دەم ئېلىش تۈگەپ قايتىش تەس بولدىغۇ ئەمدى
SEBILER
بۈگۈن باھار بايرىمىنىڭ يەتتىنچى كۈنى، بۇ ئىككى كۈن ئىچىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۆمۈر يول، تاشيول، ئاۋىياتسىيەنىڭ يولۇچىلار ئېقىمىدا يۇقىرى پەللە كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ج خ مىنىستىرلىكى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىلقى بايرامدىن كېيىنكى قاتناش يۇقىرى پەللىسى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى (باھار بايرىمىنىڭ 9-كۈنى)گىچە داۋاملىشىدىكەن. 2-ئاينىڭ 25-كۈنى (باھار بايرىمىنىڭ 10-كۈنى)نىڭ ئالدى-كەينىدە، ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇش باشلايدىغان بولغاچقا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايتىش يۇقىرى پەللىسى يېتىپ كېلىدىكەن.
2-ئاينىڭ 21-كۈنى، بېيجىڭ پويىز ئىستانسىسى يۇقىرى پەللە مەزگىلىنى كۈتۈۋالغان.
تۆمۈر يول قاتنىشىدا ھەر تەرەپكە قاتنايدىغان كېچىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزلار كۆپەيتىلگەن، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىدىكى تۆمۈر يوللارنىڭ يولۇچىلار ئېقىم مىقدارى كۆپلەيدۇ
تۆمۈر يول قاتنىشىنىڭ تۈنۈگۈنكى يولۇچى توشۇش مىقدارى 11 مىليون 800 مىڭ ئادەمگە يەتكەن بولۇپ، يولۇچىلار پويىزىدىن 1091 قېتىملىقى كۆپەيتىلگەن. سىچۈەن، چۇڭچىڭ، گۇيجۇدىن بېيجىڭ، جۇخەي دېلتىسى، چاڭجياڭ دېلتىسى قاتارلىق ئىشلەمچىلىك زىچ جايلارغا بارىدىغان بېلەت قىس بولۇپ كەتكەن، كەلگۈسى بىر قانچە كۈن ئىچىدە، نەنچاڭ، پىڭشياڭ، شاڭراۋ قاتارلىق جايلاردا شاڭخەي، خاڭجۇ، نىڭبو، گۇاڭجۇ، فۇجۇ قاتارلىق يۆنىلىشلەرگە بارىدىغان كېچىلىك يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزلار كۆپەيتىلىدىكەن.
2-ئاينىڭ 21-كۈنى فۇجۇ پويىز ئىستانسىسى يۇقىرى پەللە مەزگىلىنى كۈتۈۋالغان.
ئىگىلىنىشىچە، باھار بايرىمىدىن كېيىنكى بىر بۆلەك ۋاقىت ئىچىدە، چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى تۆمۈر يول يولۇچىلار ئېقىمى ئاشىدىكەن، بۇنىڭدا تۇغقان يوقلاش ئېقىمى، ئوقۇغۇچىلار ئېقىمى، ئىشلەمچىلەر ئېقىمى، ساياھەتچىلەر ئېقىمى ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىكەن. پانۇس بايرىمىنىڭ ئالدى كەينىدە يەنە بىر قېتىملىق يولۇچىلار ئېقىمى يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلۈش مۆلچەرلەنگەن.
2-ئاينىڭ 21-كۈنى، يولۇچىلار نەنجىڭ پويىز ئىستانسىسىدا پويىزدىن چۈشمەكتە.
قىسمەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردىكى قىستاڭچىلىق ئەھۋاللىرى ياخشىلانغان، خەينەن ئاۋىياتسىيەسى نورماللاشقان
پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاشيوللار تۈنۈگۈن باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلىنى كۈتۈۋالغان، بىر قانچە كۈندىن بۇيان، تۇماننىڭ تەسىرىدە، چيوڭجۇ بوغۇزىدا ئايروپىلانلار كۆپ قېتىم قىسقا ۋاقىت توختىتىپ قويۇلۇپ، خەينەندىن چىقىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ پورتتا ئېغىر توسۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، تاكى تۈنۈگۈنگىچە، ئۈچ پورتنىڭ تاشقى يولىدا 8000 دىن ئارتۇق مېشىنا تۇرۇپ قالغان، پورت ئىچىدە 2700 ئاپتوموبىل ساقلاپ تۇرغان.
خەينەن خەيكۇدىكى شيۇيىڭ پورتى، دېڭىزدىن ئۆتمەكچى بولغان ماشىنىلار ئىنتايىن كۆپ.
پىدائىيلار تۇرۇپ قالغان يولۇچىلارغا ھەقسىز سۇ ۋە بولكىلارنى تارقاتماقتا.
خەيكۇ شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى، قاتناش ئىدارىسى، خەيكۇ دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسى، شېنجياڭ دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ 21-فېۋرالدىكى بىرلىشىپ ئېلان قىلغان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 21-فېۋرال خەيشيا بوغۇزىنىڭ ئۇچۇش شارائىتى ئۇچۇش تەلىپىگە يەتكەن. لېكىن 21-فېۋرال 19دا، خەيكۇ يەنە ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، تۇماننىڭ تەسىرىدىن شىنخەي پورتىدا 19دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندىن باشلاپ پاراخوتلارنىڭ پورتتىن چىقىشى ۋاقىتلىق توختىتىلغان، ئېچىلىش ۋاقتى دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش قىلىدىكەن.
خەينەن ئۆلكىسىدىكى مېتېئورولوگىيە ئورۇنلىرىنىڭ مۆلچەرىچە، 22-فېۋرال، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە، ئەتىگەندىن چۈشتىن بۇرۇنغىچە يامغۇر ياكى تۇمان بولىدىكەن، چۈشتىن كېيىن كۆرۈش دەرىجىسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىدىكەن. چيوڭجۇ بوغۇزى ۋە قۇرۇقلۇقتىكى تۇمانلىق ھاۋارايىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.
خەيكۇ جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقارغان : جىددىي ئېھتىياجنى قامداش ۋە بىرىنچى سەپ مۇلازىمەت ئورۇنلىرىدىن باشقا ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى دەم ئېلىشىنى ۋاقىتلىق تەڭشەيدۇ
كەڭ يولۇچىلارنىڭ ئارالدىن بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق ئايرىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ راۋان يول يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خەۇكۇ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن كەچتە جىددىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلغان : جىددىي ئېھتىياجنى قامدايدىغان ۋە بىرىنچى سەپ مۇلازىمەت كاپالەت ئورۇنلىرى، ئىدارىلىرىدىن باشقا ئورۇن ۋە ئىدارىلەر دەم ئېلىشنى ۋاقىتلىق تەڭشەيدۇ، كونكرېت دەم ئېلىش تەڭشەش ۋاقتى بولسا : 2-ئاينىڭ 22-كۈنى (باھار بايرىمىنىڭ 7-كۈنى) دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، 2-ئاينىڭ 25-كۈنى (باھار بايرىمىنىڭ 10-كۈنى، يەكشەنبە) تولۇقلاپ ئىشلەيدۇ.
ئاپتوموبىللار خەيكۇ بىڭخەي يولىدا پاراخوت ئارقىلىق دېڭىزدىن ئۆتۈش ئۈچۈن ئۇزۇن سەپ بولۇپ تىزىلىپ كەتكەن.
خەينەندىن چىقىدىغان «ئەڭ قىممەت ئايروپېلان بېلىتى» 20 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشقان، لېكىن يەنىلا بېلەت قىس بولۇپ كەتكەن
خەلق ئاۋىئاتسىيىسىمۇ تۈنۈگۈن قاتناشتىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىنى كۈتۈۋالغان. تۈنۈگۈن ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغان ئايروپىلان 15700 قېتىمدىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، بېيجىڭ پايتەخت ئايروپورتىنىڭ پۈتۈن كۈندىكى يولۇچى توشۇش مىقدارى 283 مىڭ ئادەمگە يەتكەن، ئۇچقان-قونغان ئايروپىلان سانى 1679 غا يەتكەن.
بېيجىڭ پايتەخت ئايرودۇرۇمى
چيوڭجۇ بوغۇزىنىڭ دېڭىز قاتنىشى تۇمانلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىدە توختىتىلغانلىقتىن، خەينەندىن چىقىدىغان ئايروپىلان بېلىتى باھار بايرىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپلا ئۈزلۈكسىز ئۆسكەن بولۇپ، 21-فېۋرال ئەڭ يۇقىرى باھاغا يەتكەن، سەنيادىن گۇاڭجۇ، بېيجىڭ، خاربىن قاتارلىق كۆپ جايلارغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلىتى 10 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن، بىر قىسىملىرىنىڭ باھاسى 20 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشقان بولۇپ، ئۆسۈش نىسبىتى %400 كە يەتكەن بولسىمۇ، بېلەت ئالماق يەنىلا ئىنتايىن تەس بولغان. 2-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى سەنيادىن بېيجىڭ، شاڭخەي، ۋۇخەن، چۇڭچىڭ قاتارلىق شەھەرلەرگە بارىدىغان ئايروپىلان بېلىتى سېتىلىپ تۈگەپ بولغان.
مەلۇم بېلەت سېتىش سۇپىسىنىڭ سۈرىتى
بىر قىسىم ئاۋىياتسىيە ئىدارىلىرىنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەتچىلىرىنىڭ دېيىشىچە، ئايروپىلان بېلەت باھاسى بازارغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىدىكەن، نۆۋەتتىكى بېلەت باھالىرىنىڭ ھەممىسى «مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر ئىچىدە» بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئەنگە ئالدۇرۇلغان ئىكەن، نۆۋەتچى ئايروپىلان كۆپەيتىش پىلانىنى ئۇزۇن ۋاقىت بۇرۇن ئاۋىياتسىيە باش ئىدارىسىگە دوكلات قىلىش كېرەك بولغاچقا، ھازىرچە ۋاقىتلىق ئايروپىلان كۆپەيتىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دېيىشىچە، ھەرقايسى ئاۋىياتسىيە ئىدارىلىرىنىڭ بەلگىلىمىدىن پايدىلىنىپ «باھا ئۆستۈرۈپ»، بېلەت باھاسىنى يۇقىرى چەكلىمىگە يەتكۈزىۋېلىشىدا ئالاقىلىشىش ياكى ئورتاق ھەمكارلىشىش قىلمىشى بارمۇ يوق، مونوپوللۇققا چېتىلامدۇ يوق قاتارلىقلارغا قارىتا، ئاۋىياتسىيە باش ئىدارىسى تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك ئىكەن.
خەيكۇ مېيلەن ئايروپورتى
مەنبە:www.uycnr.com
SEBILER
سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار
قانداق ئانىلار بالا ئىمىتسە بولمايدۇ ؟
نېمە ئۈچۈن بالىغا قۇرۇق ئېمىزگۈ بەرمەسلىك كېرەك دەيمىز؟
بۇ 7 تۈرلۈك كىشىلەر داۋاملىق گۆش يىسڭىز خەتەرلىك دىققەت قىلىڭ
1970-يىللاردىكى 10 مىڭ يۈەن بىلەن ھازىرقى 10 مىڭ يۈەننىڭ پەرقى