查看原文
其他

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى تەۋرەتكەندە نېمىگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

2015-12-16 sebiler


كۆپلىگەن بوۋاقلار ئانىنىڭ قۇچاقلاپ ئاستا تەۋرىتىشىنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن ياش ئاتا - ئانىلار بوۋاق توختىماي يىغلىغاندا ياكى ئۇخلىيالمىغاندا بالىنى تەۋرىتىدۇ، قانچە قاتتىق يىغلىسا شۇنچە تەۋرىتىدۇ، ئۇلار بۇنداق قىلغاندا بوۋاقنى تىنچلاندۇرغىلى ياكى ئۇخلاتقىلى بولىدۇدەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش بوۋاققا ئىنتايىن زىيانلىق بولۇپ، ھەتتا تەۋرىتىش ئومۇمىي كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ باش سۆڭىكى يوغان، ئېغىرراق، بوينى ھەم يۇمشاق بولغانلىقتىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلىق مەزگىلىدە، بوۋاقلار ئۆزلۈكىدىن بېشىنى قوغدىيالمايدۇ، شۇڭا قاتتىق تەۋرىتىش بالىنىڭ مېڭىسىدە قاتتىق سوقۇلۇش كۈچى پەيدا قىلىپ، مېڭە توقۇلمىلىرى بىلەن باش سۆڭىكى ھەم مېڭە توقۇلمىلىرى ئارىسىدا سوقۇلۇش پەيدا بولۇپ، باش سۆڭىكى ئىچىدىنقان چىقىشنى، يېنىكرەك بولغاندا مېڭە سىلكىنىش، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇشقاتارلىقلارنى، ئېغىر بولغاندا پۇت - قول پالىچى، مېڭىگە سۇ يىغىلىش ھەتتا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ خىل كېسەللىكنىڭ زىيىنى ئىنتايىن چوڭ لېكىن ئادەتتە روشەن ئىپادىسى يوق. شۇڭا ئاسانلىقچە ئاتا - ئانىلارنىڭ دىققىتىنى تارتالمايدۇ. شۇڭلاشقائامالىنىڭ بارىچە قاتتىق تەۋرىنىشتىن ساقلاپ، بوۋاقنى كۆتۈرگەن ۋە تەۋرەتكەندە خاتالىق سادىر قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.


您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存