其他
بۇ 56 خىل دورا ئۆلچەمگە يەتمىدى
بۇ 56 خىل دورا ئۆلچەمگە يەتمىدى
يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسى تارقاتقان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دورا سۈپىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»دا 17 تۈرلۈك لاياقەتسىز دورا ئاشكارىلانغان. سالون ئىزدەش نامى: htrbwwwx
ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسى ھەر قايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لىك يېمەكلىك دورا نازارەت قىلىش باشقۇرۇش تارماقلىرى، دورا پرىيوم ئاپپاراتلىرىنى تەشكىللەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دورا ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساتىدىغان كارخانىلار ۋە ئىشلىتىدىغان ئورۇنلاردىكى دورىلارنى نازارەت قىلغان، ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرگەن. نازارەت قىلىش، ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش خىمىيىلىك دورىلار، جۇڭيى دورىلىرى، ئانتىبىئوتىك دورىلار، بىئو خىمىيەلىك دورىلار قاتارلىق تۆت خىل تۈرگە چېتىلغان بولۇپ، پرىيوم قىلىش ئارقىلىق ئىككىنچى تۈركۈمدە 17 تۈرلۈك دورىنىڭ بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يەتمىگەنلىكى ئېنىقلانغان. سالون ئىزدەش نامى: htrbwwwx
بۇنىڭدىن سىرت، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسى يەنە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى، جۇڭيى دورىلىرىنىڭ سۈپىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتقان بولۇپ، 39 تۈرلۈك لاياقەتسىز دورا ئاشكارىلانغان.
ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسى ھەر قايسى ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لىك يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش تارماقلىرى، دورا پرىيوم ئاپپاراتلىرىنى تەشكىللەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دورا ئىشلەپچىقىرىدىغان، ساتىدىغان كارخانىلار ۋە ئىشلىتىدىغان ئورۇنلاردىكى جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى، جۇڭيىچە دورىلارنى نازارەت قىلغان، ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرگەن. پرىيوم قىلىش ئارقىلىق ئىككىنچى تۈركۈمدە جەمئىي 39 تۈرلۈك جۇڭيى دورا ماتىرىيالى ۋە جۇڭيىچە دورىنىڭ بەلگىلەنگەن ئۆلچەمگە يەتمىگەنلىكى ئېنىقلانغان. سالون ئىزدەش نامى: htrbwwwx
ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئىدارىسى ئالاقىدار كارخانىلار بار جايلاردىكى يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش ئورۇنلىرىنى نازارەت قىلىش، ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈشتە ئۆلچەمگە يەتمىگەن مەھسۇلاتلار ۋە ساتىدىغان، ئىشلىتىدىغان ئورۇنلارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا بۇيرىغان.
来源:最后一公里
编 辑:雷 婷
审 核:陈 友 昌
投稿邮箱:212388232@qq.com