سېزىكلىكىڭىز بەك قاتتىقمۇ ؟
ئەمەلىيەتتە، سېزىكلىك ئالامىتى ئۆزلۈكىدىن ئاستا – ئاستا ئاجىزلاپ يوقاپ كېتىدۇ. بۇنىڭغا ئالاھىدە داۋالاش كەتمەيدۇ، پەقەت يېمەك – ئىچمەك ئادىتىنى مۇۋاپىق تەڭشىسىلا بولىدۇ.1.ئادەتتە ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تاماقنى زىيادە كۆپ يېۋىلىپ، سىڭدۈرەلمەي قېلىشتىن، ئۇزاق مۇددەت ئاچ قورساق يۈرۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك.2.ئەتىگەندە ئىمكانقەدەر ياغسىز تاماق يېيىش كېرەك. ئادەتتە ئاچچىق، ئالاھىدە پۇراقلىق نەرسىلەردىن، ياغلىق يېمەكلىكلەردىن ئامال بار ئۆزىنى قاچۇرۇش كېرەك.
3.غىزالانغاندا كۆپ سۇ ئىچمەسلىك كېرەك. ھامىلىدار ئاياللار ئۇسسۇزلۇقنى، ئەڭ ياخشىسى، ئىككى ۋاخ تاماق ئارىلىقىدا ئىچىش، چۈنكى غىزالانغاندا سۇ مىقدارى كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ ئاشقازان، ئۈچەينى ئاغرىتىپ، ياندۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار يەنە ۋاراڭ – چۇرۇڭ ۋە ھاۋاسى ناچار يەرلەردە ئىمكانقەدەر غىزالانماسلىقى كېرەك.ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ھامىلىدارلارنىڭ ئىشتىھاسى ياخشى بولماي، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر قىلمايدۇ ۋە خەتەرلىك ئەھۋالنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. بىراق ياندۇرۇشنى توختىتىش دورىسىنى خالىغانچە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئەگەر ياندۇرۇش بەك ئېغىر بولۇپ كېتىپ، كوللاپىس كۆرۈلسە، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ياندۇرۇشنى توختىتىش دورىسىنى ئىشلەتسە بولىدۇ。