查看原文
其他

بالىلارنى كۆكتات يىېيشىكە قانداق كۆندۈرۈش كېرەك؟

2015-12-16 sebiler



ئاتا ئانىلار بالىلىرىنىڭ كۆكتات يېمەيدىغانلىقىتىن قايغۇرۇشۇپ ، قانداق قىلغاندا بالىلىرىنىڭ كۆكتاتقا ئامراق بولىدىغانلىقىنى بىلمەي قالىدۇ . ئەمەلىيەتتە ، بالىلارنىڭ كۆكتات يىېيىشىنى خالىماسىلىقى كۆپنىچە ئاتا ئانىنىڭ بالا بېقىش ئۇسۇلىنىڭ نامۇۋاپقىلىقى تۈپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ . بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ، توغرا بولغان بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلىنى يىېتىشىتۈرۈشىنى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە تەرەپتىن باشلاش كېرەك ..



1 . ئىمكانقەدەر بالدۇرراق ھەرىكەتلىنىپ ، تەرتىپىلىك ھالدا ئاستا ئاستا بېرىش ..بالا تۇغۇلۇپ بىر ئايلىق بولغاندىن كىېىيىن كۆكتات شىرنسى بېرشىكە بولىدۇ ، ئاندىن ئاستا ئاستا ئۇشىشاق ئېزىلگەن كۆكتات قىيامىنى بېرىشكە باشىلىسا ، بالىلار بىلىپ بىلمەي كۆكتاتقا ئامراق بولۇپ قالىدۇ .

2 . تۈرلىرىنى ئۆزگەرتىپ ، يېڭى كۆكتات بېرىش ..ئاتا ئانىلار قورۇما قورۇغاندا توختىماسىتىن تۈرىنى ئۆزگەرتىپ ، خىلمۇخىل قورۇما قورۇش ، شۇنداقلا تاماق بەرگەن ۋاقىتتا ئاۋۋال كۆكتاتنى ئاندىن گۆش ، تۇخۇمىنى بېرىش كېرەك . بۇ خىل ئۇسۇل ناھايتى ئۈنۈملۈك .

3 . تەربىيىنى ئاۋۋال ئۆزىدىن باشلاپ سەممىيىلىك بىلەن يېتەكچىلىك قىلىش ..بەزى ئاتا ئانىلار ئۆزلىرى كۆكتات يېمەي تۇرۇپ ، بالىلىرىنى كۆكتات يىېيىشىكە مەجبۇرلايدۇ . بۇ ناھايتى تەس ئىش . ئاتا ئانىلار چوقۇم ئۆزىدىن باشلاپ، كۆكتاتنى كۆپرەك يىېيىش . بالىلار ئىش ئۇققاندىن كىېىين ئۇلارغا توختىماسىتىن كۆكتات يىېيىشىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى سۆزلەپ سىڭدۈرۈش كېرەك . ئشەنچىمىز كامىلكى ، بۇخىل ئۇسۇلىنى قوللانغاندىن كىېىيىن بالىلار چوقۇم كۆكتاتقا ئامراق بولۇپ كىېتىدۇ.

您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存