شاكىلاتنىڭ بارلىققا كېلىشى توغرىسىدىكى ھېكايە
SEBILER
شاكىلات كىشىلەر رەت قىلالمايدىغان، ئاجايىپ لەززەت ۋە ھۇزۇر ئاتا قىلىدىغان يېمەكلىك. بەلكىم نۇرغۇنلىغان كىشىلەر شاكىلاتنى ياقتۇرغىنى بىلەن، ئۇنىڭ قانداق بارلىققا كەلگەنلىكىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا مەن شاكىلاتنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرگە شاكىلاتنىڭ كېلىپ چىقىشىنى تونۇشتۇرۇشنى توغرا كۆردۈم. ئەمسە ھېكايەمنى باشلاي.
1519-يىلى ئىسپانىيەلىك داڭلىق ئېكسپېدىتسىيەچى كورتېس باشچىلىقىدىكى ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتى مېكسىكىنىڭ كىندىك رايونىغا كەلگەن، ئۇلار ئاجايىپ جاپالىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، بىر ئېگىزلىككە كەلگەندە ھارغىنلىقتىن يەرگە ئۆزىنى ئاتقان، بۇ چاغدا ئۇلارنىڭ مىدىرلىغۇدەكمۇ ھالى قالمىغان ئىدى. دەل شۇ چاغدا تاغ ئۈستىدىن بىر توپ ئىندىيانلار چۈشۈپ، ھالسىزلانغان بۇ بىر توپ كىشىگە بوغچىسىدىن كاكائو ئۇرۇقى ئېلىپ يانجىپ، ئۇنىڭغا دەرەخ سۈيى ۋە قارىمۇچ ئۇنى ئارىلاشتۇرۇپ، قايناق سۇ بىلەن كاكائو سۈيى دەملەپ بەرگەن. ئاجايىپ مەززىلىك بىر پۇراق ھاۋاغا تارقىلىپ دىماققا ئۇرۇلغان.
ئىندىيانلار كاكائو سۈيىنى كورتېسنىڭ قولىغا سۇنغان. كورتېس بىر يۇتۇم ئىچكەندىن كېيىن: «نېمانداق قىرتاق ھەم ئاچچىق» دېگەن. ئەمما ئىندىيانلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن كورتېس ۋە ئەترەت ئەزالىرى بۇ قاپقارا سۇنى ئېچىپ تۈگەتكەن. ئويلىمىغان يەردىن، بىر ئازدىن كېيىنلار ئەترەت ئەزالىرى خۇددى سېھىرگە يولۇققاندەك روھلىنىپ كەتكەن، ھەيران بولغان كورتېس ئىندىيانلاردىن كاكائو سۈيىنىڭ رېتسېپىنى سوراپ ئالغان.
1528-يىلى كورتېس ئىسپانىيەگە قايتىپ كېلىپ، پادىشاھقا كاكائودا ياسىغان ئىچىملىكنى سۇنغان. ئەقىللىك كورتېس ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، دەرەخ سۈيى بىلەن قارىمۇچنىڭ ئورنىغا ھەسەل ئالماشتۇرغان. پادىشاھ كاكائو ئىچىملىكىنى ئىچكەندىن كېيىن ماختاپ: «بۇ ئىچىملىك ھەقىقەتەن ئېسىلكەن» دېگەن ھەمدە كورتېسنى چەۋەندازلىققا تەيىنلىگەن.
شۇنىڭدىن كېيىن، كاكائو ئىچىملىكى ئىسپانىيەدە داڭق قازانغان. لاسكو ئىسىملىك سودىگەر كاكائو سۈيىنى سېتىپ بېيىپ كەتكەن. بىر كۈنى لاسكو ئىچىملىك قاينىتىۋاتقاچ: «بۇ خىل ئىچىملىكنى ياساپ چىقىش ئۈچۈن ھەر قېتىم قاينىتىدىكەنمەن، بۇ بەكمۇ ئاۋارىچىلىك ئىكەن. ئەگەر كاكائو ئىچىملىكىنى قاتتىق جىسىمغا ئايلاندۇرالىغان بولسام، سۇغا سالسىلا، ياكى ئېغىزغا سالسىلا ئېرىسە نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى ھە!» دېگەنلەرنى ئويلىغان. شۇنىڭ بىلەن لاسكو قايتا-قايتا تەجرىبە قىلىشقا باشلىغان. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ قۇيۇلدۇرۇش ۋە قۇرۇتۇش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا كاكائو ئىچىملىكى قېتىشمىسىنى ياساپ چىقىپ، ئۇنىڭغا «چوكولاتې» دەپ نام قويغان، «چوكولاتې» تۇنجى ئەۋلاد شاكىلات ھېسابلىنىدۇ.
لاسكونى بولسا شاكىلاتنى بارلىققا كەلتۈرگەن تۇنجى ئادەم دېيىشكە بولىدۇ.
ئىسپانلار مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا بەكمۇ ماھىر بولۇپ، ئۇلار بۇ كاكائو ئىچىملىكى قېتىشمىسىنىڭ رېتسېپىنى ھېچكىمگە ئېيتمىغان. شۇڭا 200 يىلغىچە باشقا جايدىكىلەر «شاكىلات» تىن ئىبارەت بۇ لەززەتلىك يېمەكلىكىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان. 1763-يىلىغا كەلگەندە ئەنگلىيەلىك بىر سودىگەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بۇ رېتسېپقا ئىگە بولغان ھەمدە شاكىلاتنى ئەنگلىيەگە ئېلىپ كىرگەن. ئەنگلىيەلىك سودىگەر ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئاساسەن ئەسلىدىكى تەركىب ئىچىگە سۈت ۋە ئىرىمچىك قوشقان. شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى ئەۋلاد شاكىلات __ «قايماقلىق شاكىلات» بارلىققا كەلگەن.
گەرچە ئۇ چاغدىكى شاكىلاتنىڭ تەمى سەل ياخشى بولسىمۇ، ئەمما تەركىبىدىكى ياغ سەۋەبلىك كاكائو سۇ ۋە سۈت قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشەلمىگەن. 1829-يىلىغا كەلگەندە گوللاندىيەلىك ئالىم خوۋى كاكائو يېغىنى ئاجرىتىش تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلىپ، مۇكەممەل شاكىلاتنى ياساپ چىققان. بۇ شاكىلات ئۈچىنچى ئەۋلاد شاكىلات بولۇپ، بىز ھازىرغىچە ئىستېمال قىلىپ كەلگەن شاكىلاتتۇر. تەڭرىتاغ تورىدىن ئېلىندى.
SEBILER
سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار
بالىلارنى زىيادە ئىسسىق تۇتۇشمۇ ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ
بوۋىقىڭىزغا تۇزلۇق يىمەكلىكلەرنى بەرمەڭ
يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنى ئائىلىدە داۋالاشنىڭ يەرلىك رېتسېپلىرى
ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﺍﺭﻏﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯔ
بوۋاقلاردىكى كالىتسىي كەملىك ۋە كالىتسينى توغرا ئۇسۇلدا تولۇقلاش
SEBILER