查看原文
其他

بالىڭىز ناشتا قىلىشقا ئۇنمىسا قانداق قىلىش كېرەك

2016-01-04 sebiler


ئادەتتە بالىلاركۆپىنچە ناشتا قىلغىلى ئۇنىمايدۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇنىڭدىن بەكمۇ بېشى قاتىدۇ.ھەتتا « مۇشۇنى يىمىسەڭ تالاغا چىقمايسەن» دىگەندەك تەھدىتلەرنى سېلىپمۇ باقىدۇ،ئەمما يەنىلا تاماق يىگۈزەلمەيدۇ. ئەگەر بالىڭىز ناشتىلىق يىگىلى ئۇنىمىسا،تۆۋەندىكى ئۇسۇللارنى سىناپ كۆرۈڭ.

1.ناشتىلىقنى رەڭگارەڭ قىلىپ تەييارلاڭ. كۈندە بىر خىل تاماقنى بېرىۋەرمەڭ. دائىم بىر خىلدىكى تاماقنى بېرىۋەرسىڭىز، بالا بىر نەچچە قېتىم يەپلا زېرىكىدۇ-دە، تاماقتىن چىقىپ قالىدۇ

2.بالىنىڭ كۆزىگە كىرىۋالماڭ، ئۇنى ئۆز ئىختىيارىچە، ئەركىن- ئازادە تاماق يېگىلى قويۇڭ.

3 . ناشتىلىقنىڭ مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتمىسۇن. ئادەتتە بالىلار كۆپىنچە چۈشلۈك تاماقنى كۆپرەك يەيدۇ. ئەتىگەنلىك تاماق بالىنى يىتەرلىك ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلىيەلىسىلا بولدى.«ھەممىنى يەۋېتىسەن» دەپ بېشىدا تۇرۇۋالماڭ.

4. ناشتىلىقنى بالا بىلەن دەرقەمتە ئولتۇرۇپ يەڭ. ئادەتتە ئائىلە ئەزالىرى بىرگە ئولتۇرۇپ كۆڭۈللۈك تاماق يېيىش ئادەمنىڭ ئىشتىيىنى ئاچىدۇ.
5.ئەنئەنىۋى تاماقلارنى بېرىۋەرمەڭ، ناشتىلىقنىڭ تۈرىنى كۆپەيتىڭ.
يۇقىردا دەپ ئۆتكۈنىمدەك بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلشىدىكى تاماقلىنىش ئادىتى بەكمۇ مۇھىم ، كونىلاردا ئېيىتقاندەك كوچىدىكى تاماق ئەقىلنى كىسىدۇ دېگەن ھەرگىزمۇ بىكا ئەمەس بالىڭىزئۈچۈن ناشتلىق تەييارلاش سىزدىن كۆپ ۋاقىت ۋە زېھىن تەلەپ قىلمايدۇ ، سىز پەقەت ئەستايىدىل ئادەت يىتىلدۈرۋالسىڭىزلا بالىڭىزنىڭ ھەر بىر ئادىتىدىن تولۇق بەھىرلىنەلەيسىز، ھەم ئۇنى تولۇق قوغدىيالايسىز.


سالونىمىزنى قوللاپ قۇيۇڭ



您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存