ئاخىرى تەدبىر قوللاندى! ئالما شىركىتىگە چوڭ تەدبىر قوللىنىلدى
SEBILER
1.شاڭخەي شەھەرلىك ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتى ئالما شىركىتىگە ئالاقە يوللاپ سەۋەبىنى سۈرۈشتۈردى
https://v.qq.com/txp/iframe/player.html?vid=g0535y033ji&width=500&height=375&auto=0
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئىقتىساد قانىلىنىڭ «ئىقتىساد ئۇچۇرلىرى خەۋەرلىرى»
يېقىندا، شاڭخەي شەھەرلىك ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش كومىتېتى نۇرغۇنلىغان ئىستېمالچىلارنىڭ ئالاقىدار سوئاللىرى ۋە ئەرزلىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئالما شىركىتىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق شىركىتىگە ۋە دۇنياۋى باش ئىشتابىغا ئايرىم-ئايرىم سۈرۈشتۈرۈش ئالاقىسى يوللىدى ھەمدە ئۇلاردىن 1-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن بۇرۇن جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
شاڭخەي شەھەرلىك ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تاۋ ئەيليەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۇرغۇنلىغان ئىستېمالچىلار سىستېما نەشرى يېڭىلانغاندىن كېيىن ئايفوننىڭ ئىقتىدارى ئاجىزلاپ، سۈرئىتىمۇ ئاستىلاپ قالغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان.
شاڭخەي شەھەرلىك ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتى ئالما شىركىتىگە يوللىغان سۈرۈشتۈرۈش ئالاقىسىدا، تۆۋەندىكى تۆت مەسىلىگە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان:
يېڭى نەشرىدىكى سىستېمىنىڭ ئايفون ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشىدىكى بىۋاسىتە سەۋەب نېمە؟
ئالما شىركىتى بۇنىڭغا قانداق ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى قوللانماقچى؟
تاللىغىلى بولىدىغان بىر يېڭىلاش لايىھەسىنى تەمىنلەپ بەرگىلى بولامدۇ بولمامدۇ؟
ئالما شىركىتى ئىستېمالچىلارنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىدۇ؟
شاڭخەي شەھەرلىك ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2015-يىلدىن 2017-يىلغا قەدەر، ئۇلار ئالما شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ۋە مۇلازىمىتىگە ئالاقىدار ئەرزلەردىن 2015-يىلى 964 پارچە، 2016-يىلى 4021 پارچە، 2017-يىلى 2615 پارچە تاپشۇرۇۋالغان. ئەرزلەرنىڭ مەزمۇنى ئايفون باتارېيەسىنىڭ سۈپىتى، ئايفون ئۇشتۇمتۇت تاقىلىپ قېلىش، ئابۇنت نومۇرى ئوغرىلىنىش، سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت قاتارلىق بىر قانچە جەھەتلەرگە چېتىلغان.
1-ئاينىڭ 15-كۈنى يوللانغان سۈرۈشتۈرۈش ئالاقىسىنىڭ يوللانغىنىغا ھازىر ئۈچ كۈن بولدى. شاڭخەي شەھەرلىك ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتى تېخىچە ئالما شىركىتىدىن ھېچقانداق جاۋاب تاپشۇرۇۋالمىغان. بۇنىڭغا شاڭخەي شەھەرلىك ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتى ئىشنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا قاراپ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى، جۈملىدىن جامائەت پاراۋانلىقى دەۋاسى قىلىشقا ئوخشاش ھوقۇق قوغداش ئۇسۇللىرىنى قوللانمايمۇ بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شاڭخەي شەھەرلىك ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى تاۋ ئەيليەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالما شىركىتى جاۋاب قايتۇرغاندىن كېيىن، ئۇلار كونكرېت ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ كېيىنكى قەدەملىك تەدبىر قوللىنىدىكەن.
2. قىسمەن ئالما ئايفونلىرى سىستېمىسى يېڭى نەشرىگە كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن ئىنكاسى ئاستىلاپ، ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتكەن.
https://v.qq.com/txp/iframe/player.html?vid=a0535u1n1k2&width=500&height=375&auto=0
ئالما ئايفونلىرىنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىش مەسىلىسى دەرۋەقە زور بىر تۈركۈم ئىستېمالچىلارنىڭ بېشىنى قاتۇرۇۋەتكەن. ئۇلار سىستېما نەشرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئايفون سۈرئىتىنىڭ بارغانسېرى ئاستىلاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، كۆپىنچە ۋاقىتتا ئېكران لەپىلدەش، قېتىپ قېلىشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدىغانلىقىنى بايقىغان.
ليۇ ئەپەندى قولىدىكى iPhone6 نىڭ سىستېمىسىنى 10.2.1 نەشرىگە كۆتۈرگەندىن كېيىن، باتارېيە توكىنىڭ خوراش سۈرئىتى ئارتىپ كەتكەن، توك قاچىلاش جەريانىدىمۇ توك مىقدارى سانى ئاتلاپ-ئاتلاپ ئۆزگىرىدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن. ليۇ ئەپەندى تەمىنلەپ بەرگەن سىن ھۆججىتىدىن قارىغاندا، نورمال تېمپېراتۇرىلىق ئۆي ئىچىدە، ئايفوننىڭ توك مىقدارى %8كە چۈشۈپ قالغاندا، ئايفون توكقا چېتىلغاندىن كېيىن، توك مىقدارى %15كە ئۆزگەرگەن، يەنە تېخى ئارىدىن تەخمىنەن 1 مىنۇت ۋاقىت ئۆتە-ئۆتمەي توك مىقدارى كۆرسەتكۈچى %35 كە ئۆزگەرگەن.
باتارېيە مەسىلىسىدىن بېشى قاتقان يالغۇز ليۇ ئەپەندىلا ئەمەس، لوۋ ئەپەندى قولىدىكى ئايفون 7PLUS نىڭ سىستېمىسىنى iOS11 گە يېڭىلىغاندىن كېيىن، ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە، قايتا قوزغىغاندىن كېيىن ئېكران ئاق ھالەتتە قېتىۋالىدىغان، ئاندىن قايتا قوزغاتقىلى بولمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلگەن. بۇ ئەھۋال يۇمشاق دېتال كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان لوۋ ئەپەندىنى سىستېما يېڭىلاشتىن گۇمانلاندۇرۇپ قويغان.
شاڭخەي شەھەرلىك ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتىنىڭ قولىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، 2017-يىل 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2018-يىل 1-ئاينىڭ 8-كۈنىگە قەدەر، كونا نۇسخىدىكى ئالما ئايفونلىرىغا ئالاقىدار سورالغان سوئاللار ۋە ئايفوننىڭ سۈرئىتى ئاستىلاپ كېتىشكە ئوخشاش بىر قاتار مەسىلىلەر ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرز 300 پارچىدىن ئېشىپ كەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، بۇ مەسىلىلەر ئۈستىدىن ئېنىق سۇنۇلغان ئەرز 11 پارچىگە يەتكەن.
مەنبە:www.uycnr.com
SEBILER
سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار
ئانىلاردىققەت!بوۋىقىڭىزنىڭ تىلىغا تىز قاراڭ!بۇنداق ئەھۋال بارمۇ؟
بوۋىقىڭىزغا نىمەبىرىشنى بىلمسڭىزبۇنى قىلىپ بەرسڭزئاغرىپ قالمايدۇ
يارامسىزلىقنىڭ ئون ئىپادىسى ، سىزدە بارمۇ- يوق ؟-چۇقۇم كۈرۈڭ