查看原文
其他

بوۋاقنىڭ پۇتى ئەگرى بولىشى نورمال ئەھۋالمۇ ؟

2016-02-15 sebiler

بالىنىڭ پۇتىنىڭ ئەگرى بولىشى نورمال. بۇنداق بولىشى ھامىلە بالىياتقۇ ئىچىدە تۈگۈلۈپ تۇرىدۇ، ئىككى پۇتى ئېگىلگەن ھالەتتە بولىدۇ، بوۋاقنىڭ مۇسكۇلىنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولمىغانلىقتىن، سۆڭىكىنىڭ كۈچىمۇ بىر قەدەر ئاجىز بولىدۇ. شۇڭا بوۋاقنىڭ پۇتىمۇ ئەگرى بولىدۇ. بوۋاقنىڭ داۋاملىق ئۆسۈپ يېتىلىشىگە، ئولتۇرۇشتىن ئۆرە تۇرۇش ۋە مېڭىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، پۇتى تەبىئىيلا تۈزلىنىدۇ.

چوڭلار يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ پۇتىنى تېڭىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندىلا پۇتىنىڭ مايماق بولۇپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمىلىيەتتە بۇ خىل قاراش توغرا ئەمەس. مەنمۇ بالام تۇغۇلغاندا، ئاپامنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يۆگەككە چىڭڭىدە زاكىلاپ باققان ئىدىم. تېخى پۇتىنى ئايرىپ تېڭىۋېلىپ ئاندىن قوللىرىنىمۇ تۈزلەپ تېڭىپ زاكىلايتتىم. ئەمما بالام زاكىلىساملا قىمىرلاپ جىم ياتمايتتى. ئاستىنى قۇرۇقداش ئۈچۈن زاكىدىن يەشكەن چاغلىرىمدا بولسا پۇت قوللىرىنى سوزۇپ كېرىلىپ راھەتلىنىپ كېتەتتى. بالامنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ پۇت قوللىرىنى ئەركىن قويۇپ بېرىپ، يۆگەككە بۆلىمەي چوڭ قىلىشنى ئويلاشقا ھەم ئاپامغا شۇنداق قىلىش ئويۇمنى ئېيتقان چاغدا، ئاپام پەقەتلا قوشۇلمىدى. بالىنى زاكىلىمىساق پۇتى مايماق بولۇپ قالسا قانداق قىلىمىز؟ كېيىن ۋاي ئىسىت دېگەن بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ دەپ تۇرىۋالدى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ مەنمۇ تازا خاتىرجەم بولالماي زاكىلاۋەردىم. بالام 42 كۈنلۈك بولغاندا ئانا بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسغا بالامنى بەدەن تەكشۈرتۈش قىلغىلى ئاپام بىلەن بىللە باردىم. نۆۋەت بىزگە كەلگەندە، دوختۇر بالىنىڭ پۇت قول ھەرىكىتىنى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ يۆگەكتىن ئايرىشقا بۇيرىدى. مەن ئەمدى سىرتىدىكى يۆگەكنى قايرىشىمغا چىڭڭىدە تېڭىۋەتكەن بالىنى كۆرۈپلا :“ بىچارە بالىنى نىمانداق قىينايسىلەر؟ سىلەرنىڭ پۇت قولۇڭلارنى مەھكەم تېڭىپ قويسا بەك راھەتلىنىپ كېتىدىغان ئوخشىمامسىلەر؟ بوۋاقلارنىڭ پۇت قولى ئەركىن قويىۋېتىلىپ بېقىلسا، بەدىنىنىڭ تەرەققىياتىمۇ ياخشى بولىدۇ. ھەم راھەت ئۇخلايدۇ. ..“ دەپ سۆزلەپلا كەتتى. مەن دوختۇرغا پۇتى مايماق بولۇپ قالمىسۇن دەپ شۇنداق قىلغانلىقىمىزنى ئېيتتىم. دوختۇر ھەيران قېلىپ، بۇ گەپنىڭ قىلچىمۇ ئاساسى يوقلىقى، ئەگەر ئىرسىيەت ئامىلى بولسا ئاندىن مايماق بولۇپ قالىدىغانلىقى،بولمىسا ھەرگىزمۇ مايماق بولۇپ قالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن شۇندىلا خاتىرجەم بولدۇم ھەم شۇنىڭدىن باشلاپ بالامنى تاڭماي چوڭ قىلدىم. بالام ھازىر بىر يېرىم ياشقا كىردى. پۇتى شۇنچىلىك تۈز.

ئەمىلىيەتتە پۇتنى تېڭىش بوۋاقنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي يەنە قان ئايلىنىشغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. داۋاملىق تېڭىلسا، بوۋاق سۆڭىكىنىڭ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۆڭگەچ بوغۇمىنىڭ چىقىپ قېلىشى قاتارلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


بەزى ئاتا ئانىلار بوۋاقنىڭ پۇتىنىڭ ئەگرى بولىشى كالتىسينىڭ كەم بولىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىدۇ دەپ ئويلايدۇ. بۇ كالتىسي بىلەن مۇناسىۋەتسىز. بوۋاقلاردىكى كالتىسىي كەملىكىتىن كېلىپ چىققان راخت كېسىلى ئاساسلىقى باش سۆڭىكى يۇمشاق بولۇشتا ئىپادىلىنىدۇ. راخت كېسىلىدىن كېلىپ چىققان پۇتىنىڭ ئەگرى بولىشى بالا مېڭىشقا باشلىغاندىن كېيىن كۆرىلىدۇ. سۆڭەك يۇمشاق بولغانلىقى ۋە مۇسكۇل، بوغۇملار بوش بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆرە تۇرۇش ۋە مېڭىشنىڭ تەسىرىدە پەيدىنپەي پۇتنىڭ غەيرى يېتىلىشى كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا، بوۋاقنىڭ پۇتىنىڭ ئەگرىلىكىنى كۆرۈپلا بوۋاققا دەرھال كالتىسي تولۇقلاشقا ئالدىرىماسلىق كېرەك. بۇنداق قىلىش بوۋاققا ئارتۇقچە يۈك بولىدۇ.




您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存