查看原文
其他

بالىلارنىڭ جىمىپ قېلىشىدىكى «قورقۇنچلۇق» سەۋەبنى بىلەمسىز؟

2017-12-26 👉 sebiler


SEBILER

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بالىلىرىنى ئۆزى بېقىپ باققان ئاتا-ئانىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئادەتتە يىغلاپ قەغىشلىك قىلىدىغان بالىسى تۇيۇقسىز جىمىپ قالسا ئۇنىڭ بىرەر نەرسىنى بۇزۇپ قويغانلىقى، ھەتتا «ناھايىتى قورقۇنچلۇق» ئىشلارنى سادىر قىلغانلىقىنى بىلىۋالالايدۇ. بۇ سۈرەتلەردىن بالىلار «تۇيۇقسىز جىمىپ قالغاندا» نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى.

بالا كومپيوتېر ئالدىدا جىمىپ قالغان بولسا ئۇنىڭ «ئويناش ئۇسۇلى»نىڭ بىزنىڭكى بىلەن ئانچە ئوخشىمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

بىر بالا شاكىلاتلارنىڭ تەمىنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن ھەممىسىنى بىردىن-بىردىن تېتىپ باقتى.

بۇ كىرىسلونى تازىلىغىلى بولارمۇ؟

بىر دوستۇمنىڭ ئايالى كاماندىروپكىغا چىقىپ كېتىپتىكەن. بىراق، ئۇ ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيىگە بارغاندىن كېيىن بولغان ئىشلارنى كۆرۈپ قانداق قىلىشنى بىلەلمەي ماڭا تېلېفون قىپتۇ.

ياشلىق قىزنىڭ توڭلاتقۇنىڭ ئۈستىدىكى كەمپۈتنى ئېلىشقا قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى بىلىۋېلىش قىيىن ئەمەس.

بۇ قىز ئۆزىنى تەرەتدانغا سولىۋاپتۇ.

بالامنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىپ كېتىۋاتقاندا تۇيۇقسىز ئارقامغا قاراپ قورقۇپ كەتتىم.

بۇ قوزىچاق ئۆزى ئامراق ئاپېلسىن تەملىك چوكىلىق كەمپۈتنى تېپىش ئۈچۈن ئۆيىدە بار كەمپۈتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېچىۋېتىپتۇ.

بالىلىرىم ماڭا شەكىل تىزىشىپ بەرمەكچى بولغاندا رەت قىلغانىدىم. بىراق، ئۇلار يەنىلا ماڭا ياردەملىشىشنى تاللىدى.

تاللا بازىرىنىڭ خىزمەتچىسى بۇ مەنزىرىنى كۆرسە قانداق بولۇپ كېتەر؟

ئىككى بالام مېنىڭ ماشىنامدا ئەمەس، بەلكى ساقچى ماشىنىسىدا ئويناپ كېتىپتۇغۇ!

ھەقىقىي سەنئەتكارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا رەسىم قەغىزى بولۇش، بولماسلىقى ئانچە مۇھىم ئەمەس.

ئۇ ناھايىتى تىنچ جايدىن بىرنى تېپىپ تېلېۋىزور كۆرمەكتە.

بۇ ئىككىسى تازا تېپىشىپتىمۇ قانداق؟

ئەتىگەن بالام مەندىن بۇرۇن تۇرۇپ كەتكەنىدى. ئويغانغاندا كۆپ ئۇخلىغىنىمغا قاتتىق پۇشايمان قىلدىم.

ئۆيدە بىر ئىت بىلەن بىر قىز بالا بولسا مۇشۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ.

بۇ بالا سارماينى مۇز قايماققا ئوخشىتىپ ھەممىسىنى بىردىن چىشلەپ بېقىپتۇ.

قارايدىغان ئادەم چىقمىغان ئىككى بالا «رەسسام».

 ياشلىق بالىنىڭ بىمەنە چاخچىقى.

بالىلارنى سىرتتا ئويناڭلار دېسە مۇشۇنداق قىلىدۇ.

بالام ھاجەتخانىغا كىرىپ كېتىپ خېلى ئۇزۇنغىچە جىمىپ كەتتى، نېمە ئىش بولغاندۇ دەپ ئەنسىرەپ كىرسەم بولغان ئەھۋال مۇشۇ.

مەن يا خاپا بولۇشنى، يا خۇشال بولۇشنى بىلەلمىدىم.

مانا بۇ بالامنىڭ جىمىپ قېلىشىنى خالىمايدىغانلىقىمنىڭ سەۋەبى.

بالامنى تاز بىر ئەدەبلەپ قوياي دېگەنىدىم. بىراق، قانداق بېرىشنى بىلەلمىدىم.

SEBILER

سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار

بالا بىقىشتىكى قالتىس چارىلەر،ئەمدى بالابىقىپ چارچىمايسز

يېڭى يىل 2017 | لۇتپى بالىلار كارتون فىلىمى

قايسى مىۋىلەر ئارقىلىق قان تولۇقلىغىلى بولدۇ بىلەمسىز؟

ئۆزۈمگە

بوۋاقنى ئۇخلىتىشتىكى خاتا ئۇسۇل،بالىنىڭ چوڭ مىڭىسگە تەسىرقىلىشى!

您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存