查看原文
其他

بوۋاقلارنىڭ يېڭى چىش چىقىش مەزگىلىدىكى ساغلاملىق توغۇرسىدا

2015-12-16 sebiler


بوۋاقلارغا چىش چىقىش مەزگىلىدە ئوزۇقلۇق تولۇقلاش، يېمەكلىكلەرنىڭ ئۆزگىرىشى بوۋاقلارنىڭئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بوۋاقلارغا قاچاندىن باشلاپ چىش چىقىشقا باشلايدۇ؟بۇ مەزگىلدە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ بوۋاقنىڭ چىش ئۆسۈشىنىڭ ئاستا بولۇشى نېمە سەۋەبتىن؟ ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسى ئېغىزبوشلۇقى بۆلۈمىنىڭ ۋېراچى گۈلپىيە مۇنداق دېدى: -بوۋاق تۇغۇلۇپ تۆت ئايدىن ئالتە ئايغىچە بولغان مەزگىلدە چىش چىقىشقا باشلايدىغان بولۇپ، بۇنى سۈت چىش دەيمىز. سۈت چىش ئادەتتە 20 تال بولۇپ، سۈت چىش چۈشكەندىن كېيىن تۇراقلىق چىش (ئۆمۈرلۈك چىش)تىن 32 سى چىقىدۇ. بەزى بوۋاقلار 10 ئايلىق بولغاندا ئاندىن سۈت چىش چىقىشقا باشلايدۇ، بۇ نورمال ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بەزى بوۋاقلار 12 ئايلىق بولغاندىمۇ چىش چىقمايدۇ، ئەگەر بۇ خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، چوقۇم دوختۇرخانىغا ئاپىرىپسە ۋەبىنى تېپىش ۋە ۋاقتىدا داۋاسىنى قىلىش كېرەك. بوۋاقلار ئىككى ياشقا كىرگەندە چىش چىقىپ بولىدۇ. بوۋاقلارغا يېڭىدىن چىش چىقىشقا باشلىغاندا قىزىش، يىغلاڭغۇ،تېرىككەك بولۇپ قېلىش، شۆلگىيى ئېقىپ قېلىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.


بوۋاقلار يېڭى چىش چىقىشقا باشلىغاندا قولىغا چىققانلىكى نەرسىنى ئاغزىغا سېلىۋالىدۇ، بۇ مەزگىلدەئاتا-ئانىلار ئىلگىرىكى يۇمشاق بۇلماق تۈرىدىكى يېمەكلىكلەردىن يېرىم قاتتىق يېمەكلىكلەرنى بېرىشكە ئۆزگەرتسە بولىدۇ، ئەمما ئوزۇقلۇق قىممىتى ھەم ئاسان ھەزىم بولۇشىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. بوۋاقلارغا چىش چىقىشنىڭ ئاستا بولۇپ قېلىشنىڭ تۆت خىل سەۋەبى بار: ئېرسىيەت، كېيىنكى مۇھىت ئامىلى، كېسەللىك، سىرتقى زەخمە ياكى ياللۇغلىنىشتۇر. بوۋاقلارنىڭ ئۇخلاش ھالىتىنىڭ توغرا بولماسلىقى، ئېغىزىدانەپەسلىنىشى، ئۇخلاشتىن بۇرۇن كەمپۈت يېيىش ۋە چىش چوتكىلىغاندا كۈچەپ چوتكىلاش،شۇنداقلا قالايمىغان چىش كولاش قاتارلىق مەسىلىلەر بوۋاقلار چىشىنىڭ ساغلاملىقىغاتەسىر يەتكۈزىدۇ.



您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存