرىپ گۇۋاھلىق ئېلىش كېرەك. سۆزلىشىش خاتىرىسى ئىسپات بولالايدۇ.

11. سودىگەرلەرنىڭ قانۇنسىز گەپ-سۆزلىرى.

«بۇ پائالىيەت ياكى بۇ كارتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى مۇشۇ دۇكانغا تەۋە» دېگەندەك گەپ-سۆزلەرنى ھەممىمىز ئاڭلىغان. بىراق، بۇ ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى چەتكە قاققانلىق ياكى چەكلىگەنلىك ھېسابلىنىپ قانۇنسىز دەپ قارىلىدۇ. مەسىلەن، سودىگەرلەر قىممەت تولۇقلاش كارتىسىغا ئىستېمال مۇددىتى بېكىتىپ، «ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە قىممىتى نۆل بولۇپ كېتىدۇ» دېيىشى قانۇنسىز.

12. جازا خاراكتېرلىك تۆلەم.

تىجارەتچىلەر مەھسۇلاتى ياكى مۇلازىمىتىدىكى كەمچىلىكلەرنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ سېتىپ ئىستېمالچى ياكى باشقىلارنىڭ يارىلىنىشى، ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولسا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىستېمال قىممىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن تۆۋەن جازا خاراكتېرلىك تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

13. ئىناۋەتلىك كارتىغا مەخپىي نومۇر بېكىتمەي، پەقەت ئىمزا قويسىلا بولىدۇ.

ئىناۋەتلىك كارتا ئوغرىلىقچە ئىشلىتىلگەندە سودىگەر ئاساسلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. چۈنكى سودىگەرلەرنىڭ ئىمزانى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. بىراق، ئەمەلىي مەشغۇلات جەريانىدا كۆپ قىسىم پۇل يىغقۇچىلار ئىمزاغا قارىمايدۇ. 

14. ناۋادا بىرەيلەن ياخشى كۆڭلى بىلەن دوستلىرى ياكى خىزمەتداشلىرىنى ماشىنىسىغا چىقىرىۋېلىپ ۋەقە يۈز بېرىپ جىسمانىي بىخەتەرلىككە دەخلى يېتىدىغان ئىشلار سادىر بولسا ماشىنا ئىگىسىنى ئەرز قىلىپ تۆلەم تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ.

15. ناۋادا بىر بىنادىكى مەلۇم بىر ئائىلە كىشىلىرى دېرىزىدىن نەرسە تاشلاپ باشقىلارنى زەخمىلەندۈرگەن بولسا 1-قەۋەتتىن باشقا قەۋەتلەرنىڭ ھەممىسىدىكى ئاھالىلەر مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى مۇمكىن.

SEBILER

سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار

بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېششى نېمىشقائاستابولىدۇ؟

دۇنيادىكى ئاجايىپ قوش گېزەكلەر - ھەيران قالىسىز

قاندا ماي يۇقىرىلار يېمەك-ئىچمەكتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

ئاتا-ئانىلاردىققەت!! بالىنى بۇنداق باقسڭىز نابۇت قىلىسز

باففېت، گەيتىس... داڭلىق شەخسلەر كەلگۈسىگە قانداق قارايدۇ


شىنجاڭ سەبىيلەر كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شېركىتى ئۈندىدار سالونى


سېتىشتىىن كىيىنكى مۇلازىمەت تېلفۇنى

0991-2863969

0991-2886219


您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存