ئەسكەرتىش: 466 ناچار ئەپ ئىلغاپ چىقىلدى، تېخىچە ئىشلىتىۋاتامسىز؟
SEBILER
يېقىندا DowginCw ناملىق ۋىرۇسنىڭ نۇرغۇن ئاۋات ئويۇن ئەپلىرىگە ياماق شەكلىدە يوشۇرۇۋالغانلىقى ئېنىقلاندى.
چاتاق بايقالغان غەرەزلىك ئەپلەرنىڭ كۆپلۈكى كىشىنى چۆچىتىدۇ. بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنغان ئەپلەرنى سىز ھېلىھەم ئىشلىتىۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن.
DowginCw ناملىق ۋىرۇس «چولپان مەلىكىنىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئويۇنى»، «ئەسەبىي ياقۇت» قاتارلىق نۇرغۇن ئاۋات ئويۇن ئەپلىرىگە ياماق شەكلىدە يوشۇرۇۋالغان بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى يۈز مىڭدىن ئارتۇق يانفوننى يوشۇرۇن تىزگىنلىۋالغان. ئۇ ھازىرمۇ ئەپ دۇكانلىرىدا بار، كۈنىگە ئون مىڭغا يېقىن يانفونغا يۇقىۋاتىدۇ. يانفونىڭىز بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپلا قالسا، «موردا يانفون»غا ئايلىنىپ قالىدۇ.
تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەن بولسا، يانفونىڭىز ئاللىقاچان يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن:
1.بىر ئەپنى قاچىلىغاندىن كېيىن باشقا ئەپلەرگە ئۆزلۈكىدىن باغلىنىپ قالسا ياكى باشقا مۇناسىۋەتسىز غەرەزلىك ئەپلەرنى توختىماي چۈشۈرسە؛
2.يانفونىڭىز پات-پات قېتىپ قالسا؛
3.يېڭىلا پۇل قاچىلىغان بولسىڭىزمۇ تۇرۇپلا پۇل تۈگەش سەۋەبىدىن توختاپ قالسا.
466 ئەپ قارا تىزىملىككە چۈشتى! «风云直播» ناملىق ئەپ ئۇدا بەش قېتىم تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى
غەرەزلىك ئەپ دېگەن نېمە؟ «كۆچمە ئالاقە تورىدىكى غەرەزلىك پىروگراممىلارنىڭ تەسۋىرىي شەكلى»دە بەلگىلىنىشىچە، غەرەزلىك ھەق تۇتۇش، ئۇچۇر ئوغرىلاش، يىراقتىن تىزگىنلەش، غەرەزلىك تارقىتىش، ھەق خورىتىش، سىستېمىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئالدامچىلىق قىلىش، لۈكچەكلىك قىلىش قاتارلىق سەككىز غەرەزلىك قىلمىشنىڭ بىرى بولغان پىروگراممىلارنى غەرەزلىك ئەپ دەپ بېكىتىشكە بولىدۇ. تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان غەرەزلىك ئەپلەر سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ پەسىلدە بىر ئېلان قىلىدىغان قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلىدۇ.
2017-يىل نويابىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى 3-پەسىلدە چاتاق بايقالغان قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، تۆۋەندىكى ئۈچ ئەپتە غەرەزلىك «ھەق سۈمۈرۈش» قىلمىشى بارلىقى ئېنىقلاندى:
قەبىلە توقۇنۇشى (部落冲突V1.0.0.2)
ياشاش ئويۇنى (生存游戏2 V1.0.0.2)
پىلانتلار ئارا ئۇرۇش (球球大作战 V3.0.0.7)
مۇخبىر سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئۈچ يىلدىن بۇيان ئاشكارىلىغان چاتاق ئەپلەرنى ئىستاتىستىكا قىلىپ شۇنى بايقىدىكى، 466 ئەپ قارا تىزىملىككە چۈشكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 384 ئەپ «باشقا قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارنى مەجبۇرىي تارقىتىش» قا چېتىلىدىكەن، بۇ ئومۇمىي ساننىڭ %82نى ئىگىلەيدىكەن.
نامىدا «ROOT» ياكى «Wi-Fi ئاچقۇچى» بار قىسمەن ئەپلەر قارا تىزىملىكتە كۆپ ئۇچرايدىكەن. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، يانفون روتلانغاندىن كېيىن، قارشى تەرەپ ئالىي ھوقۇققا ئېرىشىۋېلىپ يانفوننى غەرەزلىك يۇمشاق دېتاللارنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىتىدىكەن؛ ۋايفاي مەخپىي شىفىرىنى قورال ئارقىلىق يېشىۋېتىپ نائېنىق تور بېكەتلەرگە چىقىش شەخسىي ئۇچۇر ئاشكارىلىنىپ كېتىشنىڭ ئاساسلىق يوللىرىنىڭ بىرى ئىكەن.
يېقىنقى ئۈچ يىلدا سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ناچار ئەپلەردە بايقالغان مەسىلىلەرنىڭ ئىستاتىستىكىسى
2015-يىل 2-پەسىلدىن كېيىنكى تۆت پەسىلدە، ئوخشىمىغان ئەپ دۇكانلىرى «风云直播» ناملىق ئەپتە چاتاق بارلىقىنى بايقاپ، جەمئىي بەش قېتىم ئاشكارىلىدى، بۇ مەزكۇر ئەپنىڭ بەش نۇسخىسىغا چېتىلىدۇ. بۇ ئەپ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ قارا تىزىملىكىگە ئەڭ كۆپ كىرگۈزۈلگەن ئەپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، «GO ئېكرانى»، «بەيدۇ يانفون ياردەمچىسى»، «ھامىلە تەربىيەسى مۇزىكا قۇتىسى» قاتارلىق ئۈچ ئەپمۇ ئۈچ قېتىم قارا تىزىملىككە چۈشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە «بەيدۇ يانفون ياردەمچىسى» ئەڭ داڭلىق بولۇپ، V6.2.0、V6.5.1 ۋە V6.7.0 دېگەن ئۈچ نۇسخىسىغا چېتىلىدىكەن، مەنبەسى دەپ بەيدۇ ئورگان تورى ئىكەن. لېكىن بەيدۇ يانفون ياردەمچىسىنىڭ ئەڭ يېڭى V8.0 نۇسخىسى قارا تىزىملىكتە يوق ئىكەن.
ئاشكارىلانغان غەرەزلىك ئەپلەر ئىچىدە «ئىشلەتكۈچىنىڭ رۇخسىتىسىز شەخسىي ئۇچۇرنى توپلاش ۋە ئىشلىتىش»كە چېتىلىدىغان ئەپ، 36 بولۇپ، %8نى ئىگىلەيدىكەن. ئۇنىڭ كۆپىنچىسى ئالاقىلىشىش تۈرىدىكى قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال ئىكەن. مەسىلەن، 2016-يىل 3-پەسىلدە، ئاندرويىد ئەپ دۇكىنى بايقىغان «ۋاڭيىتۇڭ تېجەشلىك تېلېفونى»(V1.0.0) ۋە «UU تېلېفونى»(V3.5.4) دەل شۇنىڭ جۈملىسىدىن ئىكەن. بۇ يىل ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئالتە ئەپتە مۇشۇ تۈردىكى چاتاق بايقىلىپتۇ.
2017-يىلى ئابونېنت ئۇچۇرىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توپلاش مەسىلىسى بايقالغان ئەپلەرنىڭ تىزىملىكى
ئەپلەردىكى لۈكچەكلىك قىلمىشى تەسەۋۋۇرىڭىزدىن ھالقىپ كېتىدۇ
يېقىندا بىر تورداش يازما يوللاپ مۇنداق دېدى: يېڭى ئالغان يانفونۇم بىلەن بىرلا قېتىم تېلېفون ئۇردۇم، بىرمۇ قىسقا ئۇچۇر يوللىمىدىم، ئەمما كەچتە تور تىجارەتخانىسىدىن تېلېفون ھەققى ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرسەم، قىسقا ئۇچۇر يوللاش ھەققى تۇرىدۇ.
بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ. بۇ يىل 3-ئايدا تاراتقۇلار تولۇقسىز 3-يىللىقتا ئوقۇيدىغان بىر بالىنىڭ يانفونىدىن ئارقا-ئارقىدىن ھەق تۇتۇلغانلىقىنى، بىر قېتىم قىسقىغىنە ئون مىنۇت ئىچىدە 35 ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، ئۇنىڭ 16 ئالاقە كەسپى ئاچتۇرغانلىقىنى، جەمئىي 156 يۈەن ھەق تۇتۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.
ئاپتوماتىك قىسقا ئۇچۇر يوللايدىغان ۋە ئابونېنتنىڭ يانفونىنى غەرەزلىك تىزگىنلىۋالىدىغان ئەپلەرنىڭ تىزىملىكى
يەنە يەتتە ئەپ «ئابونېنت ئەھۋالنى بىلمىگەن ئەھۋالدا سىرتقا ئاپتوماتىك قىسقا ئۇچۇر يوللاش» سەۋەبىدىن قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن. بىر تېخنىكا مۇتەخەسسىسىنىڭ تەھلىلىچە، يانفون سىمسىز ئاشۇرما قىممەت كەسپى (SP كەسپى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)گە مۇشتەرى بولۇش سەۋەبىدىن ئاپتوماتىك قىسقا ئۇچۇر يوللايدىكەن، شۇڭا يانفوندىن ھەق تۇتۇلىدىكەن.
دۆلەت ئالاقە تورى جىددىي ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىنىڭ ئالىي ئىنژېنىرى خې نېڭچياڭ مۇنداق دېدى: جىم-جىم چۈشۈرۈشمۇ مەجبۇرىي باغلاپ قويۇشنىڭ بىر خىل شەكلى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئابونېنتنىڭ پۇلى قىسقا ئۇچۇر ئەسكەرتىشىنى تاپشۇرۇۋالمىغان ئەھۋالدىمۇ «ئوغرىلىنىدۇ».
سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولىشىچە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان بەلگىلىمىگە خىلاپ ئەپلەر ئىچىدە 35 ئەپ «غەرەزلىك ھەق تۇتۇش»قا چېتىشلىق بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %8نى ئىگىلەيدىكەن. بۇ ئەپلەر ئاساسەن ئويۇن يۇمشاق دېتاللىرى ئىكەن.
«شادىمان چاتما قونچاق» (开心连连看) ناملىق ئەپ 2015-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۈچ قېتىم قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، V2.6、V1.5.0 ۋە V3.1 دىن ئىبارەت ئۈچ نۇسخىسىدا مۇشۇ مەسىلە بار ئىكەن.
بۇ يىل 1-، 2-پەسىلدە، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان 千寻免流 V3.1.3 ۋە 开心连连看 V1.6.0دىن ئىبارەت ئىككى ئەپتە ھەتتا «ئابونېنتنىڭ يانفونىنى غەرەزلىك تىزگىنلىۋېلىش» مەسىلىسى بار ئىكەن.
2015-يىلى 1-پەسىلدە،匆匆那年 ۋە 撒娇女人最好命 دىن ئىبارەت ئىككى ئەپتە ھەق تاپشۇرغاندىن كېيىن سىن ھۆججىتىنى كۆرگىلى بولماسلىق مەسلىسى بارلىقى ئاشكارىلانغانىدى.
تور بىخەتەرلىكى ئىنژېنىرلىرىنىڭ تەسۋىرلىشىچە، يانفون غەرەزلىك تىزگىنلەنگەندىن كېيىن، باشقىلار يىراقتا تۇرۇپ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، سانلىق مەلۇماتلىرىڭىزنى مۇلازىمېتىرغا يوللىيالايدۇ، بۇ خۇددى خەق قازنىقىڭىزغا تۇتىشىدىغان لەخمە قېزىۋالغانغا ئوخشايدۇ. ئەگەر يانفون سىستېمىسىدىكى يوچۇقتىن پايدىلىنىپ ھۇجۇم قىلىپ root ھوقۇقىغا ئېرىشىۋالسا، خەق ھەر بىر ئېغىز ئۆيىڭىزگىچە كىرىپ ھەممە نەرسىڭىزنى مالتىلاپ يۈرەلەيدۇ.
غەرەزلىك ئەپلەر ئەرزان بولغاچقا يامراپ كېتىۋاتىدۇ
ئىگىلىنىشىچە، چاتاق بايقالغان ئەپلەرنى ئەپ دۇكانلىرىغا داۋاملىق قويۇش چەكلىنىدىكەن. لېكىن غەرەزلىك ئەپلەر شۇنچە چەكلىسىمۇ تۈگىمەيۋاتىدۇ.
چۈنكى چەكلەنگەن ئەپلەر يېڭىۋاشتىن ئوراش ئارقىلىق قايتا بازارغا كىرىدىكەن. ئەپ ياساشنىڭ تەننەرخى تۆۋەن بولغاچقا، قىيىنغا توختىمايدىكەن. بىر غەرەزلىك ئەپنىڭ كەينىدىكى ياسىغۇچى، يول بەرگۈچى، ئېلان بەرگۈچى، يانفون ساتقۇچى ۋە تىجارەتچى قاتارلىق ھالقىلارنىڭ ھەممىسىدە چاتاق بولۇشى مۇمكىن. بۇ يىل 4-ئايدا، مۇخبىرلار ئەمەلىي سىناق قىلدى، بىر غەرەزلىك ئەپنى بەش يۈەنگە سېتىۋالغىلى، 200 يۈەنگە ئەپ قېپى ياسىغىلى بولىدىكەن، تورغا قويغاندىن كېيىن، 13 كۈن ئىچىدە 600 نەچچە قېتىم چېكىلگەن، 36 ئادەم قىلتاققا دەسسىگەن.
ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىدا، ئەپ ياساش، كېڭەيتىش ۋە ئەپ دۇكىنىغا چىقىرىش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تور دۇكانلىرىمۇ ئاز ئەمەس. مەلۇم دۇكان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز ئەپنىڭ مەنبە كودىنى ئۆزگەرتىپ، ئادەتتىكى ئەپ شەكلىگە كەلتۈرەلەيمىز. كەچتە ئابونېنت ئۇخلاۋاتقاندا، بۇ پىروگرامما يانفوننى تىزگىنلىۋېلىپ، باشقا ئەپلەرنى چۈشۈرىدۇ. مۇشۇنداق پىروگراممىنى بىز 2000 يۈەنگىلا ياساپ بېرىمىز.
تېڭشۈن يانفون غوجىدارىنىڭ بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسى ياڭ چىبو مۇنداق دېدى:غەرەزلىك ئەپلەرنىڭ شۇنچە چەكلىسىمۇ تۈگىمەسلىكىگە مەنپەئەت تۈرتكىسى سەۋەب بولىۋاتىدۇ. باشقا ئەپلەرگە باغلاپ قويۇش ئارقىلىق ئەپنى كېڭەيتىش ھەققىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئابونېنتنىڭ رۇخسىتىسىز مەخپىي ئۇچۇرلىرىنى توپلىۋالسا، جىنايەتچىلەر تور ئالدامچىلىقى قىلالايدۇ ياكى ئابونېنتنىڭ پۇلىنى بىۋاسىتە ئوغرىلىيالايدۇ، غەرەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ھەق تۇتۇش كودى شۇ ئەپنى ياسىغۇچىلارنى بىۋاسىتە نەق پۇل كىرىمىگە ئېرىشتۈرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، كۆپ قىسىم ئەپلەر ياسالغاندىن كېيىن ئەپ دۇكانلىرىغا سېلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنى قىلتاققا ئىلىندۈرۈش مەقسىتىگە يېتىدۇ. ھالبۇكى ئەپنى ئەپ دۇكىنىغا چىقىرىشتا كومپيۇتېر ۋە ئادەم كۈچى ئارقىلىق تەكشۈرىدۇ، لېكىن بىر قىسىم ئەپ دۇكانلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى ئەسلا چىڭ ئەمەس.
چاتاق ئەپلەرنى ئىستاتىستىكا قىلىش ئارقىلىق بايقالدىكى، بۇ ئەپلەر 93 يانفون ئەپ دۇكىنىدىن كەلگەنىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە بەيدۇ يانفون ياردەمچىسى، ئەپكۇل، ئاندىرويىد تورى ۋە سۇنىڭ يىگوۋ ئەپ دۇكىنى كۆپ قېتىم پاش قىلىنغان بولۇپ، ھەر بىرىدە 20 نەچچىدىن چاتاق ئەپ بايقالغان. چوڭ تىپتىكى داڭلىق ئەپ دۇكانلىرىمۇ قاتتىق تەكشۈرمەسلىك سەۋەبىدىن چاتاق ئەپلەرنى دۇكانغا سېلىپ قويۇشى مۇمكىن.
قارا تىزىملىككە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم كىرگۈزۈلگەن ئەپلەر 20دىن ئاشىدۇ. مەسىلەن، 2015-يىلىنىڭ 1- ۋە 3-پەسلىدە، كۆچمە خەۋەرلىشىش ئەپ دۇكىنى، خۇاۋېي ئەپ بازىرى، شىنلاڭ ئەپ مەركىزى «反正» ناملىق ئەپنىڭ V1.1.1 نۇسخىسىدا «ئابونېنتنىڭ رۇخسىتىسىز شەخسىي ئۇچۇر توپلاش» مەسىلىسى بارلىقىنى بايقىغان.
ھامىلە تەربىيەسى مۇزىكا قۇتىسىنىڭ V4.05 نۇسخىسىنى چۈشۈرگەندە ئىچىدە ئېلان بارلىقى ئېنىقلاندى
بۇ سۈرەتتە ئەپنىڭ «ھامىلە تەربىيەسى مۇزىكا قۇتىسى»دىن كەلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
2016-يىل 4-پەسىلدە، بەيدۇ يانفون ياردەمچىسىدە ھامىلە تەربىيەسى مۇزىكا قۇتىسىنىڭ V4.06 نۇسخىسىدا باشقا مۇناسىۋەتسىز ئەپلەرگە مەجبۇرىي باغلاپ قويۇش مەسىلىسى بارلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغانىدى. يېقىندا پىپا تورى ۋە 3533 يانفون دۇنياسىمۇ شۇ ئەپتە چاتاق بارلىقىنى پاش قىلدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، 12-ئاينىڭ 12-كۈنى مۇخبىر بۇ ئەپنىڭ 4.05 نۇسخىسىنى بەيدۇ يانفون ياردەمچىسىدىن يەنىلا چۈشۈرەلىدى. چۈشۈرۈپ قاچىلىغاندىن كېيىن، ھىمالايا FM نىڭ ئېلانى چىقىۋالدى. ئېلاننى چەككەن ھامان ھىمالايا FM نى چۈشۈرۈش بېتى ئېچىلدى. ئەپ مەنبەسى يەنىلا «ھامىلە تەربىيەسى مۇزىكا قۇتىسى».
ئەپنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، يانفون سىستېمىسى بەرگەن ئەسكەرتمە.
ئىشلەتكۈچىلەر غەرەزلىك ئەپنى چۈشۈرۈپ سېلىشتىن قانداق ساقلىنىشى كېرەك؟
ياڭ چىبو مۇنداق دېدى: كىچىك تىپتىكى ئېلېكتىرون بازارلىرىدىن ئەپ چۈشۈرمەڭ، نائېنىق تور ئادرېسلىرىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلىماڭ، بەلكى چوڭ ۋە بىخەتەر ئېلېكتىرون بازارلىرىدىن ياكى شۇ ئەپنىڭ ئورگان تور بېكىتىدىن چۈشۈرۈڭ.يانفونىڭىزغا يانفون بىخەتەرلىك يۇمشاق دېتالى قاچىلىۋالسىڭىز، خەتەرلىك ئەپلەر ۋە غەرەزلىك يۇمشاق دېتاللاردىن ئەسكەرتىش بېرىدۇ.
ۋاڭ جيازېڭ مۇنداق دېدى: ئەپلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە يۇمشاق دېتاللىرىدا ھەمبەھىرلەنگەن يېشىۋېتىلگەن ھەقسىز نۇسخىسى ۋە خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان نۇسخىلىرىنى ئالدىراپ چېكىپ سالماڭ، ئۇنداق دېتاللارنىڭ كۆپىنچىسىدە غەرەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان خەتەرلىك كود بار.
جاڭ ۋېي مۇنداق دېدى: ئابونېنتلار «ھوقۇقنى ئىمكانقەدەر ئاز بېرىش» ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. نۇرغۇن كىشىلەر ئەپلەرنى قاچىلىغاندا قارشى تەرەپنىڭ ھوقۇققا ئېرىشىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە سەل قارايدۇ. خەرىتە ئەپلىرى قىسقا ئۇچۇر ھوقۇقى بېرىشنى، ئاخبارات-خەۋەر ئەپلىرى جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە تېلېفون دەپتىرىنى كۆرۈشنى تەلەپ قىلسا، ئىنتايىن پەخەس بولۇش كېرەك. ئۇنىڭغا قانچە چوڭ ھوقۇق بەرسىڭىز، مەنپەئىتىڭىزگە شۇنچە چوڭ زىيان يېتىدۇ.
ئالاقىدار قانۇنلار كۈنسايىن مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ
ئىگىلىنىشىچە، 2013-يىلى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى باشقا تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئېلان قىلغان «ئۇچۇر بىخەتەرلىكى تېخنىكىسى جامائەت مۇلازىمىتى ۋە سودا مۇلازىمىتى ئۇچۇرى سىستېمىسىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرنى قوغداش كۆرسەتمىسى»دە، ئەپلەر دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئاساسىي پىرىنسىپلار ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولۇپ، نىشانى ئېنىق بولۇش، يېتەرلىك بولۇش بىلەنلا كۇپايىلىنىش، ئاشكارا ئۇقتۇرۇش، شەخسنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش قاتارلىق پىرىنسىپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى 2016-يىل 6-ئايدا ئېلان قىلغان «كۆچمە ئالاقە تورى قوللىنىشچان پىروگرامما مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»دە مۇنداق بەلگىلەندى: كۆچمە ئالاقە تورى قوللىنىشچان پىروگراممىسى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شۇ پىروگراممىنى قاچىلىغان ياكى ئىشلەتكەندىكى بىلىش ھوقۇقى ۋە تاللاش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىشلەتكۈچىگە ئېنىق بىلدۈرمەي ھەم ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، جۇغراپىيەلىك ئورنى بىلىشنى تەلەپ قىلسا، تېلېفون دەپتىرىنى كۆرسە، كامىرانى ئىشلەتسە، ئاۋاز ئېلىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنى قوزغاتسا بولمايدۇ. مۇلازىمەتكە مۇناسىۋەتسىز ئىقتىدارلىرىنى ئاچسا، باشقا مۇناسىۋەتسىز قوللىنىشچان پىروگراممىلارغا باغلىسا بولمايدۇ.
بۇ يىل 6-ئايدا رەسمىي يولغا قويۇلغان «تور بىخەتەرلىكى قانۇنى»دىكى تەلەپكە ئاساسلانغاندا، چاتاق ئەپ بايقالغان ئەپ دۇكانلىرىمۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، يانفون زاۋۇتلىرىنى بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە تەدبىرىگە مەسئۇل قىلىشمۇ غەرەزلىك ئەپلەرنى قاچىلاشتىن ساقلىنىشنىڭ مۇھىم ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. يەنە غەرەزلىك ئەپ ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇپ، ياسىغۇچى، يول بەرگۈچى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، ئابونېنتلارنىڭ توردىن سۈرۈشتۈرۈپ بىلىشىگە قولايلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش لازىم.
SEBILER
سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار
ئىيىنىشتىننىڭ تىلىنى چىقىرىپ چۈشكىن رەسىمىنىڭ ئارقا كۆرىنىشى...
توخۇ بۇرۇن پەيدا بولغانمۇ تۇخۇممۇ؟ ئالىملار ئىسپاتلىغان 10 بىلىم
دۇنيادىكى 23 تۈرلۈك ئاجايىپ-غارايىپ «ئەڭ» لەرگە نەزەر
شىنجاڭدا كۆپ قىسىم جايلارنىڭ تېمپىراتۇرىسى ℃5 تۆۋەنلەيدۇ
قىشلىق ئىچكىيىم كىيمىسە سەمىرىپ كېتىدىكەن! دوختۇر ئاشكارىلىۋەتتى