查看原文
其他

بالىلار قان سىيسە قانداق قىلىش كېرەك

2016-01-13 sebiler




بالىلار قان سىيسە قانداق قىلىش كېرەك



مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا «بالىلاردىكى تۇيۇقسىز قان سېيىش ئەھۋالى كۆرۈلىدىغان، ئەمما ياللۇغ قايتۇرىدىغان دورا يېسىلا ساقىيىپ كېتىدىغان» كېسەللىك ئالامىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىشتى: «ئەگەردە بالىلاردا قان سېيىش ئالامىتى كۆرۈلسە، ئالدى بىلەن جەمەتىدە بۆرەك كېسىلى (بۆرەككە تاش چۈشۈش كېسىلى) بار ياكى يوقلۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ئاندىن بالىنىڭ بەدىنىنى تەكشۈرتۈش، سۈيدۈكىنى ئانالىز قىلدۇرۇش ۋە سۈيدۈكتىكى كالتىسىينى تەكشۈرتۈش زۆرۈر».

مۇتەخەسسىسلەر يەنە مۇنداق دېيىشتى: «خەلقئارالىق تەكشۈرۈش قائىدىسى بويىچە بولغاندا، بۇ خىل ئەھۋال ئالتە ئايدىن ئارتۇق داۋام قىلسا، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئۇسۇل بويىچە دەرھال تەكشۈرتمەي بولمايدۇ؛ بىراق ناۋادا B ئاپپاراتتا تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى باشقىچە بولمىسا، بالىنىڭ بۆرىكىنى ئىنچكىلەپ تەكشۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق؛ ئەگەر بۆرەكتە ئۆسمە بارلىقى پەرەز قىلىنسا، بالىلارنى تەجرىبىلىك دوختۇرلارغا تەكشۈرتۈپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەمدە ۋاقتىدا داۋالىتىش ئىنتايىن مۇھىم».  


您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存