其他
ئۈزۈمنىڭ شىپالىق رولى
1. ئۈزۈم شىرنىسىدىن 150 گرام ، نىلۇپەر يەر ئاستى غولىنىڭ شىرنىسىدىن 100 گرام تەييارلاپ ، ئىلمان قايناقسۇغا سېلىپ ئىچىپ بەرسە سۈيدۈك يوللىرى يۇقۇملىنىشنى ، كىچىك تەرەت ئۈزۈلۈپ قىلىش ۋە ئاغرىتىپ كېلىشىنى ئۈنۈملۈك داۋالايدۇ .
2. ياۋا ئۈزۈم پىلىكىدىن 100 گرام ، قۇرۇق ئۈزۈمدىن 50 گرام ئېلىپ سودا پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىسا، رىماتىزىم خاراكتېرلىك بۇغۇم ئاغرىش ۋە يەللىك ئىشش ، سۈيدۈك ئاز بۇلۇش كېسەللىكىنى ئۈنۈملۈك داۋالايدۇ . تىرىپى بىلەن يەرلىك ئورۇنغا ئىسسق ئۆتكۈزسىمۇ بۇلىدۇ .
3. ئۈزۈم شىرنىسىدىن يېرىم ئىستاكان ، زەنجىۋىل شىرنىسىدىن بىر قۇشۇق تەييارلاپ ، ئىلمان قايناقسۇغا سېلىپ ئىچسە ، كۆڭلى ئېلىشش ، ھۆ بۇلۇشقا ئۈنۈمى بۇلىدۇ .
4. ئۈزۈمدىن 150 گرام ، بىجىقتىن 15–20 تال ئېلىپ يۇيۇپ ئىزىپ شىرنىسىنى قايناقسۇ بىلەن بىرگە ئىچىپ بەرسە ، يۇقىرى قان بىسىمنى داۋالايدۇ .
5. قۇرۇق ئۈزۈمدىن بىر ئوچۇم ، ئالقاتتىن ئىككى قۇشۇق تەييارلاپ ، سۇدا پىشۇرۇپ ، ئازراق ھەسەل سېلىپ ئىچسە ، قان ئازلىق ، نېرۋا ئاجىزلىق ، ھېرىش ، چارچاشتىن بولغان ئونىۋېرسال كېسەللىكلەرگە شىپا بۇلىدۇ .
6. قۇرۇق ئۈزۈمدىن 60 گرام ، چىلاندىن 15 تال ، لىمون دەرىخىدىن 2–1 تال يالپاقچە تەييارلاپ ، سۇدا قاينىتىپ ئازراق ھەسەل قۇشۇپ ئىچىپ بەرسە ، بالا تەۋرەشنى ئۈنۈملۈك داۋالايدۇ .
7 . قۇرۇق ئۈزۈمدىن 60 گرام ، ئىۋفۇرىيە لۇڭيەن قۇۋزىقىدىن 15 گرام ، ئۈجمىدىن 5 گرام ئېلىپ سۇدا پىشۇرۇپ ئىچسە ، قان ئازلىق ، باش قېيىش ، تەن ئاجىزلىق ، پۇتى ئىسسىماسلىق كېسىلىنى داۋالاشقا ئۈنۈمى بۇلىدۇ .
8. قۇرۇق ئۈزۈمدىن بىر ئۇچۇم ، پىياز گۈلىدىن 20 گرام ، گۈرۈچتىن 50 گرام تەييارلاپ ، شوۋىگۈرۈچ قىلىپ ئىچىپ بەرسە ، ئۆپكە زەئىپلىششتىن بولغان يۆتەل ، قان ئارىلاش بەلغەم بەلغەم كېلىش ، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىقلارنى ئۈنۈملۈك داۋالايدۇ .
9. ئۈزۈم شىرنىسى بىلەن شېكەر قۇمۇش شىرنىسىدىن يېرىم پىيالە تەييارلاپ ، ئىلمان قايناقسۇغا ئارىلاشتۇرۇپ ، ئازراق ھەسەل قۇشۇپ ، چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە ، ئاۋاز تۇتۇلۇش ، ئۇسساش ، چوڭ تەرەت يېرىك كېلىش ، ھاراق زەھىرىنى قايتۇرۇشقا داۋا بىلىدۇ .
10. قۇرۇق ئۈزۈمدىن 50 گرام ، ئالقاتتىن 10 گرام ، پونستىن بەش گرام تەييارلاپ ، دەملەپ مۇۋاپىق مىقتاردا ھەسەل قۇشۇپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە ، كۆز قۇرغاقلىشىش ، كۆرۈش كۈچى ئاجىز بۇلۇشنى ئۈنۈملۈك داۋالايدۇ .
编 辑:张 邵 倩
审 核:陈 友 昌
投稿邮箱:212388232@qq.com