其他

​3-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى قىممەتلىك مېتاللار سودا تەھلېلى

2018-03-23 ILKAN.CN ILKAN益利康快讯



2018-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

ئاساسىي ئانالىز

جۈمە(3-ئاينىڭ23-كۈنى) ئاسىيا سودا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ ئەڭ يۇقىرى 1339دوللار ئەتراپىغا چىقىپ، 1340دوللاردىكى توسالغۇ نۇقتىسىغا ئۇچرىغان، ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغان. پەيشەنبە(3-ئاينىڭ22-كۈنى) ئالتۇن باھاسى ئەڭ يۇقىرى باھا 1334دوللارغا چىقىپ، ئارقىدىن ئەڭ تۆۋەن 1324دوللار ئەتراپىغىچە چۈشكەن، تۈنۈگۈن دوللارنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن، بىراق پاي چېكى بازىرىنىڭ چوڭ دائىرىدە چۈشۈپ  كېتىشى ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشىنى چەكلەپ قويدى. بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكا چىداملىق بۇيۇملار زاكاز تالون ئايلىق نىسبىتى، ئامېرىكا پۈت كەن ئۆي سېتىش سانلىق مەلۇماتى, 2018-يىللىق ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاشكارا بازار كومىتېتى بېلەت كومىتېتى، ئاتلانتا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى Raphael Bostic ئىقتىسادنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا مۇھىم سۆزى قاتارلىقلار. 

مەشغۇلات باسقۇچى   

1.پەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىش دائىرىسى 1334دوللار بىلەن 1325دوللار ئارىلىقىدا بولدى، تۈنۈگۈن ئاسىيا سودا بازىرىدا بازار كۆزىتىشنى ئاساس قىلدۇق، چۈشتىن كېيىن ياۋروپا سودا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1333-1335ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز، پۇرسەت بەرمەسلىكىدىن ئەندىشە قىلغانلار بالدۇرراق سودىغا كىرسەكمۇ بولىدۇ دېگەن ئىدۇق، ئەڭ يۇقىرى 1331.5دوللار ئەتراپىدا چۈشۈشكە ئېلىشقا پۇرسەت بەردى، پايدىسىنى 1328دوللار ئەتراپىدا چىقىرىشقا ئەسكەرتتۇق، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا 1335-1333دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز پۇرسەت بەرمەسلىكىدىن ئەندىشە قىلغانلار 1دوللار بالدۇر كىرسەكمۇ بولىدۇ دېگەن ئىدۇق، ئەڭ يۇقىرى 1332دوللار غىچە چۈشۈشكە ئېلىشقا پۇرسەت بەردى، بۇ ماللارنىڭ پايدىسىنى 1327دوللار ئەتراپىدا چىقاردۇق، چۈشۈش مېلىنى چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن قايتا 1332دوللارغا چىققاندا يەنە چۈشۈشكە مال قوشۇپ پايدىسىنى 1328دوللار ئەتراپىدا چىقىرىشقا ئەسكەرتتۇق، ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىلى بويىچە سودا قىلغان بولساق، 9دوللار غىچە پايدا ئالغان بولىمىز.

  2. بۈگۈن كۈندۈزى تەرەپتە سودا قىلغاندا  تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە  ئىلىشنى ئاساس قىلىمىز. سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛  

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار: 1342    1340 

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ .  قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى:  8588854-0991 ، 8588824-0991

2018-يىلى3-ئاينىڭ23-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

ئاساسى ئانالىز

خەلقئارا كۈمۈش باھاسى جۈمە كۈنى (3-ئاينىڭ 23-كۈنى) ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا كىچىك دائىرىدە ئۆرلەپ 16.51 دوللار ئەتىراپىدا تەۋرەندى. تۈنۈگۈن كەچتە تىرامىپ جۇڭگونىڭ 60 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى مەھسۇلاتىغا تاموژنا بىجى ئىلىش توغرىسدىكى بۇيرۇقنى ئىلان قىلدى،  جۇڭگو سودا مىنىستىرلىقى ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ 3مىليارد دوللار قىممىتىدىكى مەھسۇلاتىغا تاموژنا بىجى قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇڭگو- ئامېرىكا سودا ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى پاي چىكى بازىرى زور كۆلەمدە تۆكمە قىلىپ سېتىشقا ئۇچرىدى، بۇنىڭ بىلەن كۈمۈش باھاسى ئۆرلىدى، بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا چىداشلىق بۇيۇم زاكاس تالونى قاتارلىق ئىقتىسادى سانلىق مەلۇمات ئىپادىسى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاتلانتا فىدراتىسىيە رەئىسى ئىقتىسادنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا سۆز قىلىدۇ.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە

1.پەيشەنبە كۈنى كۈمۈش باھاسى 16.32-16.60 دوللار ئەتىراپىدا تەۋرىنىش ئىلىپ باردى، پەيشەنبە كۈنى كۈندۈزلۈك بازاردا سودا قىلغاندا ئوتتۇرا مەزگىللىك ئۆسۈش ماللىرىنى چىقىرىشنى ئاساس قىلىمىز، ئوتتۇرا مەزگىللىك ئۆسۈشكە ئالغانلار 16.60-16.50 ئارىلىقىدىكى باھالاردا  قولىمىزدىكى ئۆسۈش مېلىنى چىقارساق بولدۇ دېگەن، كۈندۈزى تەرەپتە 16.55 ئەتراپىدا ئوتتۇرا مەزگىللىك ئۆسۈش ماللىرىنى چىقىرىشقا ئەسكەرتىش بەردۇق؛ ياۋروپا بازىرىدا كۈمۈش باھاسىنى 16.60-16.57 ئەتىراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن، چۈشتىن كېيىن 16.55 ئەتراپىغىچە پۇرسەت بەردى، چۈشۈشكە ئالغان ماللارنى كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا 16.50 ئەتراپىدا چىقىرىپ تۇرۇشقا ئەسكەرتىش بەردۇق، ئەگەر مۇشۇ تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولساق 5 نۇقتا پايدا ئالغان بولىمىز. كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا 16.50-16.60 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ،تەھلىلدىكى باھالارغا پۇرسەت بەرمىدى.

2.بۈگۈن كۈندۈزلۈك بازاردا تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە ئىلىشنى  ئاساس قىلىمىز؛ كونكېرىت سودا تەھىلىلى ھەر قايسى qq vip توپلېرىغا يوللىنىۋاتىدۇ.

ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى :9942.90توننا 

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار : 16.70

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى:  8588854-0991 ، 8588824-0991

2018-يىلى 3-ئاينىڭ23-كۈنى نېفىت سودا تەھلىلى

      

ئاساسىي ئانالىز

پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا 5‏-ئايلىق WTI قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.87 دوللار تۆۋەنلەپ، 64.30 دوللار\باك بوللدى. برېنت 5‏-ئايلىق قەرەللىك نېفىت باھاسى 0.56 دوللار تۆۋەنلەپ، 68.91 دوللار\باك بولدى. سودا ئۇرۇشى خەتىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىشى ئامېرىكا پايچىكىنىڭ چوڭ كۆلەمدە تۆۋەنلىشى نېفىتقا ئوخشاش خەتىرى بولغان مۈلۈكلەرگە ئەندىشە پايدا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېىركا نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئۆرلىشى ئېلىپ كەلگەن ئەندىشە كەيپىياتى يەنىلا ئېغىر بولدى، بۇنىڭدىن باشقا دوللار باھاسىنىڭ كىچىك كۆلەمدە ئۆرلىشىمۇ مەلۇم دەرىجىدە نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈش بوشلۇقىنى كېڭەيتتى. ئامېرىكا WTI قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەن باھا 64.23 دوللار\باك بولدى، برېنت قەرەللىك نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەن باھا 68.58 دوللار\باك بولدى.

مەشغۇلات باسقۇچى

1.پەيشەنبە كۈنى نېفىت باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 64.14-65.74 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا 65.3 ئەتراپىدىكى باھادىن يېنىك چۈشۈشكە مال ئالدۇق، چۈشتىن كېيىنكى ياۋروپا بازىرىدا قولىمىزدىكى ماللارنى 65.1-64.7 ئەتراپىدىكى باھالاردا قولىمىزدىن چىقاردۇق، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا بازار ئەھۋالىنى كۆزۈشتۈشنى ئاساس قىلىمىز. تۆنۈگۈنكى تەھلىل بويىچە قىلىنغان نېفىت سودىسىدىن جەمئىي 0.6 دوللار ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى.

2.بۈگۈن نېفىتنى سودا قىلغاندا يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە ئاساس قىلىمىز.قالغان تەپسىلىي سودا مەشغۇلاتى ھەر قايسى qq vip توپلىرىغا يوللىنىدۇ.

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار64.5

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

 ئىلكان كاپىتالى

ئەڭ يېڭى ئىقتىساد خەۋەرلىرى ھەممىسى بۇ يەردە، دوستلىرىڭىزغا تەۋسىيە قىلىپ قۇيۇڭ!

نى ئۇزۇن بېسىپ - 识别图中二维码  سالونىمىزنى قوشۇۋىلىڭ


SalonName: UYALTUN

Web: WWW.ILKAN.CN , WWW.UYALTUN.COM

Tel:400-600-7242,0991-7652058,      0991-8588824, 0991-8588854

Mob:13999992412 (Aliya) , 

        13999992420 (Nebi)

سالوننىڭ تەرەقىياتى ئۈچۇن ئاستىدىكى ئىلاننى چىك

ىپ قۇيۇڭ

↓↓↓

您可能也对以下帖子感兴趣

文章有问题?点此查看未经处理的缓存