توردىكى مودا ئىستېمال بۇيۇملىرى ئىشەنچلىكمۇ؟
SEBILER
قولايلىق ساماۋار شورپىسىنى پىشۇرۇش ھاجەتسىز، پەقەت سوغۇق سۇ قۇيسىلا ئۆزى قىزىيدىغان بولغاچقا، ھازىر ياشلار ئارىسىدا ئالقىشقا ئېرىشىۋاتىدۇ، لېكىن قولايلىق ساماۋار شورپىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئويلىشىشقا تېگىشلىك مەسىلە.
يېقىندا بىر تورداش قولايلىق ساماۋار شورپىسىنى ئەينەكلىك ئۈستەلگە قويۇپ، ئىستېمال ئۇسۇلى بويىچە نورمال مەشغۇلات قىلغان بولسىمۇ، ئەينەكلىك ئۈستەلنىڭ بىر بۇرجىكى تۇيۇقسىز چېقىلىپ يەرگە چۈشۈپ ئۇنىڭ پۇتىغا تەگكىلى تاس قالغان.
بۇنىڭدىكى سەۋەب قولايلىق ساماۋار شورپىسى ئۆزلۈكىدىن قىزىش جەريانىدا قولنى كۆيدۈرگۈدەك سۇ پارى ھاسىل قىلىپلا قالماي قازان تېگىنىڭ تېمپېراتۇرىسىمۇ ئۆرلەيدىكەن، تېمپېراتۇرىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلىشى ئەينەك ئۈستەلگە نىسبەتەن ناھايىتى خەتەرلىك بولۇپ، ئورالمىسىغا بۇ توغرىسىدا ئېنىق چۈشەندۈرۈش يېزىلمىغان. ئۇنداقتا قولايلىق ساماۋار شورپىسى قانچىلىك يۇقىرى تېمپېراتۇرىغىچە قىزىيدۇ؟ قولايلىق ساماۋار شورپىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، 23-نويابىر نىڭبو شەھەرلىك جىنخەي ئوت ئۆچۈرۈش چوڭ ئەترىتى قولايلىق ساماۋار شورپىسىنىڭ قىزىتىش بولىقىدا تەجرىبە ئىشلىدى، نەتىجىدە، سۇ قۇيغاندىن كېيىن نەچچە سېكۇنتتىلا قىزىتىش بولىقىنىڭ تېمپېراتۇرىسى℃75.8 غا ئۆرلىگەن، قىزىتىش بولىقىنى مىنېرال سۇ بوتۇلكىسى قاتارلىق ھىم ئەسۋابنىڭ ئىچىگە سالغاندىن كېيىن، مىنېرال سۇ بوتۇلكىسىنىڭ ھەجىمى تېزدىن چوڭايغان شۇنداقلا بوتۇلكا تېگى يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە بېسىمدا تېشىلىپ، يۇقىرى بېسىملىق سۇ پارى ئېتىلىپ چىققان. جىنخەي ئوت ئۆچۈرۈش چوڭ ئەترىتىنىڭ خادىملىرى مۇنداق دېدى: قولايلىق ساماۋار شورپىسىنىڭ قىزىتىش بولىقى ئاساسلىقى تۆمۈر ئۇۋىقى، ئاليۇمىن ئۇۋىقى، كوكس ئۇۋىقى، ئاكتىپ كاربون ۋە ھاك قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بولاقنىڭ ئۈستىگە سوغۇق سۇ قۇيغاندا تېمپېراتۇرىسى ℃150 قا ئۆرلەيدۇ، سۇ پارىنىڭ تېمپېراتۇرىسى℃200 قا يېتىدۇ، ئەگەر قولايلىق ساماۋار شورپىسىنىڭ ئۈستىدىكى ياپقۇچىدا ھاۋا ئۆتكۈزۈش تۆشۈكچىلىرى بولمىسا ئاسانلا كىچىك تىپتىكى پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھەتتا كىشىلەرنى زەخىملەندۈرۈشى مۇمكىن. قولايلىق ساماۋار شورپىسىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرىدىن كېلىپ چىقىدىغان خەۋپتىن باشقا يەنە قىزىش جەريانىدا كاربون چالا ئوكسىدىمۇ تېزدىن قويۇپ بېرىلىدۇ، جىنخەي ئوت ئۆچۈرۈش چوڭ ئەترىتىدىكى خادىملار قولايلىق ساماۋار شورپىسىنىڭ قىزىش جەريانىدا قويۇپ بېرىلگەن كاربون چالا ئوكسىدى مىقدارىنىڭ ھەر كۇب مېتىردا 20.8 مىللىگىرام بولۇپ، بۇنىڭ ھەر كۇب مېتىردا 24 مىللىگىراملىق يۇقىرى ئۆلچەمگە ناھايىتى يېقىنلاشقانلىقىنى ئۆلچەپ چىققان. تۇرمۇشىمىزدا قولايلىق ساماۋار شورپىسىغا ئوخشاش مودا بولغان يېمەكلىك ياكى باشقا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆپ ئۇچرايدۇ، بىراق شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەككى، بۇنداق بۇيۇملار ئۇزۇن مەزگىللىك ئەمەلىيەت، تەكشۈرۈش جەريانىدا سىناقتىن ئۆتكەنمۇ-يوق، سۈپەت بىخەتەرلىك ئۆلچىمى جەھەتتە لاياقەتلىكمۇ-يوق، ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرى پىشىپ يېتىلگەنمۇ دېگەنلەرنىمۇ چوقۇم ياخشى ئويلىشىش كېرەك.
يەنە قارايدىغان بولساق، يېقىندىن بۇيان كۆپ شەھەرلەردە LED لىق يانىدىغان رەڭلىك شار مودا بولۇشقا باشلىدى. بۇ خىل سولياۋ شارنىڭ سىرتقى يۈزىگە رەڭلىك چىراغ ئورنىتىلغان بولۇپ، چىراغنى ئۆچۈرۈپ ياندۇرغىلى بولىدۇ، يىراقتىن قارىغاندا رەڭلىك شار بوشلۇقتا لەيلەۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ، قارىماققا راست چىرايلىق، شۇڭا ناھايىتى تېزلا نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى ۋە كىچىك دوستلار ئارىسىدا مودا بولدى. بىراق بۇ شارنىڭمۇ خەتىرى بار.
27-نويابىر نەنجىڭدىكى تۆت ياش بۇ خىل شاردىن تۆتنى سېتىۋالدى، توساتتىن بىرەيلەن تاماكىسىدىكى ئوت يالقۇنى شارغا تېگىپ كېتىپ، بۇ شارلارنىڭ ھەممىسى ئېتىلىپ كېتىپ، بۇ تۆت ياش ئوخشىمىغان دەرىجىدە كۆيۈپ يارىلاندى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى ئەرنىڭ يارىسى ئېغىرراق بولۇپ، دوختۇرنىڭ دىياگنوزىغا قارىغاندا، ئەڭ ئېغىر 48 30593 48 14939 0 0 1010 0 0:00:30 0:00:14 0:00:16 3055 2-دەرىجىلىك كۆيگەن، تارتۇق قېلىشى مۇمكىنكەن. بالىلارنىڭ شار ئوينىشىغا قويۇلغان دۆلەتلىك ئۆلچەمدە مۇنداق دېيىلگەن: «گاز قاچىلانغان ئويۇنچۇقلارغا قويۇلغان تېخنىكىلىق تەلەپ» دە، ھىدروگېن گازى، ئاتسېتىلېن، كۆمۈر گازى قاتارلىق ئاسان كۆيىدىغان، ئاسان پارتلايدىغان زەھەرلىك، زىيانلىق گازلار ئويۇنچۇقلارغا قاچىلانماسلىقى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن، بىراق مۇشۇ رەڭلىك شارغا ئوخشاش شارسىمان ئويۇنچۇقلارنىڭ ئىشلەپچىقارغان زاۋۇتى ئېنىق ئەمەس، سۈپىتىگىمۇ كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، ئەگەر يۇقىرىقى مىسالدىكىدەك تاماكا يالقۇنى، پار، ئوچاقلارغا تېگىپ كەتسە شار ئېتىلىپ پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، كىشىلەر يارىلىنىپلا قالماي، ھاياتىغىمۇ خەۋپ يېتىشى مۇمكىن.
SEBILER
سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار
بالىلاردىكى قىززىتمىنىڭ قايتۇرۇشنىڭ ئەڭ يىڭى رېستىپلىرى
جىدەلخور بوۋاقلارنى تىنىچلاندۇرۇش ئۇسۇلى
قاندىكى قەنت مىقدارىنى ۋەھشىي تۆۋەنلىتىدىغان كۆكتاتلار
دۇنيادىكى 23 تۈرلۈك ئاجايىپ-غارايىپ «ئەڭ» لەرگە نەزەر
بالىلارنىڭ نورمال تەرەققىي قىلۋاتقانلىقىنى قانداق بىلەلەيمىز؟
شىنجاڭ سەبىيلەر كەسپىي تەرەققىيات چەكلىك شېركىتى ئۈندىدار سالونى
سېتىشتىىن كىيىنكى مۇلازىمەت تېلفۇنى
0991-2863969
0991-2886219