查看原文
其他

ئاش تۇزى باھاسى 2017-يىلدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلەيدۇ

2016-10-11 英吉沙零距离

 


تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: ئاش تۇزى باھاسى 2017-يىلدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلەيدۇ

تەمىناتنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ

مەنبە: خەلق تورى

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇزچىلىق تۈزۈلمە ئىسلاھاتى لايىھەسىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 2017-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئاش تۇزىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش، توپ سېتىش ۋە پارچە سېتىش باھاسىنى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىتىشنى قارار قىلدى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 9-ئۆكتەبىر جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاش تۇزى باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئائىت مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى، ئالاقىدار مەسئۇل كىشى كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ ئاش تۇزى بازىرى ۋە باھاسىنىڭ ئاسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈردى


  قىسمەن كىشىلەرنىڭ ئاش تۇزى باھاسىنى قويۇۋەتكەندىن كېيىن ئۆرلىشى مۇمكىن دېگەن ئەندىشىسىگە قارىتا، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: تۇزچىلىق تۈزۈلمە ئىسلاھاتى لايىھەسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، تۇز بازىرىنىڭ تەمىناتى تولۇق كاپالەتلىنىپ، ئادەتتىكى ئاش تۇزىنىڭ باھاسىدا پەۋقۇلئاددە ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئېلىمىزنىڭ تۇز بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، كۆپ يىلدىن بۇيان تۇزچىلىق كەسپىدە تۇزنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى سېتىلىشىدىن كۆپ بولدى. 2015-يىلى ئېلىمىز 113 مىليون 450 مىڭ توننا يىرىك تۇز ئىشلەپچىقىرىپ، ئىستېمال مىقدارى 88 مىليون 760 مىڭ توننا بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاش تۇزىنىڭ ئىستېمال مىقدارى 10 مىليون توننا ئەتراپىدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئېلىمىز ئاش تۇزى بازىرىنىڭ تەمىنات سۇبيېكتى بىر قەدەر كۆپ، تىزىملاپ رويخەتكە ئالدۇرغان تۇزچىلىق ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىدىن 300 ئەتراپىدا، تۇزچىلىق ئوبوروت كارخانىسىدىن 4000دىن ئارتۇقى بار



精彩回顾


英吉沙县做好对口援疆工作打造民族团结工程记实

我们的“十·一”是这样过的

英吉沙县隆重举行升国旗仪式 庆祝中华人民共和国成立67周年


来源:人民日报维吾尔版

投稿邮箱:212388232@qq.com

投稿热线:0998-3628355



您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存