查看原文
其他

قورقۇتۇش بالىلارنىڭ خارەكتېرساغلاملىقىغا زىيانلىق

2016-01-13 sebiler


قورقۇتۇش بالىلارنىڭ خارەكتېرساغلاملىقىغا زىيانلىق

ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى گەپكە كىرگۈزەلمىگىنىدە ھەر خىل گەپلەر بىلەن ئۇلارنى قورقۇتۇشى بىزگە نورمال ئىشتەك بىلىنىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بالىلارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا تول



ىمۇ زىيانلىق، بۇ ئۇلارنى جۈرئەتسىز قىلىپ قويىدۇ. بولۇپمۇ «تېز ئۇخلا، بولمىسا بۆرىگە تاشلاپ بېرىمەن»، «يەنە يىغلىساڭ دوختۇر كېلىپ ئۇكۇل سالىدۇ» دېگەندەكسۆزلەر بالىلارنىڭ سەبىي قەلبىگە يارا سېلىپ، ئۇلارنى قورقۇنچ ۋە ئەندىشە ئىچىدەيۈرىدىغان قىلىپ قويىدۇ، بۇنداق بالىلار چوڭ بولغاندا قورقۇنچاق بولۇپ قالىدۇ. بەزىئاتا - ئانىلار ھەتتا بالىلارنى ئۇلارنى ئاجىزلىقىدىن



پايدىلىنىپ قورقىتىدۇ. يەنى بالىلارنىڭ قاراڭغۇدىن قورقىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنى قاراڭغۇ ئۆيگە سولاپ قويىدۇ؛ ياخشى كۆرىدىغان ئويۇنىنى ئويناشتىن چەكلەيدۇ، بۇلار بالىلاردا خارەكتېرئاجىزلىقىنى پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى ھەمىشە قورقۇپ، تەتىرەپ يۈرىدىغان قىلىپ قويىدۇ.ئۇخلاشتىن بۇرۇن قورقۇتۇلغان بالا كېچىچە قورقۇپ ئۇخلىيالمايدۇ، بۇ ئىش داۋاملىشىۋەرسە بالىلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان يېتىدۇ. دېمەك، بالىلارنى قورقۇتۇش ئۇلارنىڭ فىزولوگىيە ۋە پىسخىك جەھەتتە يىتىلىشىگە نىسبەتەن ئىنتايىن زىيانلىق.






您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存