查看原文
其他

بىلىۋىلىڭ! يېقىنقى 40 يىلدىن بۇيانقى جۇڭگونىڭ 10 چوڭ مۆجىزىسى

2017-12-15 👉 sebiler


SEBILER

كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا ئىسلاھات ئېچىۋېتىش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلغىنىغا 40 يىل بوپتۇ، بۇ 40 يىل جەريانىدا، جۇڭگونىڭ GDP (ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى) 200 ھەسسە قاتلىنىپ، نۇرغۇن كەسىپلەر يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كۆپلىگەن ساھەلەردە ياۋروپا دۆلەتلىردىن ئېشىپ كەتتى. 

بۇنىڭ ئىچىدە ئادەتتىن تاشقىرى كۆزگە چېلىقىدىغان 10 تۈرلۈك ئىلگىرلەش بار، بۇنى بىز «ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىكى 10 چوڭ جۇڭگو مۆجىزىسى» دەپ ئاتايمىز.


يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول يول تورى 

نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى كىشىلەر گۇيجۇ ھەققىدە پاراڭ بولغاندا ھەممەيلەن «قاتنىشى تەرەققىياتىنى چەكلەپ قويغان جاي» دېيىشەتتى. پەلەمپەيسىمان يەر شەكلىگە ئىگە يۈننەن-گۇيجۇ ئېگىزلىكىدە تۇرمۇش كەچۈرۈش بوستانلىقى بەرپا قىلىشنىڭ ئۆزىلا ئاللىقاچان مۆجىزىگە ئايلانغان تۇرسا، باي-باياشات تۇرمۇشتىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن؟

بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، گۇيجۇدىكى ئەڭ نامرات ناھىيەلەرمۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان ئۆلكىگە ئايلاندى. گۇيجۇغا ئوخشاش بۇنداق «ناھىيەلەر ئارا قاتناش»نى رېئاللىققا ئايلاندۇرغان ئۆلكە، شەھەرلەر ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى. بۇ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورى بەرپا قىلىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈىدۇ.


كۆككە تاقاشقان ئېگىز بىنالار

پۈتۈن يەرشارىدىكى ئون چوڭ ئېگىز بىنانىڭ ئالتىسى جۇڭگودا، شۇنداقلا بۇ سان توختىماي ئېشىۋاتىدۇ.

ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن ئىلگىرى جۇڭگودىكى ئېگىز بىنالار ساناقلىقلا ئىدى، بىراق يېقىنقى ئون نەچچە يىل مابەينىدە جۇڭگودىكى ئېگىز بىنالارنىڭ سانى %606.12 ئېشىپ، 2017-يىلى 6-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە ئېگىزلىكى 200 مېتىردىن ئاشىدىغان بىنا 847 يۈرۈشكە يەتكەن. نۆۋەتتە سېلىنىۋاتقان، سېلىنىشقا تەييارلىنىۋاتقان ۋە لايىھەدىكى بىنالارنى قوشقاندا، كەلگۈسى 10 يىل ئىچىدە جۇڭگودىكى ئېگىز بىنالارنىڭ سانى 1000 يۈرۈشلۈك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتىدۇ.

پۈتۈن يەرشارىدىكى ئون چوڭ ئېگىز بىنا

① خەلىفە مۇنارى ، دۇباي ؛ ② شاڭخەي مەركىزىي بىناسى ؛③ خان جەمەتى سائەت مۇنار مېھمانسارىيى ، مەككە ؛④ گاۋيىن پۇل مۇئامىلە 117 سارىيى ، تيەنجىن؛⑤ پىڭئەن خەلقئارا پۇل مۇئامىلە مەركىزى ، شېنجېن ؛⑥ لېتېيەن دەرىجىدىن تاشقىرى مۇنارى ، سېئول؛⑦ دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ 1 - نومۇرلۇق بىناسى ، نيۇيورك ؛⑧ گۇاڭجۇ شەرقىي مۇنارى ، گۇاڭجۇ ؛⑨ تەيبېي 101 ، تەيبېي؛⑩ يەر شارى پۇل مۇئامىلە مەركىزى ، شاڭخەي 

پۈتۈن يەرشارىدىكى ئون چوڭ ئېگىز بىنانىڭ ئالتىسى جۇڭگودا، شۇنداقلا بۇ سان توختىماي ئېشىۋاتىدۇ.


كۆچمە چىقىم

«چەتئەللىك دوستلار ئېلىپ كېتىشنى ئەڭ خالايدىغان تۆت كەشپىياتنىڭ بىرى»

ئەگەر بىر چەتئەللىك جۇڭگوغا كەلسە، جۇڭگولۇقلار ئىستېمالىدىكى ھەق تۆلەش ئۇسۇلىغا قاراپ ھەيران قېلىشى مۇمكىن. سىرتقا چىققاندا نەق پۇل ئېلىۋالمايدۇ، پەقەت بىردانە ئەقلىيفون بولسىلا بارلىق ھەق تۆلەش ئىشلىرىنى بېجىرەلەيدۇ. مەيلى تاماق يېيىش، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇش، نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش ياكى مەبلەغ سېلىش ھەتتا يول بويىدىكى تىلەمچىلەرگە پۇل بەرگەندىمۇ، بىر دانە يانفون ۋە كىچىككىنە ئىككىلىك كود ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

خەلق رايىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى Ipsosنىڭ جۇڭگودا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىدىن بايقىلىشىچە، %40 ئىستېمالچىنىڭ ئادەتتە يېنىغا ئېلىپ يۈرىدىغان نەق پۇلى 100 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى %14ى ئادەتتە يېنىغا بىر پۇڭمۇ سالمايدىكەن، ئەمما قالغان %74 كىشىنىڭ قارىشىچە، ئەگەر يېنىغا 100 يۈەن ئېلىۋالغان بولسىمۇ، يېنىدا بىر ئايغىچە ساقلىنىپ تۇرىدىكەن.

شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھەرقايسى كەسىپلەر نەق پۇلسىز يولدا مېڭىشقا باشلىدى. ھەتتا بۇلاڭچىلىقمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. تېخى بەش يىلنىڭ ئالدىدىلا جۇڭگو بارلىق ئىستېمالىدا نەق پۇل شەكلىنى قوللىنىدىغان دۆلەت ئىدى، ئۇ ۋاقىتتا ئىشىكتىن چىققاندا ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدىغان نەرسە دەل پورتمال ئىدى. ۋاھالەنكى 2013-يىلدىن باشلاپ جۇڭگونىڭ كۆچمە چىقىم ئۇسۇلى ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەرەققىي قىلىدى. ھەمدە ھەريىلى نەچچە ھەسسە سۈرئەت بىلەن ئېشىپ، 2016-يىلى 58 تىرىليون 800 مىليارد يۈەن خەلق پۇلىغا يەتتى، بۇ سان ئامېرىكا ئۈچىنچى تەرەپ كۆچمە چىقىم كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن 90 ھەسىسىگە باراۋەر.


مەركەز كارخانىلىرى

40 يىل ئىلگىرى ھېچكىممۇ دۆلەت ئىگىكىلىدىكى زاۋۇتلارنىڭ شۇنچە كەڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولشى مۇمكىن. دۇنيا 500 كۈچلۈكلەر تىزىملىكىدىنلا كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ:

1989-يىلى جۇڭگو بانكىسى تۇنجى بولۇپ دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا تىزىملىكىگە كىرگەن جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇق كارخانىسى ئىدى. (ئەينى ۋاقىتتىكى 500 كۈچلۈك كارخانا پەقەت ئامېرىكىدىكى كارخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان كارخانىلارنى كۆرسىتەتتى) 1995-يىلى بۇ تىزىملىككە يەنە جۇڭگو بانكىسى بىلەن جۇڭگو خىمىيە سانائىتى گۇرۇھىدىن ئىبارەت ئىككى كارخانا كىردى. كېيىن...

بىرىنچى باي

«بىرىنچى باي» سۆزى جۇڭگودا 1999-يىلىدىن باشلاپ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى، جۇڭگو ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، 1979-يىلى قۇرۇلغان جۇڭگو شىن تو خەلقئارا مەبلەغ سېلىش شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى روڭ يىرېن 2000-1999-يىللىرى ئۇدا جۇڭگودىكى بىرىنچى باي بولۇپ كەلدى. كېيىن جۇڭگونىڭ يېزا ئىگىلىك چوڭ دۆلىتى بولۇشتىن ئىبارەت دۆلەت ئەھۋالىنى چىڭ تۇتقان يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشى بىلەن ليۇ يوڭشىڭ، ليۇ يوڭخاۋ ئاكا-ئۇكىلار تۇنجى باي تىزىملىكىگە كىردى.

2012-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە، ئالاقە تورىدىكى ئۈچ كاتتاباش BAT (بەيدۇ، ئەلىى بابا، تېڭشۈن)نىڭ شەكىللىنىشى بىلەن، قۇرغۇچىلىرىمۇ بايلار تىزىملىكىدىكى ئالدىنقى 10نىڭ ئىچىگە كىردى.

جۇڭگو ياسىمىچىلىقى

ھەممىسى جۇڭگونى «دۇنيانىڭ زاۋۇتى» دېيىشىدۇ، ئۇنداقتا بۇ زاۋۇت زادى قانچىلىك چوڭ؟

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئىستاتىستىكا قىلىشىچە: جۇڭگو پۈتۈن يەرشارىدىكى %60 سېمۇنت، %45 پولات-تۆمۈر، %50 ئەينەك، %25 ئاپتوموبىل، %40 كېمە، %70 ئەقلىيفون، %90 خاتىرە كومپىيۇتېرى، %80 ھاۋا تەڭشىگۈچ، %65 توڭلاتقۇ ۋە %40 ئاياغ... قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىدىكەن.

2010-يىلى جۇڭگونىڭ ياسىمىچىلىق قىممىتى ئامېرىكىدىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە 1-ئورۇنغا ئۆتتى. بۇ بىرىنچىلىكنى ئامېرىكا 1895-يىلىدىن 2009-يىلىغىچە 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ساقلاپ كەلگەن. 


ئالەم قاتنىشى

ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن ئىلگىرىكى ھېكايىلەردىن بىز «شەرق قىزاردى 1»نى بىلەتتۇق، ئۇ جۇڭگونى دۇنيادىكى مۇستەقىل سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرەلەيدىغان 5-دۆلەتكە ئايلاندۇردى.

سۈرەتتىن ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتىن كېيىنكى جۇڭگونىڭ ئالەم قاتنىشى قەدىمىنى كۆرۈۋالالايسىز.

ئالەم بوشلۇقىغا قارسىڭىز، كىشىنى قاتتىق ھاياجانغا سالىدۇ. كەلگۈسىچۇ؟ سىز جۇڭگونىڭ ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى بولۇشىنى بەكرەك ئۈمىد قىلامسىز، ياكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاي شارىدىكى «بىر كىچىك قەدىمى»نى بەكرەك ئارزۇ قىلامسىز؟


ئالىي مائارىپ

«ھەرقانچە نامرات بولغان تەقدىردىمۇ، مائارىپتا نامرات بولۇشقا بولمايدۇ!» بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى مەجبۇرىي مائارىپنى يولغا قويغاندىكى ھەربىي بۇيرۇق.

40 يىلدىن كېيىن، مەجبۇرىي مائارىپ ئومۇملىشىپلا قالماستىن، بەلكى جۇڭگونىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدىكى %80تىن ئارتۇق بالىلار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئايلاندى. 

1977-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىكى قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى پەقەت %6 ئىدى. 1977-يىلى نەق 10 يىل توختاپ قالغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان تۈزۈمى ئەسلىگە كېلىپ، ھەرقايسى ياشتىكى جەمئىي 5 مىليون 700 مىڭ ئادەم ئىمتىھانغا قاتناشتى. 10 يىللىق ئىقتىساس ئىگىسى كەم بولۇش، 79-77 يىللىرى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنى كۆپ مىقداردىكى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

تۆۋەتتە، جۇڭگودا ئالىي مائارىپنى قوبۇل قىلغان ئادەم سانى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىپ، مائارىپتىكى ئەمەلىي بەلگىگە ئايلاندى. بۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئادەم قوبۇل قىلىش سانىمۇ زور دەرىجىدە كۆپەيدى.


تور ئويۇنى

جۇڭگو تور ئويۇنى كەسپى 1999-يىلى ئېچىلىپ قىسقىغىنە تۆت يىلدىن كېيىن، يەنى 2003-يىلىغا بارغاندا، ۋاڭيى چىقارغان «غەربكە ساياھەت ھەققىدە لاپ 2» (大话西游2) ئالقىشقا ئېرىشىپ، دىڭ لېينى فوربىس تىزىملىكىدىكى جۇڭگولۇق بايلار قاتارىغا ئېلىپ چىقتى. 

2017-يىلى سىز بەلكىم «شاھنىڭ شەرىپى» (王者荣耀) ئاڭلاپ باققان بولۇشىڭىز مۇمكىن. پۈتۈن جۇڭگودىكى 200 مىليون كىشى دەل مۇشۇ ئويۇننىڭ ھەۋەسكارلىرى. بۇنىڭ ئىچىدە %70ى خىزمەتچىلەر. «شاھنىڭ شەرىپى» تېڭشۈن شىركىتى چىقارغان ئويۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن ما خۇاتېڭنىڭ ئاسىيادىكى تۇنجى باي ئورنىغا ئېرىشىشىنى بۇ ئويۇننىڭ پايدىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.


A پاي

1986-يىلى جۇڭگو خەلق بانكىسى تۇنجى مەيدان يۇقىرى ئۆلچەمدىكى پۇل-مۇئامىلە سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، 20 نەچچە ئامېرىكا ئاكسىيە ساھەسى كاتتاباشلىرى جۇڭگوغا كېلىپ، 200دىن ئارتۇق جۇڭشەن فورمىسى كەيگەن جۇڭگو بانكىسى ۋە پۇل-مۇئامىلە ئەمەلدارلىرىغا غەربنىڭ پاي چېكى بازىرىدىكى ئاساسىي بىلىملەرنى سۆزلەپ چۈشەندۈردى.

1990-يىلى شاڭخەي ئاكسىيە بىرژىسى ۋە شېنجىن ئاكسىيە بىرژىسى ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلۇپ، ئىككى شەھەردىكى 10 چوڭ شىركەت جۇڭگوغا ۋاكالىتەن كاپىتالنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باستى.

2017-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە 3470 دۆلەت ئىچى كارخانىسى A پاي بازىرىغا كىردى، بۇنىڭ بىلەن بازار قىممىتى كۆلىمى 57 تىرلىيون يۈەنگە يېقىنلاشتى. پايچىكلارنىڭ سانى 133 مىليون ئادەم يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە %97 ئادەم مەبلەغ سالغۇچى.

سۈرەتتە جۇڭگو پاي بازىرىدىكى 10 چوڭ ۋەقە 



SEBILER

您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存