يۈرەككە سوئال
SEBILER
يۈرەكتىن سورىدىم: كۈنۈم نېمىگە بۇنچە ناخۇشتۇ؟
يۈرەك دېدىكى:
يەيدىغان غېمىڭ كۆپ، بىرىنىمۇ ئۆتكۈزۈۋەتمەيسەن؛قوغلىشىدىغىنىڭ كۆپ، قانائەت تاپمايسەن؛ ئېسىلىدىغىنىڭ كۆپ، بولدىلا دېمەيسەن. ئالمىچىلىك يۈرەككە، بۇنچە كۆپ غەم-قايغۇلارنى ئارتىۋالساڭ، خوشاللىققا ئورۇن بارمۇ؟
يەنە سورىدىم: مۇھەببەت نېمىشقا بۇنچە ئازابلىق؟
يۈرەك دېدىكى:
مۇھەببەت ئويغانسا، يۈرەك ئىككە پارچە بولىدۇ،
بىر پارچىسى سەن، بىر پارچىسى ئۇ.
شۇندىن ئېتىبارەن، نە كۈلگىن، نە كۆز يېشى قىلغىن، ھېچبىرى سېنىڭ ئىلكىڭدە بولماس، يۈرىكىڭمۇ ساڭا باقماس.
ئازابىڭ، سۆيىدىغانلىقىڭغا شاھىد؛
ئازابىڭ، كۆيىدىغانلىقىڭغا بەلگىدۇر.
يەنە سورىدىم: تۇرمۇشتا، تاللاش نەقەدەر قىيىن ھە؟
يۈرەك دېدىكى:
ئادەملەرنىڭ ھەممىگە ئېرىشكۈسى كېلىدۇ، بىرىنىمۇ قويۇۋەتكۈسى كەلمەيدۇ، بۇ ئورتاق كېسەل.
ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ دورىسى تولىمۇ ئاددىي،
سۆيگىنىڭنى تاللا، تاللىغىنىڭنى سۆي؛
تاللىغىنىڭدىن پۇشايمان قىلما،
ئۆتۈپ كەتكەن ئىشنى تاتىلىما.
يەنە سورىدىم: تېنىم نېمىگە بۇنچە ھارغىندۇ؟
يۈرەك دېدىكى:
تۇغۇلۇشۇڭ باشقىلار ئۈچۈندۇر،
ھېچكىم ھارمىغان ئەمەس،
ھەم ھېچكىمگە ئاسان ئەمەس.
پەقەتلا،
بەزىلەر ۋايسىمايدۇ، ئۈن-تىنسىز چىشىنى چىشلەيدۇ؛
بەزىلەر غوۋغا قىلىدۇ، چالۋاقاپ ئەركىلىك قىلىدۇ.
ئۆزۈڭنى خوشال تۇت، ئازابقا يۈزلەنگىن؛
ئۆزۈڭنى تەمكىن تۇت، مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگىن.
يەنە سورىدىم: ھاياتتا، قانداق ياشىسام ئۆزۈمدىن رازى بولىمەن؟
يۈرەك دېدىكى:
باشقىلارغا راستچىل بول؛
ئىشلاردا سەمىمىي بول؛
مۇھەببەتتە ۋاپادار بول؛
ئۆزۈڭگە ئەپۇچان بول.
مەيلى قايسى يىل، قايسى ئاي بولسۇن، ئەسلى-ۋەسلىڭنى ئۇنۇتما، مېھىر-شەپقەتنى ئۇنۇتما.
قايسى چاغدا قەيەردە بول، مېھرىبان، ۋىجدانلىق بول.
SEBILER
سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار
بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئېششى نېمىشقائاستابولىدۇ؟
دۇنيادىكى ئاجايىپ قوش گېزەكلەر - ھەيران قالىسىز
قاندا ماي يۇقىرىلار يېمەك-ئىچمەكتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
شىنجاڭ سەبىيلەر كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شېركىتى ئۈندىدار سالونى
سېتىشتىىن كىيىنكى مۇلازىمەت تېلفۇنى
0991-2863969
0991-2886219