查看原文
其他

خاسىيەتلىك كېمە-11 ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسى قويۇپ بېرىلدى

2016-10-17 英吉沙零距离

 



خاسىيەتلىك كېمە-11 ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى، لى كېچياڭ، ليۇ يۈنشەن بېيجىڭدا قويۇپ بېرىش ئەھۋالىنى كۆردى

مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «خاسىيەتلىك كېمە-11» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسى «ئەرش ئوردىسى»غا قاراپ يۈرۈپ كەتتى، ئېلىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى يېڭى سەپەرگە ئاتلاندى. «ئەرش ئوردىسى-2» بىلەن كېسىشتۈرۈپ تۇتاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان «خاسىيەتلىك كېمە-11» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسى 17- ئۆكتەبىر سائەت 7:49دە، جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن بەلگىلەنگەن ئوربېتىغا كىرىپ، ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقتى. ھىندىستاندا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 8- قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىۋاتقان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شۇئان تەبرىك خېتى ئەۋەتتى


  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن بېيجىڭدا ئالەم كېمىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىش ئەھۋالىنى كۆردى


  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: «خاسىيەتلىك كېمە-11» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتىم، تەتقىقات، سىناققا قاتناشقان بارلىق خادىملار ۋە ئۇچقۇچىلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە سەمىمىي ھال سورايمەن


  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «ئەرش ئوردىسى-2» بىلەن «خاسىيەتلىك كېمە-11» ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئۇچۇش ۋەزىپىسى، ئېلىمىز ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ ئوربېتىدا تۇرۇشىنى تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقئارا ئىلىم-پەن ئالدىنقى ساھەسى ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات يۆنىلىشى گەۋدىلەنگەن بىر تۈركۈم بوشلۇق ئىلىمى ۋە ئەمەلىي ۋەزىپىلىرىنى ئورۇندايدۇ، بۇ ئېلىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم كېمىسى قۇرۇلۇشىدا يېڭى مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ



精彩回顾


英吉沙县全民免费健康体检全面开始

英吉沙县新型农村合作医疗 构筑群众健康绿色屏障

英吉沙县启动“三进两联一交友”活动


来源:人民网维吾尔文版

投稿邮箱:212388232@qq.com

投稿热线:0998-3628355



您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存