بۇ يىل ھۆكۈمەت ئىسىم-فامىلىدىكى چېكىت مەسىلسىنى ھەل قىلىدۇ
بۇ يىل ھۆكۈمەت ئىسىم-فامىلىدىكى چېكىت مەسىلسىنى ھەل قىلىدۇ
مەنبەسى:شىنجاڭ ئىقتىساد تورى
3-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىلى» سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ يىل، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئىنكاس قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىسىنى ئاپتونوم رايون قاتلىمىدا تۇرۇپ ھەل قىلىشنىڭ 27 تۈرلۈك تەدبىرىدە مۇنۇلارنى ئايدىڭلاشتۇرغان: بۇ يىل شىنجاڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت كىشىلىرىنىڭ گۇۋاھنامىلىرىدىكى قېلىپلاشمىغان، بىر تۇتاش بولمىغان مەسىلىلەر ئالدىنئالا ھەل قىلىنىدۇ.
ئۇزۇندىن بۇيان، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ پاسپورت، كىملىك قاتارلىق گۇۋاھنامىلىرىدە تەلەپپۇزى ئوخشاش خېتى ئوخشىمايدىغان، خەت ئارتۇق ياكى كەم بولۇپ قالىدىغان، فامىلە بىلەن ئىسىم ئالمىشىپ قالىدىغان، ئىسىم-فامىلە ئوتتۇرىسىدىكى «•» نىڭ قېلىپسىزلىقى ۋە بىر تۇتاش بولماسلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدا، بولۇپمۇ چېگرادىن كىرىپ چىقىش ئىشلىرىدا ھەر-تۈرلۈك قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا ئاممىنىڭ ئىنكاسى ناھايىتى كۈچلۈك. بۇنىڭغا نىسبەتەن، بانكا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردە تېزدىن بىر تۇتاش ئۆلچەم قوللىنىش، پاسپورت، ئىككىنچى ئەۋلاد كىملىكنى ھەقسىز ئالماشتۇرۇپ بېرىش، شىنجاڭ ئىچىدە بۇ مەسىلىنى ئالدىنئالا ھەل قىلىش كېرەك.