查看原文
其他

ئەتىدىن باشلاپ، بۇيېڭى بەلگىلىمىلەر تۇرمۇشىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

2018-03-01 👉 sebiler

SEBILER

ئەتىدىن باشلاپ كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى پىراكتىكا قىلىپ ئىش ئورنىغا چىقسا ئۇنىڭغا ئىش ھەققى بېرىش كېرەك، توردا داۋالاش سايمانلىرىنى ساتقۇچىلارنىڭ ئەمەلىي دۇكىنى بولۇشى كېرەك، شەنشى ئۆلكىسى ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئالاھىدە مۇھاپىزەت تەمىنلەپ بېرىدۇ، چۇڭچىڭدا 65 ياشتىن ئاشقانلار ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ھەقسىز ئولتۇرىدۇ... دېگەندەك  يەنە بىر تۈركۈم يېڭى بەلگىلىمىلەر رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. بۇ يېڭى بەلگىلىمىلەر ھەممىمىزگە مۇناسىۋەتلىك.

كەسپىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى پىراكتىكا قىلىپ ئىش ئورنىغا چىقسا ئۇنىڭغا ئىش ھەققى بېرىش كېرەك

مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالتە تارماق بىرلىكتە تارقاتقان «كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ كارخانىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش چارىسى» 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ «چارە»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، مەكتەپ ۋە كارخانا ئىككى تەرەپ كارخانىنىڭ خىزمەت، ئىش ئورنى ئېھتىياجىغا قاراپ، شاگىرتلىق تۈزۈمى بويىچە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆگەنگۈچىلەرنى بىرلىشىپ قوبۇل قىلسا بولىدۇ.كارخانا ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە پىراكتىكا قىلىپ ئىش ئورنىغا چىققان ئوقۇغۇچى ياكى ئۆگەنگۈچىگە ئىش ھەققىنى دەل ۋاقتىدا، تولۇق سوممىسى بىلەن بېرىدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ ئىش ھەققىنى تۇتۇپ قېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

توردا داۋالاش سايمانلىرىنى ساتقۇچىلاردىن ئەمەلىي دۇكىنى بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ

دۆلەت يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسى ئېلان قىلغان «داۋالاش سايمانلىرىنى توردا سېتىشنى نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش چارىسى» 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ «چارە»دە، تور سودىسىغا مۇلازىمەت سۇپىسى ھازىرلاپ بەرگۈچى ئۈچىنچى تەرەپ ئۆز سۇپىسىدىن ئورۇن ئالغان كارخانىنىڭ تور سىرتىدا ئەمەلىي دۇكىنى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈش، توردا ساتقۇچى كارخانا سېتىۋاتقان داۋالاش سايمانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن.

پوجاڭزىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا قارىتىلغان باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىك كۈچەيتىلىدۇ

بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش-نازارەت قىلىش باش ئىدارىسى تۈزۈپ ئوتتۇرىغا قويغان «پوجاڭزا ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىگە دائىر بىخەتەرلىك بەلگىلىمىسى» 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇش تارماقلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي جازا قوللىنىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، يوشۇرۇن ھادىسە خەۋپىنى تۈگىتىش نۇقتىسىدىن تەدبىر قوللانمىغان ئورۇنغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 500 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ.

دۆلەت زېمىن-بايلىقىغا دائىر قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە نازارەتچىلىك قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

دۆلەت زېمىن-بايلىق مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «دۆلەت زېمىن-بايلىقى بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە نازارەت قىلىش بەلگىلىمىسى» 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ «بەلگىلىمە»دە، دۆلەت زېمىن-بايلىقىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل تارماقلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان؛ دۆلەت زېمىن-بايلىقىغا چېتىلغان قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى بېجىرىشكە تارماق ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى ئاشكارىلاش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش تۈزۈمى، خاتا دېلولارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى قاتارلىقلارنى يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئالىي سوت مەھكىمىسى ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا دائىر ئەدلىيەلىك ئىزاھات چىقاردى

ئالىي سوت مەھكىمىسى يېقىندا ئېلان قىلغان «ياراشتۇرۇش ئىجراسىغا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»، «كېپىللىك ئىجراسىغا دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» ۋە «خەلق سوت مەھكىمىسى كېسىم ۋە ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىش دېلولىرىنى بېجىرىشكە دائىر بىر قانچە مەسىلە توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» قاتارلىق ئىجرا قىلىشقا دائىر ئۈچ ئەدلىيەلىك ئىزاھات 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

ئىزاھاتتا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ياراشتۇرۇش كېلىشىمىگە ئاساسلىنىپ ماددىي نەرسىنى قەرزگە تۇتۇپ بېرىش كېسىمىنى چىقىرىشقا بولمايدۇ؛ كېپىللىك بەرگۈچىنى ئىجرا قىلىش ئوبيېكتىغا ئۆزگەرتىۋېتىش، قوشۇۋېلىشقا بولمايدۇ؛ دېلوغا مۇناسىۋەتسىز ئادەم كېسىم، ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىش دېلوسىغا دائىر ئىلتىماس سۇنۇپ ئىجرا قىلىنمىغانلىرى باشقىدىن دېلو تۇرغۇزۇلۇپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

ھۆكۈمەت سېتىۋېلىشنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ

مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «ھۆكۈمەت سېتىۋېلىشقا دائىر گۇمانلىنىش ۋە ئەرز قىلىش چارىسى» 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ «چارە»دە، تەمىنلەپ بېرەلىگۈچى كارخانا دائىرىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، مالىيە تارماقلىرىدىن كۆرسىتىلگەن تاراتقۇدا ئەرز-شىكايەتنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ئىسمى، تېلېفون نومۇرى ۋە خەت-ئالاقە ئادرېسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىپ، ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مۇلازىمەتنى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇپ، تەمىنلىگۈچى كارخانىنىڭ ئەرز تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش تەلەپ قىلىندى.

كارخانىلارنىڭ چېگرا سىرتىغا مەبلەغ سېلىشىنى باشقۇرۇش چارىسى يولغا قويۇلدى

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئېلان قىلغان «كارخانىلارنىڭ چېگرا سىرتىغا مەبلەغ سېلىشىنى باشقۇرۇش چارىسى» 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ «چارە»دە ئايدىڭلاشتۇرۇلغان تۈر ئۇچۇرىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىش، يەرلىك تارماق دەسلەپكى قاراپ چىقىش، دوكلاتنى يوللاپ بېرىش ھالقىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، قىسمەن ۋاقىت-قەرەل تەلەپلىرىنى بوشىتىشقاتارلىق تەدبىرلەر كارخانىلارنىڭ چېگرا سىرتىدا مەبلەغ سېلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىدۇ. «چارە» دە يەنە چېگرا سىرتىدا مەبلەغ سېلىشقا دائىر قانۇن-نىزامغا خىلاپ قىلمىشلار خاتىرىسىنى تۇرغۇزۇپ، قانۇن-نىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى بىرلىشىپ جازالاش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

سۇ ئىشلىتىش مەھسۇلاتلىرىغا سۇ ئۈنۈمى كۆرسەتكۈچى چاپلاش يولغا قويۇلىدۇ


سۈرەت: سۇ ئۈنۈمى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئاساسىي شەكلى

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق ئۈچ تارماق بىرلىكتە تارقاتقان «سۇ ئۈنۈمى كۆرسەتكۈچىنى باشقۇرۇش چارىسى» 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ يېڭى كۆرسەتكۈچتە ئىستېمالچىلارغا سۇ ئۈنۈمىگە دائىر چۈشىنىشكە ئاسان ئۇچۇرلار تەمىنلەپ بېرىلىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئىستېمالچىلار يۇقىرى ئۈنۈملۈك، سۇ تېجەيدىغان مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىشقا يېتەكلىنىپ، ياسىغۇچى كارخانا ۋە پارچە ساتقۇچى سودىگەرلەر سۇ تېجەيدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشقا رىغبەتلەندۈرۈلۈپ، سۇنى تېجەپ ئىشلىتىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

جايلاردىكى يېڭى بەلگىلىمىلەر

خاڭجۇ: 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تۇرۇش كىنىشكىسىدىكى نومۇر جۇغلانمىسىغا نوپۇسقا ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ

يېقىندا، خاڭجۇ شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى بىرلىكتە «خاڭجۇ شەھىرىنىڭ تۇرۇش كىنىشكىسىگە نومۇر بېرىپ نوپۇسقا ئېلىشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى (سىناق نۇسخا)»نى ئېلان قىلىپ، جۇغلانغان نومۇرغا نوپۇسقا ئېلىش ئىلتىماسىنىڭ ھەر يىلى 3-ئايدا بىر تۇتاش قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى. بۇ يىللىق نوپۇسقا ئېلىش ئىلتىماسىنىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە بولىدىكەن، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە قوبۇل قىلىنمايدىكەن.

شاڭخەي: ئىجتىمائىي مەبلەغ تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقتى قىسقارتىلىدۇ

3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، شاڭخەي ئىجتىمائىي مەبلەغ تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقتىنى زور نىسبەتتە قىسقارتىدىكەن. بۇندىن كېيىن، شاڭخەي شەھىرى ئىجتىمائىي مەبلەغ تۈرلىرىنى سانائەت تۈرى، كىچىك تۈر، باشقا ئىجتىمائىي مەبلەغ تۈرى قاتارلىق تۈرلەرگە ئايرىپ، يەرگە ئېرىشكەندىن تارتىپ تاكى قۇرۇلۇش ئىجازەتنامىسىنى ئالغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى ھۆكۈمەت تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقتىنى پىرىنسىپ جەھەتتىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 15، 35 ۋە 48 خىزمەت كۈنىدىن ئاشۇرۇۋەتمەيدىكەن.

خېيلۇڭجياڭ: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەتىگەنلىك مەكتەپكە كېلىش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلىدۇ

خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا، ئۇيقۇسىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 3-ئاينىڭ 1-كۈنى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، ئۆلكە بويىچە بارلىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەتىگەنلىك مەكتەپ كېلىش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرۈپ، ئەسلىدىكى سەھەر سائەت 7:10 ئۆتكەندىن كېيىنكى ئوخشاش بولمىغان ۋاقىتلارنى ئۆلكە بويىچە بىر تۇتاش سەھەر سائەت 8:00 گە ئۆزگەرتىشنى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سەھەر سائەت 6:30 ئۆتكەندىن كېيىنكى ئوخشاش بولمىغان مەكتەپ كېلىش ۋاقتىنى كەينىگە سۈرۈپ، ئۆلكە بويىچە بىر تۇتاش سەھەر سائەت 7:30 غا ئۆزگەرتىشنى قارار قىلغان.

شەنشى: ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئالاھىدە مۇھاپىزەت تەمىنلەپ بېرىلىدۇ

«شەنشى ئۆلكىسىنىڭ ئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگىكىنى قوغداش ئالاھىدە بەلگىلىمىسى» 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. بۇ «بەلگىلىمە»دە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ھەيز، ئېغىر قات، تۇغۇت ۋە ئېمىتىش مەزگىلىدىكى ئاياللارغا ئالاھىدە ئەمگەك مۇھاپىزىتى تەمىنلەپ بېرىش ئايدىڭلاشتۇرۇلغان، يەنەئايال ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ توي، تۇغۇت ئىشلىرىغا شەرت قويۇش ياكى شەكىل ئۆزگەرتىپ شەرت قويۇش قىلمىشلىرىغا يول قويماسلىق ئالاھىدە تەلەپ قىلىنغان.

خېنەن: ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش نىزامى يولغا قويۇلىدۇ

«خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش نىزامى» 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. بۇ «نىزام»دا باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتى تەپسىلىيلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تۈزەش بويىچە باھالاش نەتىجىسىنى ھۆكۈمەت تارمىقى ۋە ئۇنىڭ مەسئۇللىرىنى سىناش، باھالاش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش ئايدىڭلاشتۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلمىشلار يۈز بەرسە، تىجارىتىنى توختىتىش، ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىپ رەتكە سېلىش، تاقاش، چېقىۋېتىش قاتارلىق جازا تەدبىرلىرىنى قوللىنىش بەلگىلەنگەن.

چۇڭچىڭ: 65 ياشتىن ئاشقانلار ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ھەقسىز ئولتۇرىدۇ

«چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ ياشانغانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش نىزامى» 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. «نىزام»دا شەھەر بويىچە ياشانغانلارنىڭ ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىلىرىگە ھەقسىز ئولتۇرۇش، باغچىلار ۋە ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىغا بېلەتسىز كېرىش ياش چەكلىمىسى ئەسلىدىكى 70 ياشتىن 65 ياشقا تۆۋەنلىتىلگەن. «نىزام»دا يەنە كېسەل بولۇپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان ياشانغان ئاتا-ئانىسىغا قاراۋاتقان يالغۇز پەرزەنتلەرنىڭ ھەر يىلى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 10 كۈن مائاشلىق كۈتۈش رۇخسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن.

گۇيجۇ: ئورگان ئىشلىرى قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

«گۇيجۇ ئۆلكىسىنىڭ ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى» 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. بۇ «چارە»گە ئاساسەن، ئۆلكە بويىچە تېجەشلىك ئورگان قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلۇپ، جامائەت كۈتۈۋېلىش خىراجىتى قاتتىق تىزگىنلىنىدىكەن ۋە ئازايتىلىدىكەن، ئىشخانا كۆلىمى قاتتىق تەكشۈرۈپ بېكىتىلىدىكەن، ئىشتات-ئۆلچەمدىن يۇقىرى ماشىنا سەپلەش، ھۆكۈمەت ماشىنىسىنى خۇسۇسىي ئىشلىتىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدىكەن.

فۇجيەن: 11 تۈرلۈك يېمەكلىككە قارىتا تېگىنى سۈرۈشتۈرۈپ باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ

«فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۇچۇرلىرىنىڭ تېگىنى سۈرۈشتۈرۈپ باشقۇرۇش چارىسى» 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. بۇ «چارە»دە، ئاشلىق، ياغ، كۆكتات، مېۋە-چىۋە، سۇ مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق 11 تۈرلۈك يېمەكلىككە قارىتا ”بىر مەھسۇلاتقا بىر نومۇر“ بېرىپ، بىخەتەرلىكى ئۇچۇرى بويىچە تېگىنى سۈرۈشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە دائىر ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى ۋە نازارەت قىلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش بەلگىلەنگەن.

شېنجېن: ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدا لەيلىمە ھەق نىسبىتى يولغا قويۇلىدۇ

«شېنجېن شەھىرىنىڭ ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى لەيلىمە ھەق نىسبىتىنى باشقۇرۇش چارىسى» 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. شېنجېن شەھىرى ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى لەيلىمە ھەق نىسبىتىنى يولغا قويۇپ،ئوتتۇرىچە ھەق نىسبىتى سەۋىيەسىنى %20 ئۆپچۆرىسىدە تۆۋەنلىتىشنى كۆزلىگەن. «چارە» بويىچە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە چىقىم قىلىش ۋە تاپشۇرۇش نىسبىتى تۆۋەن بولغانلىرى ئەڭ كۆپ بولغاندا ھەق نىسبىتىنى %50 تۆۋەنلىتىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن؛ چىقىم قىلىش ۋە تاپشۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى بولغانلىرىنىڭ ھەق نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %150 ئۆستۈرۈلىدىكەن.

SEBILER





سالونىمىزدىكى نادىر مەزمونلار

DHA زادى قانداق نەرسە؟

يانفۇن كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىرنەچچە خىل كىسەللىكلەر

قارىماققا پاكىزە، ئەمما ساغلاملىقىڭىزغا تەسىرى بار 7 خىل ئادەت

80% ئانىلارنىڭ بوۋىقىنى زاكىلاشتىكى خاتالىقلىرى-بىلمەي يۈرۈپتۇق

ئوماقلىرىڭىزغا نەچچە ياشتاكالتەئىشتان كىيدۈرسىڭىزبولىدۇ؟

您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存