قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيتىنى ئۆستۈرگىلى
قانداق قىلغاندا بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؟
قانداق قىلغاندا
بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ؟
مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئىيتىشىچە ئوقۇشتىن ئىلگىرى بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ،پىسخىك پائالىيىتى جەھەتتىنمۇ ياخشى بولىدىكەن ،ئەگەر بالىلار ئەسلىيەلمەي قالسا قايتا -قايتا شۇ ئىشنى قىلدۇرۇپ ياكى دىگۈزۈپ بالىلارنىڭ ئەسلەش ۋە ئۆگىنىش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كىرەك.
ئۇنداقتا بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ يىتىلىدۇ؟
1.بوۋىقىڭىزنىڭ ئىسمىنى چاقىرغان ۋاقىتتىن باشلىنىدۇ،بوۋىقىڭىز يىشىغا توشۇشىغا ھەم گەپ قىلىشنى ئۆگىنىشكە باشلىغاندا بالىنىڭ دىققىتى مەركەزلىشىدۇ،ھەم بالىڭىزنىڭ ئىسمىنى توختىماي چاقىرىپ بەرسىڭىز،توختىماي ئاپىڭىز قىنى ؟ دادىڭىز قىنى؟ئىسمىڭىز نىمۇ؟ دەپ تۇختىماي گەپ قىلىپ بەرسىڭىز بالىڭىزنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئۆسىدۇ.
2.ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشنى مەشىق قىلدۇرۇش.تەتقىقاتتا بايقىلىشچە ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بالىلارنىڭ بىر كۈندىكى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئەڭ ياخشى پەيىتكەن ،بۇ ۋاقىتتا بالىڭىزغا كۆپرەك ھىكايە ئىيتىپ گەپ قىلىپ بەرگەندە بالىلارنى ئۆگىنىشكە قىزىقتۇدۇش ،ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى تىخىمۇ ياخشى ئۆستۈرگىلى بولىدىكەن.
3.ئەستە تۇتۇش ساغلاملىق ھەركەتلىرىنى كۈندە بىر قىتىم ئىشلەپ بىرىش كىرەك. بالىلار تۆت ياشقا كىرگەن ۋاقىتتىن باشلاپ كۈندە بىگىز بارماق بىلەن ئوتتۇرا بارماقنى جۇپلاپ بالىڭىزنىڭ ئارقا مىڭىسىنى 3-5مىنۇتقىچە يەڭگىل ئۇۋلاپ بەرگەندە ھەم بالىڭىزنىڭ باش شەكلىنىڭ چىرايلىق ھەم مىڭىسىنىڭ ئۆتكۈر چوڭ بولۇشىغا پايدىسى كۆپ بولىدىكەن.
4.غەيرى ئويۇنچۇقلا بىلەن بالىڭىزنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈڭ.قۇراشتۇرۇش ،رەڭلىك ئويۇنچۇقلانى قۇراشتۇرۇپ بىرىپ ،بالىڭىزغا قايتا قۇراشتۇرغۇزۇش ،قىلالمىسا قايتا قىلدۇرۇش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش كىرەك.
ئومومەن قىلىپ ئىيىتقاندا،بالىڭىز يىشىغا تۇشۇشىغا باشلاپ توختىماي گەپ قىلىپ بىرىش ،ھىكايە ،ناخشا ئىيتىپ بىرىش بالىلارغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇپ بىللە ئويناش ئارقىلىق بالىڭىزنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش كىرەك.