查看原文
其他

بالىڭىزنىڭ تىلى ئاسان چىقماۋاتامدۇ؟

2016-01-12 sebiler


بالىڭىزنىڭ تىلى ئاسان چىقمايۋاتامدۇ ؟



بالىلارغا سوسكا ئەمدۈرۈش بەلكىم ئۇلارنىڭ يىغىسىنى توختىتىشقا پايدىلىق بولسا كېرەك، ئەمما ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىلار ئۈچ ياشتىن بەش ياشقىچە بولغان 128 بالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق يەكۈن چىقاردى: دائىم سوسكا ئىمىدىغان، سوسكا تاپالمىسا بارمىقىنى شورايدىغان بالىلارنىڭ تىلى ئاسان چىقمايدۇ، چىقسىمۇ تىل ئارقىلىق ئىپادىلەش ئىقتىدارى باشقا بالىلارغا قارىغاندا ئۈچ، تۆت ھەسسە تۆۋەن بولىدۇ.
بۇ تەتقىقاتقا مەسئۇل پروفېسسور باپوسسا مۇنداق دېدى: ئۈچ ياشقا قەدەر سوسكا ئەمگەن ياكى بارمىقىنى شورايدىغان بالىلارنىڭ تىل ئۆگىنىش ئىقتىدارى بەكلا تۆۋەن بولىدىكەن، بىراق ئانىسىنى ئاز بولغاندىمۇ توققۇز ئاي ئەمگەن، شۇنىڭدىن كېيىن سوسكا ئەمگەن ياكى سۈت بوتۇلكىسى ئارقىلىق ئىچىشنى ئۆگەنمىگەن بالىلارنىڭ تىلى بەك ئاسان چىقىدىكەن، تىل بايلىقى مول، ئىدىيەنى تىل ئارقىلىق ئىپادىلەش ئىقتىدارى يۈكسەك بولىدىكەن.









您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存