查看原文
其他

قولىمىزدىكى كەمتۈك خەلق پۇلىنى قانداق ئالماشتۇرىمىز؟

2018-02-10 👉 sebiler

SEBILER


نۇرغۇن دوستلىرىمىزنىڭ قولىدا بۇرجەكلىرى كەمتۈك بولۇپ قالغان ياكى ئوت ئاپىتى، نەملىك قاتارلىق ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شەكلى ئۆزگىرىپ زەخىملەنگەن خەلق پۇل بولۇپ، بۇنداق پۇلنى خەجلىيەلمەي ياكى تاشلىۋېتىشكە كۆزى قىيماي ساقلاپ قويغان ئەھۋاللار بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟


خەلق پۇلىنىڭ كەمتۈك، مەينەت ئىكەنلىكى قانداق بېكىتىلىدۇ؟ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلق بانكىسى قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلقق پۇلىنى باشقۇرۇش نىزامى»غا ئاساسەن، كەمتۈك، مەينەت بولۇپ كەتكەن خەلق پۇلى دېگىنىمىز يىرتىلىپ كەتكەن، كەمتۈك بولۇپ قالغان ياكى تەبىئىي ئۇپرىغان، چىرىگەن، تېگى زىيانغا ئۇچراپ، رەڭگى ئۆزگىرىپ كەتكەن، سۈرەتلىرى ئېنىق بولمىغان، ساختىلىقتىن ساقلىنىش ئالاھىدىلىكلىرى زىيانغا ئۇچرىغان، داۋاملىق ئوبوروت قىلىشقا ماس كەلمەيدىغان خەلق پۇلىنى كۆرسىتىدۇ. خەلق پۇلىنى قويۇش-ئېلىش كەسپىنى بېجىرىدىغان ھەر قانداق پۇل-مۇئامىلە ئاپپاراتى ئاممىغا كەمتۈك، مەينەت بولۇپ كەتكەن خەلق پۇلىنى ھەقسىز ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ، رەت قىلىشقا بولمايدۇ. ئۇنداقتا، كەمتۈك خەلق پۇلىنى پۈتۈن سوممىسى بىلەن ئالماشتۇرۇشقا بولامدۇ؟ قانداق ئالماشتۇرىمىز؟ قانداق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىمىز؟ 


خەلق پۇلىنىڭ زەخىمگە ئۇچراش دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، خەلق پۇلىنى ئالماشتۇرۇش سوممىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. «جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ كەمتۈك خەلق پۇلىنى ئالماشتۇرۇش چارىسى» دە پۈتۈن سومما بويىچە ئالماشتۇرۇش، يېرىم سومما بويىچە ئالماشتۇرۇش ۋە ئالماشتۇرۇپ بەرمەسلىكتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئالماشتۇرۇش ئۆلچىمى بېكىتىلگەن.


تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالدا، كەمتۈك خەلق پۇلىنى پۈتۈن سومما بويىچە ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ:

1.كەمتۈك قىسىمى پۇل يۈزىنىڭ 1/5ىدىن ئېشىپ كەتمىگەن ھەمدە قالغان قىسىمىنىڭ سۈرەت، يېزىقلىرىنى ئۇلىغىلى بولسا؛

2. پۇل يۈزى مەينەت بولۇپ كەتكەن، قارىيىپ كەتكەن، نەملىشىپ قالغان، مايغا چىلىنىپ كەتكەن، رەڭگى ئۆزگىرىپ كەتكەن، بىراق پۇلنىڭ ھەقىقىي ياكى ساختا ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈشكە بولىدىغان، پۇل يۈزى پۈتۈن ياكى كەمتۈك قىسىمى پۇل يۈزىنىڭ 1/5ىدىن ئېشىپ كەتمىگەن، قالغان قىسىمىنىڭ سۈرەت، يېزىقلىرىنى ئۇلىغىلى بولسا؛

3. ئوبوروت جەريانىدا ئۇپراپ زەخىملەنگەن تەڭگە پۇلنىڭ ئوڭ يۈزىدىكى دۆلەت گېربى ۋە ئارقا يۈزىدىكى ساننى پەرقلەندۈرگىلى بولسا، بانكىلار پۈتۈن سومما بويىچە ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ.


تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالغا تەۋە بولغان كەمتۈك خەلق پۇلى يېرىم سومما بويىچە ئالماشتۇرۇپ بېرىلىدۇ: كەمتۈك قىسىمى پۇل يۈزىنىڭ 1/5ىدىن 1/2ىگىچە بولۇپ، قالغان قىسىمىنىڭ سۈرەت ۋە يېزىقلىرىنى ئەسلىدىكىگە ئوخشاش ئۇلىغىلى بولسا، بانكا ئورۇنلىرى يېرىم سومما بويىچە ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ، كەمتۈك پۇل قايتا ئوبوروت قىلىنمايدۇ.


تۆۋەندىكىدەك ئەھۋالغا تەۋە بولغان كەمتۈك خەلق پۇلى ئالماشتۇرۇپ بېرىلمەيدۇ: 

1. كەمتۈك قىسىمى پۇل يۈزىنىڭ 1/2ىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا؛

2. پۇل يۈزى مەينەت بولۇپ كەتكەن، قارىداپ كەتكەن، نەملىشىپ قالغان، مايغا چىلىنىپ كەتكەن، رەڭگى ئۆزگىرىپ ھەقىقىي ياكى ساختا ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتكەن بولسا؛

3. قەستەن كېسىپ ئېلىۋېتىپ ياماق سالغان، بوياپ ئۆزگەرتكەن، كېسىپ چاپلىغان، ئەپلەپ-سەپلەپ قۇراشتۇرغان، بىر يۈزى سويۇلۇپ كەتكەن بولسا؛

4. ئالماشتۇرىدىغان سومما بىر پۇڭغا يەتمىسە.


يۇقىرىقى ئۈچ خىل ئەھۋالدىن باشقا، بەزىدە ئالاھىدە سەۋەبتىن كەمتۈك ياكى مەينەت بولۇپ كەتكەن خەلق پۇلىغا يولۇقىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولۇپ تۇرىدۇ. ئالاھىدە سەۋەبتىن كەمتۈك، مەينەت بولۇپ كەتكەن خەلق پۇلى دېگىنىمىز ئوت ئاپىتى، قۇرت يەپ قويۇش، چاشقان غاجىلاپ قويۇش، چىرىپ كېتىش قاتارلىق ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تاشقى كۆرۈنۈشى، تېگى، ساختىلىقتىن ساقلىنىش ئالاھىدىلىكى زىيانغا ئۇچرىغان، پۇلنىڭ قەغىزى كوكسلىشىپ كەتكەن، شەكلى ئۆزگىرىپ كەتكەن، سۈرەتلىرى ئېنىق بولمىغان، داۋاملىق ئوبوروت قىلىپ ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدىغان خەلق پۇلىنى كۆرسىتىدۇ.

جۇڭگو خەلق بانكىسى تىجارەت باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئالاھىدە سەۋەبتىن كەمتۈك ياكى مەينەت بولۇپ كەتكەن، ئوبوروتتىن قالدۇرۇلغان خەلق پۇلىنى ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك ئالاھىدە نەق پۇل كەسپىنى ئالاھىدە نەق پۇل كەسپىنى بېجىرىشنى ئۈستىگە ئالغان تور نۇقتىلىرى بېجىرىدۇ.

ئۇنداقتا، ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن قانداق رەسمىيەتلەر كېتىدۇ؟

1.پۇل ئىگىسىنىڭ كىملىكى ۋە كىملىكنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى؛

2. ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن كەمتۈك بولۇپ قالغان بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىك ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى ياكى يەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى چىقارغان كۈچكە ئىگە ئىسپات؛

3. قاتناش ھادىسىسى سەۋەبىدىن كەمتۈك بولۇپ قالغان بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش ھادىسىسىنى بىر تەرەپ قىلىش تارماقلىرى چىقارغان كۈچكە ئىگە ئىسپات؛

4. ياخشى ساقلىمىغاي چىرىپ كەتكەن، قۇرت يەپ قويغان، چاشقان غاجىلاپ قويغان كەمتۈك خەلق پۇلى بولسا، تۇرۇشلۇق ياكى ۋاقىتلىق تۇرۇشلۇق كوچا ياكى يېزىلىق ھۆكۈمەت چىقارغان كۈچكە ئىگە ئىسپات بولۇشى كېرەك.


كەمتۈك خەلق پۇلىنى ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، ئەگەر پۇل-مۇئامىلە تارماقلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشنى باھالاش نەتىجىسىگە قارىتا باشقىچە پىكىرىمىز بولسا، قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئەگەر كەمتۈك پۇلنىڭ ئىگىسى پۇل-مۇئامىلە تارماقلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشنى باھالاش نەتىجىسىگە قارىتا باشقىچە پىكىردە بولسا، يەرلىك خەلق بانكىسىنىڭ باھالاپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئەگەر يەرلىك خەلق بانكىسىنىڭ باھالاش نەتىجىسىگىمۇ باشقىچە پىكىرى بولسا، يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق بانكىسىنىڭ باھالاپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.


SEBILER





سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار

گۈزەللىكنى سۆيدۈم دەپ، بالىغا كەلگەن پېشكەلچىلىك دىققەت قىلىڭ

سۈت بالىلارنىڭ ھەرىكەتتىن كېيىنكى ئەڭ ياخشى ئۇسسۇزلۇقى

ئاشقازاننىڭ 4 دۈشمىنى : جىددى بىلىۋىلىڭ

كىملىك ئۇچۇرىڭىز باشقىلارنىڭ ئۈندىدارىغا باغلانغانمىدۇ؟

ئانىلار دىققەت!بالا بىقىشتا دائىم سادىر بولىدىغان 30 خىل خاتالىق

您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存