ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯽ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﻛﻪﺳﭙﯩﮕﻪ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻣﺎﻝ
SEBILER
ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯽ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﻛﻪﺳﭙﯩﮕﻪ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻣﺎﻝ ﺋﺎﻟﺪﺍﻣﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺳﯜﻛﯜﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ
ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯽ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﻗﺎﻧﯘﻥ ــ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﯽ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﯞﻩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﺎﻻﻗﯩﺪﺍﺭ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﮬﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯽ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻜﯽ ﺗﯜﺭﮔﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪﯗ:
ﺑﯩﺮﯼ، ﺋﯚﺯﯼ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﺪﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﻣﺎﻝ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺋﯚﺯﯼ ﻳﺎﻛﯽ ﺋﯘﺭﯗﻕ ــ ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ، ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﯼ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯗ؛
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﯼ، ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﻣﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﺎﺝ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ.
ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻣﻪﻳﻠﯽ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﺎﺗﻘﯘﭼﯽ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﻣﻪﻳﻠﯽ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺕ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺋﻪﺗﻜﻪﺳﭽﯩﻠﯩﻚ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﯩﮕﻪ ﭼﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯗ.
ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺳﻮﺩﯨﺴﯽ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﺎﺝ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺳﯩﻤﯘ، ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻛﯚﺯ ﺑﻮﻳﺎﭖ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
ﺑﯘﻟﺘﯘﺭ ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺘﺘﺎ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪگە ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ xx ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯽ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺳﻮﺩﯨﺴﯽ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﯼ:
ـــ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﯽ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﭘﯘﻟﯽ ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﯽ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ. ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻼﺭﺩﺍ ﻣﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﮬﺎﺳﯽ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯗ، ﻣﻪﻥ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻤﻪﻥ.
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯽ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺳﻮﺩﯨﺴﯽ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯼ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺟﺎﻧﻼﻧﻐﺎﻥ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻣﺎﻝ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﯞﯦﺘﯩﭙﺘﯘ.
«ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ» ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻜﯽ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻣﺎﻝ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯽ
ﻛﻮﺭﯦﻴﻪﺩﻩ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ yy ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﺪﯼ:
ـــ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﻣﯧﻨﯽ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ، ھەمكارلىشىش ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻥ. ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﺎﺭﺍﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻨﻼ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﭘﯘﻟﻨﯽ ﺋﺎﺯ ﺗﺎﭘﺴﯩﻤﯘ، ﯞﺍﻗﯩﺖ ﯞﻩ ﻛﯜﭼﻨﯽ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﺎﻟﻐﯩﻠﯽ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺸﻨﯽ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺗﯧﺰﻻ ﻗﻮﺷﯘﻟﯩﺪﯗ، ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺸﻜﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﯘﻻﺭ ﻣﺎﻟﻨﯽ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺸﻜﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﯩﺪﻩ ﮬﻪﻣﻜﺎﺭﻻﺷﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ ﻣﺎﻟﻨﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻳﺎﻛﯽ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯽ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ.
ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺋﻮﺑﻮﺭﻭﺗﯽ ﺋﯘﭼﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﺍﺳﺖ ﻳﺎﻛﯽ ﺳﺎﺧﺘﯩﻠﯩﻘﯩﻨﯽ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﺗﻪﺱ
ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻧﯚﯞﻩﺗﺘﻪ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﺪﯨﻦ ﻣﺎﻟﻨﯽ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﯽ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﺎﺗﻘﯘﭼﯽ ﺗﯧﺰ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺶ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﮬﺎﯞﺍﻟﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯞﻩ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯽ ﺋﻪﯞﻩﺗﻜﯜﺯﯛﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﻳﻮﻝ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﺎﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺰ ﻳﻮﻟﻼﻧﻤﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺸﯽ ﺋﻪﯓ ﻛﯚﭖ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﻨﯩﺸﯽ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﺎﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺗﻮﭘﯽ ﻗﯘﺭﯗﭖ، ﭘﺎﺕ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﯞﻩﺗﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﯘﺭﯨﻨﯽ ﻗﻪﺭﻩﻟﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﻼﭖ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻣﺎﻟﻨﯽ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﮬﺎﯞﺍﻟﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﻮﺩﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﺸﺘﺎ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﯽ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻣﻪﻧﺒﻪﺩﯨﻼ ﺳﺎﺧﺘﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺋﻮﺑﻮﺭﻭﺕ ﺋﯘﭼﯘﺭﯨﺪﯨﻤﯘ ﺳﺎﺧﺘﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻼﺭﻣﯘ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﺋﺎﺩﺭﯦﺲ ﺋﻮﻳﺪﯗﺭﯗﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ ﻣﺎﻟﻨﯽ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻣﺎﻝ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﻮﻗﯘﻗﻨﯽ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﺗﻪﺱ
ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘﻕ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﺎﯞﺍﺭﻻﺭ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﯽ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﻏﺪﯨﺸﯽ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟
ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻛﯚﭖ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯽ ﻧﻪﺱ ﺑﺎﺳﺘﯽ، ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﭼﯜﻧﻜﯽ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﯽ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻘﺎ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻚ ﺩﻩﻟﯩﻞ ــ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻤﻪﻙ ﺗﻪﺱ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
ﺩﺍﺋﯩﻢ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯽ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ AA ﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯘ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻳﺎﻛﯽ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻴﻠﯩﻘﯩﻨﯽ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺶ، ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﯽ ﯞﻩ ﺗﻮﺭﺩﯨﻜﯽ ﻣﺎﻝ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯜﭺ ﺧﯩﻞ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ.
ﭘﻪﺭﺩﺍﺯ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯽ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﯽ ﻳﻮﻕ، ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺩﯗﻛﺎﻧﻠﯩﺮﯼ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯽ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﯽ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻧﻨﻪﺭﺧﯽ ﻳﯘﻗﯩﺮﯼ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﺎﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻣﺎﻝ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺴﺎ، ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻗﺎﻻﻣﺪﯗ؟
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﯘﭘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜﺯ ﻳﯘﻳﯘﺵ ﺑﯘﻳﯘﻣﯽ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯼ. ﻣﺎﻝ ﭘﯘﻟﯩﻨﯽ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﺎﺭﺷﯽ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺳﺎ، 60 ﻳﯜﻩﻥ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯽ ﺋﯧﻴﺘﺘﯽ، ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﯘﭘﯩﺴﯽ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﮬﻪﻕ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﺩﯼ. ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ ﻣﺎﻟﻨﯽ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﺭﯦﺲ، ﻣﺎﻝ ﻧﻮﻣﯘﺭﯼ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯽ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻣﺎﻝ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯽ ﺑﯩﻠﺪﯼ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺩﯗﻛﺎﻥ ﺋﯩﮕﯩﺴﯽ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺟﺎﯞﺍﺑﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻤﯩﺪﯼ. ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ ئاخىرىدا ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﯩﺮﻭﻧﻠﯘﻕ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﯘﭘﯩﺴﯩﻨﯽ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﮕﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﺩﯼ. ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﯩﺮﻭﻧﻠﯘﻕ ﺳﻮﺩﺍ ﺳﯘﭘﯩﺴﯽ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ ﺩﻩﻟﯩﻞ ــ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ، ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺩﯗﻛﯩﻨﯽ ﻏﻮﺟﺎﻳﯩﻨﯩﻨﯽ ﻣﺎﻟﻨﯽ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﯘﻳﺮﯗﺩﯼ. ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ 20 ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﯞﺍﻗﯩﺖ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﺪﯼ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ ﺑﯘ ﮬﻪﻗﺘﻪ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯽ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﯼ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﯼ، ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﯞﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯽ ﻟﻴﯘ ﺟﯜﻧﺨﻪﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ــ ﺗﯩﻨﭻ ﺋﻮﻛﻴﺎﻥ ﺗﻮﺭ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﯽ، ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯽ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﯼ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﯼ ﻟﻴﯘ ﺩﯦﻠﻴﺎﯕﻨﯽ ﺯﯨﻴﺎﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﺪﯼ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ: ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﻛﻪﺳﭙﯽ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯼ ﺋﻪﺗﻜﻪﺳﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﭼﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﯽ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻣﺎﻝ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯽ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﯼ. ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻣﺎﻝ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﻠﯩﺮﯼ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﯞﺍﺗﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞﻩﺑﯽ ﻧﯧﻤﻪ؟
ﻟﻴﯘ ﺟﯜﻧﺨﻪﻱ: ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﯚﺕ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﺎﺭ:
ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯽ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﯽ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯼ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﺍ ﻛﻪﯓ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﺴﺎﻳﯩﻦ ﺋﯧﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻖ ﺑﯘﻳﯘﻣﻼﺭﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯽ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯽ ﻳﺎﻛﯽ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﯼ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ ﺳﯜﭘﯩﺘﯽ ﻧﺎﭼﺎﺭ، ﻳﯘﻗﯩﺮﯼ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻖ ﺗﺎﯞﺍﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﯽ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺕ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ؛
ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯽ، ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻳﺎﻛﯽ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﮕﻪ ﺳﺎﻳﺎﮬﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﺪﯗ؛
ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯽ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﯽ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺯﺍﯞﯗﺗﻼﺭ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﺪﯨﻦ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﻳﻮﻟﯽ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺑﯘﻳﯘﻣﻼﺭﻧﯽ ﺗﺎﻟﻼﻳﺪﯗ؛
ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﯽ، ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻳﻮﭼﯘﻕ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ.
ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﺪﯨﻦ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﻩ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﺗﺎﯞﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻜﯽ ﺳﻪﯞﻩﺏ ﺑﺎﺭ:
ﺑﯩﺮﯼ، ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯼ ﺗﯚﯞﻩﻥ، ﺋﯘﻻﺭ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻣﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﺎﻟﻨﯽ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯗ. ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﯼ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻗﺎﭼﯩﻼﺵ، ﺑﻪﻟﮕﻪ ﭼﺎﭘﻼﺵ، ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﺎﻟﻨﯩﯔ ﻗﯧﭙﯩﻐﺎ ﻗﺎﭼﯩﻼﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﺳﯘﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻧﯽ ﺋﯧﺰﯨﻘﺘﯘﺭﯗﯞﺍﺗﯩﺪﯗ؛
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﯼ، ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻣﺎﻝ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﭘﺎﻳﺪﺍ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻪﻧﻨﻪﺭﺧﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﯼ، ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻣﺎﻟﻨﯩﯔ ﺗﻪﻧﻨﻪﺭﺧﯽ ﺗﯚﯞﻩﻥ، ﺟﺎﺯﺍﻻﺵ ﺳﺎﻟﻤﯩﻘﯩﻤﯘ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ.
ﻟﻴﯘ ﺩﯦﻠﻴﺎﯓ: ﺑﯩﺮ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ، ﺑﻪﺯﯼ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﺴﯩﺪﺍ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘﻻﺭ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯽ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ، ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﯽ ﻛﯚﭖ.
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ، ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻣﺎﻝ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯽ ﻣﻪﯞﺟﯘﺕ، ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻣﺎﻝ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﺗﻪﻧﻨﻪﺭﺧﯽ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﺎﻝ ﺳﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﺪﯨﻦ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻳﯘﻗﯩﺮﯼ.
ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﺎﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻣﺎﻝ ﺳﯧﺘﯩﺸﯩﻨﯩﯔ «ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﯼ» ﺯﻭﺭ
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ: ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﭖ ﺑﺎﻳﻘﯩﺸﯩﻤﯩﺰﭼﻪ، ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﻩ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻜﯽ ﮬﺎﻟﻘﺎ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺸﻜﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﺎﻟﻨﯽ ﺋﯚﺯﯼ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺗﯧﺰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﻣﺎﻝ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺑﯘ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻜﯽ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻣﺎﻝ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﯩﻨﯽ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﺸﺘﺎ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻣﺎﻝ ﺳﯧﺘﯩﺶ ــ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﻗﺎﻳﺴﯽ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯗ؟
ﻟﻴﯘ ﺟﯜﻧﺨﻪﻱ: ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻣﺎﻝ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ، ﺋﯧﻠﯩﭗ ــ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ. ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻮﻗﯘﻕ ــ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﯩﻨﯽ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻨﯩﯔ 55 ـــ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ: ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ ﺗﺎﯞﺍﺭ ﻳﺎﻛﯽ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﻟﺪﺍﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯽ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ، ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﯽ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺯﯨﻴﯩﻨﯩﻨﯽ ﮬﻪﺳﺴﯩﻠﻪﭖ ﺗﯚﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﺸﯽ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﮬﻪﺳﺴﯩﻠﻪﭖ ﺗﯚﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺳﻮﻣﻤﺎ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﯞﺍﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﮬﺎﺳﯽ ﻳﺎﻛﯽ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻣﯘﻻﺯﯨﻤﻪﺕ ﮬﻪﻗﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﭺ ﮬﻪﺳﺴﯩﺴﯽ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ؛ ﮬﻪﺳﺴﯩﻠﻪﭖ ﺗﯚﻟﻪﭖ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺳﻮﻣﻤﺎ 500 ﻳﯜﻩﻧﮕﻪ ﻳﻪﺗﻤﯩﺴﻪ، 500 ﻳﯜﻩﻥ ﺗﯚﻟﻪﻳﺪﯗ.
ﻟﻴﯘ ﺩﯦﻠﻴﺎﯓ: ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻣﺎﻝ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯽ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺳﯧﺘﯩﺸﺘﻪﻙ ﻧﺎﺗﻮﻏﺮﺍ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻼﺭﻣﯘ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﯜﻟﯜﻙ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﭼﯧﻘﯩﻠﯩﺶ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯽ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﯞﺍﺭ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﯩﻨﯽ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻘﭽﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺗﺎﯞﺍﺭ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﯽ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﭼﯧﻘﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﮬﻮﻗﯘﻗﺪﺍﺭﻻﺭ ﺗﺎﯞﺍﺭ ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﯽ ﻗﺎﻧﯘﻧﯽ ﻳﺎﻛﯽ ﻧﺎﺗﻮﻏﺮﺍ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﯽ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻨﯽ ﺗﺎﻟﻼﭖ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﯽ ﻗﻮﻏﺪﯨﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ: ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﻳﻮﻟﯽ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﭘﻪﺭﺩﺍﺯ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯼ، ﻳﯧﻤﻪﻙ ــ ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻥ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﯧﺘﯩﺸﯽ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺑﺎﺯﺍﺭﺩﺍ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﺎﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯼ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﮕﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ، ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺧﻪﺗﻪﺭ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ؟
ﻟﻴﯘ ﺟﯜﻧﺨﻪﻱ: ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯽ، ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺳﻮﺩﯨﻠﯩﺸﯩﺶ ﮬﻮﻗﯘﻗﯽ، ﺑﯩﻠﯩﺶ ﮬﻮﻗﯘﻗﯽ، ﺗﺎﻟﻼﺵ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯨﺪﯗ. ﺑﻪﺯﯼ ﺗﯧﺮﻩ ﺋﺎﺳﺮﺍﺵ ﺑﯘﻳﯘﻣﻠﯩﺮﯼ، ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮﯼ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻥ ﺳﺎﻏﻼﻣﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺷﯽ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ؛
ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯽ، ﺑﺎﺯﺍﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﻞ ﺭﯨﻘﺎﺑﻪﺕ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﻨﯽ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﯞﯦﺘﯩﺪﯗ؛
ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯽ، ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﭘﺎﻳﺪﯨﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﺋﯧﯖﯩﻨﯽ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ، ﺑﯘﺧﯩﻞ ﻧﺎﭼﺎﺭ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺳﻪﻟﺒﯩﻲ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﺸﯽ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ؛
ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﯽ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﯽ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻨﯽ ﺳﯘﺳﻼﺷﺘﯘﺭﯗﯞﯦﺘﯩﺪﯗ.
ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻣﺎﻟﻨﯽ ﺑﺎﻳﻘﯘﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯚﭖ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺗﻪﯓ ﻛﯜﭺ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﯩﻐﺎ ﻣﻮﮬﺘﺎﺝ
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ: ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻣﺎﻟﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ، ﻛﯚﭖ ﮬﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﺋﻪﮬﯟﺍﻟﺪﺍ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻳﺴﯽ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﻧﯽ ﻗﯧﻠﯩﭙﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻣﺎﻟﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﯽ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻮﻗﯘﻕ ــ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﯩﻨﯽ ﻗﻮﻏﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟
ﻟﻴﯘ ﺟﯜﻧﺨﻪﻱ: ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭ ﺋﯩﻠﻤﯽ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ، ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ، ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﺋﯧﯖﯩﻨﯽ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺸﯽ، ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﻻﺭﭼﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻱ، ﻧﻪﭖ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﯽ ﭼﯚﺭﯛﭖ ﺗﺎﺷﻠﯩﺸﯽ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ، ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺭﻧﯽ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﯞﻩ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺳﺎﻗﻼﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﯽ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯼ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺱ ﺱ ﻡ ﺏ، ﺗﺎﻣﻮﮊﻧﺎ، ﺳﯜﭘﻪﺕ ــ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯽ، ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ــ ﺩﻭﺭﺍ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯽ، ﺳﻮﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯼ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯼ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﺮﯨﻜﻤﻪ ﻛﯜﭼﯩﻨﯽ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ، ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯽ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﯽ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻜﯽ ﻳﻮﭼﯘﻗﻼﺭﻧﯽ ﺋﯧﺘﯩﭗ، ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﻨﺎﯞﯨﺘﯩﻨﯽ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﭖ، ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﺪﯨﻦ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺳﯧﺘﯩﺸﺘﯩﻜﯽ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻼﺭﻧﯽ ﺟﺎﺯﺍﻻﺵ ﺳﺎﻟﻤﯩﻘﯩﻨﯽ ﺯﻭﺭﺍﻳﺘﯩﺸﯽ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﯽ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻳﻮﻟﯩﻨﯽ ﺭﺍﯞﺍﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻤﯘ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯼ، ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻣﺎﻝ ﺳﺎﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﺎﺭﺍ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﯜﭖ، ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻣﺎﻝ ﺳﺎﺗﻘﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﯚﻣﯜﺭﻟﯜﻙ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻧﺪﺍ ﻗﻮﻳﯘﺵ، ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻟﻪﯞﺯﯨﺪﻩ ﺗﯘﺭﻣﯩﺴﺎ، ﮬﻪﺭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﻘﯘﺯﯗﭖ، ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﻧﻨﻪﺭﺧﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﯼ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
مەنبە:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىدىن ئېلىندى
SEBILER
سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار
فىلىم · بوۋاقلارنىڭ يىغىسىنى توختىتىش ئۇسۇلىفىلىم
ئادەتتە كەپسىز بالىڭىزنى قانداق «ئەدەبلەيسىز»؟
زۇكام بولغاندا ئىستېمال قىلىش چەكلىنىدىغان يېمەكلىكلەر
ﺑﯘ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﮪﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻐﺎﻥ %99 ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺑﺎﻱ ﺑﻮﻻﻻﻳﺪﯗ
ئانىلاردىققەت!بىرياشتىن كىيىن بوۋاقلارغا زادى تۇزبىرىشكەبولامدۇ؟